قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

دېھقانلار دېھقانچىلىق پەيتىنى چىڭ تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا ئەتراپلىق تەييارلىق قىلدى

2019-02-21 17:08:09     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:

ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەزگىلىنىڭ يېقىنلاپ كىلىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى يېزا ئىگىلىك پۇل- مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيا ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا ھەر جەھەتتىن ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلىشقا تەييارلاندى، دېھقانلار دېھقانچىلىق پەيتىنى چىڭ تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا ئەتراپلىق تەييارلىق قىلدى.

باھارنىڭ بېشىدىلا، بورتالا يېزا سودا بانكىسى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقىنى قوللاشنى تۇنجى پەسىللىك يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، ئالدى بىلەن كرېدىت كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، مەبلەغ سېلىنمىسىنى ئاشۇردى. بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، بورتالا يېزا سودا بانكىسىنىڭ بىلىن خارمودۇن تارماق بانكىسىدا قەرز پۇل كەسپنى بېجىرگىلى كەلگەن دېھقانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. بورتالا شەھىرى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ 200 دىن ئارتۇق ئەزاسى بار. بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى بۇلتۇر 16 مىڭ مو يېرىنى ئوبوروت قىلغان بولۇپ، بۇ يىل يەنە 5 مىڭ مو يېرىنى ئوبوروت قىلىشنى پىلانلىدى. ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى سۈن يىڭچۈن مۇنداق دېدى: بۇ يىل بىز بانكىدىن 14 مىليون 800 مىڭ يۈەن قەرز ئالدۇق، بۈگۈن بانكىغا يەنە 6 مىليون 300 مىڭ يۈەن قەرز پۇلى ئىلتىماس قىلدىم. يېزا سودا بانكىسىنىڭ قوللىشىدا، بۇ يىل يەنە تېمىتىپ سۇغۇرۇش تاسمىسى زاۋۇتى قۇردۇق، بۇ نەتىجىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ.

يېزا ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يېڭى پەيتىدە، بورتالا يېزا سودا بانكىسى باقمىچىلىق ۋە تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىسى، ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قاتارلىق يېڭىچە يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىنى ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق كۆرۈش بويىچە قەرز پۇلى بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ئۇلارنى مۇۋاپىق كرېدىت ياردىمى بىلەن تەمىن ئەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاز سوممىلىق قەرز ئالغان دېھقانلارغا قارىتا «يېزا ئىگىلىك قەرز پۇلى» بويىچە قولايلىق قەرز بېرىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ، دېھقانلارنىڭ تېرىقچىلىق ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى. بۇ يىل بورتالا شەھەرلىك يېزا سودا بانكىسى دېھقانلارغا 1 مىليارد يۈەن ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق كۆرۈش قەرز پۇلى بېرىشنى پىلانلىدى. ھازىرغىچە، دېھقانلارغا بېرىلگەن قەرز پۇل 560 مىليون يۈەنگە يەتتتى. ئېشىپ قالغان 440 مىليون يۈەن يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش قەرز پۇلىنىڭ 4- ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە تارقىتىلىپ بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.

ھازىر دەل ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق كۆرۈشتىكى ھالقىلىق مەزگىل. قۇتۇبى ناھىيەسىدىكى ھەر قايسى يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشياسى مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، سۇلياۋ يوپۇق، خىمىيەۋى ئوغۇت قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيا مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقارماقتا. مۇشۇ ئاينىڭ 18- كۈنى مۇخبىر قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ دافېڭ بازىرىدىكى «خۇيفېڭ» سۇلياۋ بۇيۇملىرى زاۋۇتىدا، 3 سۇلياۋ يوپۇق ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ۋە 6 تېمىتىپ سۇغىرىش تاسمىسى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنىڭ 24 سائەت ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى كۆردى. باش دىرېكتور جاڭ شيۇرەن مۇنداق دېدى: زاۋۇتىمىزنىڭ كۈندىلىك سۇلياۋ يوپۇق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 10 توننىغا يېتىدۇ. بىز ئىشلەپچىقىرىشنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە سۈپەتكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، سۇلياۋ يوپۇق ئىشلەپچىقىرىشتا مىقدارنى ئاشۇرۇپلا قالماي، سۇلياۋ يوپۇقنىڭ ئېلاستىكىلىقى، سوزۇلۇشچۈنلىقى ھەم كونىراپ كېتىشكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇردۇق. ھازىر سۇلياۋ يوپۇقتىن 800 توننا، تېمىتىپ سۇغىرىش تاسمىسىدىن 15 مىڭنى ئىشلەپچىقاردۇق. بىز 3-، 4- ئايلاردا دېھقانلار يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋالغاندا، دېھقانلارنى مال بىلەن تولۇق تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىمىز.

بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى يېزا ئىگىلىك ماددى ئەشيالىرى بازارلىرىمۇ جانلىنىپ كەتتى. مۇخبىر ئاۋات ناھىيەسىنىڭ «يۇڭشىن» سودا شەھەرچىسىدىكى بىر يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى سېتىش دۇكىنىدا قىسقىغىنە يېرىم سائەتتە دۇكانغا ئون نەچچە دېھقاننىڭ ئوغۇت، ئۇرۇق، سۇلياۋ يوپۇق قاتارلىقلارنى سېتىۋالغىلى كەلگەنلىكىنى كۆردى. گۈلزار ئابلا ئاۋات ناھىيەسىنىڭ بەشئېرىق بازىرى سوغۇچى قاراتال كەنتىنىڭ ئاھالىسى بولۇپ، بۇلتۇر ئۇ 46 مو يېرىگە كېۋەز تېرىپ، 39 مىڭ يۈەن ساپ كىرىم قىلغانىدى. بۇ يىل ئۇ بالدۇرلا ناھىيە بازىرىغا بېرىپ، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن بۇ يىل بالدۇرلا ئۇرۇق، خىمىيەۋى ئوغۇت، سۇلياۋ يوپۇق قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىپ، بۇ يىللىق ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا ئەتراپلىق تەييارلىق قىلدىم، بۇ يىل ياخشى ھوسۇل ئېلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى دۇكىنىنىڭ ئىگىسى ئۆمەرجان سەمەت مۇنداق دېدى: يېقىندا 500 توننىدىن ئارتۇق يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشياسى، جۈملىدىن ئوغۇت، ئۇرۇق، سۇلياۋ يوپۇقلارنى ساتتىم. 3- ئاينىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر 2 مىڭ توننا يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشياسىنى سېتىشنى مۆلچەرلىدىم، بازار بۇلتۇرقىدىن ياخشىراق بولىۋاتىدۇ.

دېھقانلارنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان قىلمىشلارنىڭ يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى، يېزا ئىگىلىك تارماقلىرى ھەمكارلىشىپ، ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى بازىرىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى بازىرىنى كىرگۈزۈش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ساختا، ناچار مەھسۇلاتلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى بازىرىنىڭ تىجارەت تەرتىپىنى قوغدىدى. ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى شەھەر- بازارلاردىكى مەركىزىي بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ باشلىقى سادىرجان قادىر مۇنداق دېدى: تەكشۈرۈش جەريانىدا، بىر قىسىم تىجارەتچىلەردە بەزى مەسىلىلەرنىڭ ساقلانغانلىقىنى بايقىدۇق. مەسىلەن، سېتىلغان خىمىيەۋى ئوغۇتلارنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتى بولماسلىق، بەزى ئۇرۇقلارنىڭ بەلگىسى ئېنىق بولماسلىق قاتارلىقلار. بىز ئۇلارغا دەرھال تۈزىتىش ئۇقتۇرۇشى چۈشۈردۇق. كېيىنكى قەدەمدە نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشياسى سودىگەرلىرىنىڭ سەمىمىي تىجارەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئۈچۈن ياخشى تىجارەت مۇھىتى يارىتىمىز.

تەرجىمان: مېھراي ئوسمان 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى