قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش سېپىدىكى ۋەتەنپەرۋەر زات دۇ جۇڭيۈەن

2019-02-21 17:10:35     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

دۇ جۇڭيۈەن، ئەسلى ئىسمى دۇ چيەنشۆ، 1898- يىلى تۇغۇلغان. 1917- يىلى ياپونىيەگە ئوقۇشقا بېرىپ، «21 ماددا» غا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، 1922- يىلى ئۇ توكيودا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى جاھانگىرلىككە قارشى نامايىش قىلىشقا تەشكىللىگەن، ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى سۈپىتىدە ۋەتەنگە قايتىپ، شىمالىي مىلىتارىستلار ھۆكۈمىتىگە ئېتىراز بىلدۈرۈش تەلىپىنى قويغان.

«18ـ سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن، دۇ جۇڭيۈەن بېيپىڭغا بېرىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، شەرقىي شىمال خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش جەمئىيىتىنىڭ غوللۇق رەھبىرىگە ئايلانغان.

1934- يىلى 2- ئايدا، شاڭخەيدە «يېڭى ھايات» ھەپتىلىك ژۇرنىلىنى چىقىرىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇشنى پائال تەشۋىق قىلىپ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تېنچلاندۇرۇش سىياسىتىگە قارشى تۇرغان. 1936- يىلى كۈزدە، شىئەنگە بېرىپ، جاڭ شۆلياڭ، ياڭ خۇچېڭ قاتارلىق ئىككى گېنىرالنىڭ بىرلىشىپ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇشىنى قوللىغان.

1939- يىلى، دۇ جۇڭيۈەن شېڭ شىسەينىڭ تەكلىپىگە بىنائەن شىنجاڭ شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى بولغان. دۇ جۇڭيۈەن شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش، گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن، ماۋ دۇن قاتارلىق داڭلىق ئالىملارنى شىنجاڭ شۆيۈەنىگە كېلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا تەكلىپ قىلغان ھەمدە ئامال- چارىلەرنى قوللىنىپ، ئىچكىرىدىن نۇرغۇن كىتاب ماتېرىيال ۋە ئوقۇتۇش سايمانلىرىنى سېتىۋالغان.

1940- يىلى 5- ئايدا، دۇ جۇڭيۈەن ئىلغار ئىدىيەنى تەشۋىق قىلىدىغان ماقالىلەرنى ئېلان قىلغانلىقتىن، مىلىتارىست شېڭ شىسەينىڭ ئۆچمەنلىك قىلىشىغا ئۇچراپ، قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان. شېڭ شىسەي «ۋەتەن خائىنى» دېگەندەك بەتناملارنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، دۇ جۇڭيۈەننى تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن ۋەھشىي قىيناپ سوراق قىلىپ، ئىقرار قىلىشقا قىستىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ باشتىن- ئاخىر قەتئىي تىز پۈكمىگەچكە، مەخپىي زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان.

تەرجىمان:  مەمەت ئەۋەل

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى