قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تىز پۈكمەيدىغان «قىزىل ئائىلە باشقۇرغۇچى» ماۋ زېمىن

2019-02-22 11:25:30     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چاڭشا، 2- ئاينىڭ 19- كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىر شۈەي سەي). قىش كۈنلىرىدىكى شاۋشەنچۇڭدا ساياھەتچىلەر مىغ- مىغ ئىدى، يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسىغا كىرگىنىمدە، ساياھەتچىلەر چۈشەندۈرگۈچىنىڭ ئەينى يىلى ماۋ زېدۇڭ ئاشخانىدىكى مەشنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، چوڭ ئىنىسى ماۋ زېمىن، كىچىك ئىنىسى ماۋ زېتەن ۋە نەۋرە سىڭلىسى ماۋ زېجيەنگە ئىنقىلاب داۋلىسىنى سۆزلىگەنلىكى توغرىسىدىكى ھېكايىسىنى ئەستايىدىل ئاڭلاۋاتاتتى. شاۋشەندە ماۋ زېمىن قاتارلىق ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ھېكايىسى كىشىلەر ئارىسىدا كەڭ تارقالغان.

  ماۋ زېمىن 1896- يىلى تۇغۇلغان، خۇنەن شياڭتەن شاۋشەندىن. 1921- يىلى ئىنقىلابغا قاتنىشىپ، ناھايىتى تېزلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. 1925- يىلى 2- ئايدا ئاكىسى ماۋ زېدۇڭغا ئەگىشىپ شياڭتەن، شياڭشياڭغا بېرىپ دېھقانلار ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان، شۇ يىلى 9- ئايدا گۇاڭجوۋ دېھقانلار ھەرىكىتى كۇرسىغا كىرىپ ئوقۇغان. ئارقىدىن، ماۋ زېمىن شاڭخەي، ۋۇخەن، تيەنجىن قاتارلىق جايلاردا يۆتكىلىپ يۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مەخپىي خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان.

  1931- يىلىنىڭ بېشىدا، ماۋ زېمىن مەركىزىي ئىنقىلابىي تايانچ بازىغا كىرىپ، فۇجيەن- گۇاڭدۇڭ- جياڭشى ھەربىي رايونى ئىقتىساد بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان. 1931- يىلى ماۋ زېمىن جۇڭخۇا سوۋېت جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق مەركىزىي ھۆكۈمىتى بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى بولغان، ئۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پۇل مۇئامىلە ئىختىساسلىقلىرى ئېغىر كەمچىل بولۇش، تەييارلىق فوندى بولماسلىق، سوۋېت رايونىدا كۆپ خىل پۇل قالايمىغان ئوبوروت قىلىنىش قاتارلىق قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلغان.

  1933- يىلى 5- ئايدا، ماۋ زېمىن قوشۇمچە فۇجيەن- جياڭشى ئۆلكىسى سوۋېت ھۆكۈمىتى مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى بولغان، 1934- يىلى 9- ئايدا قوشۇمچە دۆلەت تاشقى سودا باش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى بولۇپ، سوۋېت رايونىنىڭ بانكا، مالىيە، سودا، زاۋۇت- كان قاتارلىق ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. 1934- يىلى 10- ئايدا، قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىشقا مەجبۇر بولغان، سوۋېت مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت بانكىسى 15- دادۈينى تەشكىللىگەن، ماۋ زېمىن دادۈيجاڭ، قوشۇمچە مۇسادىرە قىلىش- توپلاش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئالدىن ئەۋەتىلگەن تۈەننىڭ مۇئاۋىن تۈەنجاڭى، باش تەمىنات مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى بولغان. شۇ چاغدا كىشىلەر 15- دادۈينى «ئەپكەش ئۈستىدىكى دۆلەت بانكىسى» دەپ ئاتىغان بولۇپ، ئۇزۇن سەپەردە توشۇش، يەرلىك زومىگەرلەرنى يوقىتىش، ئاشلىق توپلاش، پۇل توپلاش، تەمىناتقا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق مۈشكۈل ۋەزىپىلەرنى ھەل قىلغان. 1936- يىلى 2- ئايدا، ماۋ زېمىن جۇڭخۇا سوۋېت ئىشچى- دېھقانلار دېموكراتىك ھۆكۈمىتى خەلق ئىگىلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى بولغان.

  ماۋ زېمىن ئۇزاق مەزگىل مالىيە چوڭ ھوقۇقىنى تۇتقان بولسىمۇ، لېكىن ناھايىتى پاك- دىيانەتلىك بولۇپ، زەررىچە چاڭ- توزاننى ئۆزىگە قوندۇرمىغان، ئۇ دائىم مۇنداق دەيتتى: «بىر يارماقنىمۇ قالايمىقان خەجلەشكە بولمايدۇ، رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشى كېرەك. بىز ئىشچى- دېھقانلار ئۈچۈن پۇل باشقۇرىمىز، قىزىل ئارمىيە ئۈچۈن مالىيە باشقۇرىمىز، چوقۇم ئىقتىسادچىل، تېجەشلىك بولۇشىمىز كېرەك!»

  پۈتۈن مەملىكەتتە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن، 1938- يىلى 2- ئايدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن، ماۋ زېمىن ئىسمىنى جوۋ بىنغا ئۆزگەرتىپ، چېن تەنچيۇ قاتارلىق يولداشلار بىلەن شىنجاڭغا كېلىپ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ئىشلىگەن، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ شىنجاڭ ئۆلكىلىك مالىيە نازارىتى، خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ نازىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. كىشىنى ئېچىندۇرىدىغىنى شۇكى، 1942- يىلى شىنجاڭدىكى مىلىتارىست شېڭ شىسەي شىنجاڭدا كوممۇنىستلارنى قولغا ئېلىپ ئۆلتۈرگەن. 1942- يىلى 9- ئاينىڭ 17- كۈنى، ماۋ زېمىن ۋە چېن تەنچيۇ قاتارلىق كومپارتىيە ئەزالىرى ئەكسىيەتچىل مىلىتارىست شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.

  تۈرمىدە، دۈشمەنلەر ماۋ زېمىن قاتارلىقلارغا يۇمشاق ۋە قاتتىق ۋاسىتىلەرنى تەڭ ئىشلىتىپ، قاتتىق قىيىن- قىستاققا ئېلىپ سوراق قىلغان، ئۇنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدا ئاتالمىش «توپىلاڭ كۆتۈرۈش» سۇيىقەستىنى ئىقرار قىلىشقا مەجبۇرلىغان، ئۇنى «كومپارتىيەدىن ئايرىلىش»قا، كومپارتىيە تەشكىلاتىنى تاپشۇرۇشقا قىستىغان. ماۋ زېمىن قاتارلىقلار قەتئىي تىز پۈكمەي، ئۆلۈمگە پىسەنت قىلماي، قەتئىيلىك بىلەن مۇنداق جاۋاب بەرگەن: «پارتىيەدىن قەتئىي ئايرىلمايمىز، كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق ۋىجدانى بار.» «مەن كوممۇنىزملىق مەيدانىمدىن ۋاز كېچەلمەيمەن!» 1943- يىلى 9- ئاينىڭ 27- كۈنى، ماۋ زېمىن دۈشمەنلەر تەرىپىدىن مەخپىي ئۆلتۈرۈلگەن، ئەينى يىلى ئۇ 47 ياشتا ئىدى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى