قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

خۇاڭ گۇڭۋاڭ سىزغان قار

2019-02-22 12:45:43     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

1349- يىلى 1- ئايدا، 81 ياشلىق خۇاڭ گۇڭۋاڭ دوستى بەن ۋېڭجىغا بىر پارچە «قارلىق تاغ رەسىمى» نى سىزىپ بەرگەن ئىدى. ئۇ رەسىمنى سىزىشنى باشلىغاندا قار يېغىشقا باشلاپ، رەسىمنى سىزىپ بولغاندا قار توختىغان بولۇپ، بۇ «ئاجايىپ ئىش» نى خۇاڭ گۇڭۋاڭ خاتىرىسىگە يېزىپ قالدۇرغان ئىكەن. قارنى سىزىش بىلەن قار يېغىش ئوتتۇرىسىدا مەلۇم سىرلىق باغلىنىش پەيدا بولغاندەك قىلىدۇ ياكى بىر مەۋھۇم قار سۈرىتى بىلەن ھەقىقىي قار، رەسسامنىڭ قولى بىلەن باغلانغان ئىدى.

مىڭ، چىڭ سۇلالىسىدىن بۇيان، بۇ رەسىمگە «قارلىق جيۇفىڭ چوققىسى رەسىمى» دەپ يېڭى نام بېرىلگەن. بەلكىم خۇاڭ گۇڭۋاڭ ئۇزۇن مەزگىل سۇڭجياڭ رايونىدا پائالىيەت قىلغانلىقىدىن بولسا كېرەك. «جيۇفىڭ سەنماۋ» دېگىنىمىز دەل سۇڭجياڭدىكى مەشھۇر جايلارنى كۆسىتەتتى. ئەمما، رەسىمدىكى ئېگىز- پەس چوققا بىلەن قورام تاشلاردىن تۈزۈلگەن تۈۋرۈك شەكىللىك ئاساسىي تاغلارنىڭ ھەممىسى بىر غايىۋى ماكاندەك تەسۋىر بولۇپ، بۇنى رەسسامنىڭ كۆرۈش سېزىمى تەسەۋۋۇرى، دەپ قاراش كېرەك.

ۋېن جېنخېڭ «چاڭۋۇ تەزكىرىسى» دە، بىر يىلدىكى ئوخشىمىغان ۋاقىت بۆلىكىدە، ئۆيدە ئوخشىمايدىغان «مەنزىرە» رەسىملىرىنى ئېسىش كېرەكلىكى بايان قىلىنغان. «11-ئايدا قار مەنزىرىسى» نى ئېسىش كېرەك، 11- ئاي زىمىستان قىشتىن دېرەك بېرىدۇ. كىشىلەر قەھرىتان قىشتا قار يېغىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. شۇنداق بولغاندا، ئەتراپ ئاپپاق قار بىلەن قاپلىنىپ، تولىمۇ ماسلاشقان گۈزەللىكنى نامايان قىلىدۇ. ئەگەر ئۇزاققىچە قار ياغمىسسا، قار مەنزىرىسى رەسىمىنى ئېسىش ئارقىلىق قار يېغىش ئىستىكىنى نامايان قىلغان. بەن ۋېيجى خۇاڭ گۇڭۋاڭنى قارلىق تاغ سىزىپ بېرشكە تەكلىپ قىلغان. گەرچە ۋېن جېندىن 300 يىل بۇرۇن بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭدىمۇ بەلكىم مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مۇددىئا بولغان بولۇشى مۈمكىن. بۇ رەسىمنىڭ ئېگىزلىكى 117 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 55 سانتىمېتىر بولۇپ، كىتاب ئوقۇش ئۆيىدە ئېسىشقا ماس كېلىدۇ. ئۇ چاغدا 8 يىلغىچە قار ياغمىغان بولۇپ، ئويلىمىغان يەردىن خۇاڭ گۇڭۋاڭ قار رەسىمىنى سىزىشقا باشلاپلا قار يېغىشقا باشلىغان.

جۇڭگو گۈزەل سەنئەت تارىخىدىكى قارغا ئالاقىدار ئەڭ داڭلىق ئەسەر ئەمەلىيەتتە قار مەنزىرىسى رەسىمى بولماستىن، بەلكى، پەقەت 28 خەتلىك خەتتاتلىق ئەسىرى بولۇپ، بۇ قارنى كۆرۈشنىڭ قارغا بولغان تەسەۋۋۇرغا يەتمەيدىغانلىقىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. مىلادى 4- ئەسىرنىڭ مەلۇم بىر كۈنى شاۋشىڭدا، تۇرۇپ ھاۋا ئېچىلىپ، تۇرۇپ قار لەپىلدەپ چۈشۈۋاتقان بىر كۈنى ئىكەن. ۋېڭ شىجى مەلۇم ئىش سەۋەبىدىن، جاڭ فامىلىلىك بىر دوست بىلەن كۆرۈشۈشكە بارالمايدىغانلىقىنى ئېسىگە ئېلىپ، خەت يېزىپ كەچۈرۈم سوراپتۇ ھەمدە قار كۈنىدىكى سالىمىنى يوللاپ: «ۋاڭ شىجىدىن سىزگە سالام. بايا قار ياغقان ئىدى، ئەمدى ھاۋا ئېچىلىپ كەتتى. ھەممە ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولىۋاتامدۇ؟ سىزنىڭ ئىشلىرىڭىزغا ياردەم قىلالماي، بەكمۇ بىئارام بولدۇم. سىزگە سەمىمى سالىمىمنى يوللايمەن» دەپ يازغان ئىكەن. ۋاڭ شىجىنىڭ كېيىنكى ئەۋلاتلارغا قالغان ئەسەرلىرى ئىچىدە، ئېھتىمال بىر قەدەر ئۇزۇن بولغان «لەنتىڭ نەزمىسى» دىن باشقا، بۇ خەت كىشىلەرنىڭ كۆرۈش سەزگۈسى تەسەۋۋۇرىنى ھەممىدىن بەك قوزغايدىغان ئەسەر بولسا كېرەك. جاۋ مىڭفۇ بۇ ھۆسنخەتكە چوڭقۇر ئىشتىياق باغلىغان ھەمدە مەخسۇس «بايا قار ياغدى، ئەمدى ھاۋا ئېچىلدى» دېگەن خەتنى يېزىپ، خۇاڭ گۇڭۋاڭغا سوۋغا قىلغان. ھازىر ساقلىنىپ قالغان جاۋ مىڭفۇنىڭ بۇ خېتىگە خۇاڭ گۇڭۋاڭنىڭ قار مەنزىرىسى رەسىمى ماسلاشتۇرۇلغان. لېكىن، باھالىغۇچى شۈ باڭدانىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قار مەنزىرىسى كېيىن سەپلەنگەن بولۇپ، «بايا قار ياغدى، ئەمدى ھاۋا ئېچىلدى» دېگەن ئاساسىي تېما بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولۇشى مۈمكىن ئىكەن. رەسىمدىكى مەنزىزە قارلىق تاغلار بىلەن ئورالغان ئىمارەتلەر توپى بولۇپ، ناھايىتى ئالاھىدە بولغىنى، يىراقتىكى قارلىق چوققىدىن كۆتۈرۈلگەن قىزىل قۇياش. قارىماققا قار ياغقاندا ھاۋا ئوچۇق بولسىمۇ، ئەمما جىمجىت قار بىلەن قىزغىن قىزىل كۈن سېلىشتۇرما بولۇپ قالغان. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ خۇاڭ گۇڭۋاڭنىڭ كۆزى بىلەن كۆرگەن مەنزىرە ئەمەس، بەلكى قەلب كۆزى بىلەن كۆرگەن ئاجايىپ مەنزىرە.

سۇڭ سۇلالىسى دەۋرى، قار مەنزىرىسى رەسىملىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلى بولۇپ، مەخسۇس لىكسىكا شەكىللەنگەن. خەن جو «تاغ ـ دەريالار توپلىمى» دا: «قىش مەنزىرە رەسىملىرىدە، كىشىلەرنىڭ ئوچاقنى چۆرىدەپ جىم- جىت ئولتۇرۇپ، ھاراق ئىچكەن، قار كېچىپ يۈرگەن، قار مۇزلاردا كىشىلەر توڭلاپ كېتىۋاتقان، ئىشەك ھارۋىسىدا ئاشلىق توشۇۋاتقان، چەت دالىلارنى قار- مۇزلار قاپلىغان مەنزىرە تەسۋىرلىنىدۇ» دەپ يېزىلغان. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، قار زىمىستان قىشنىڭ مۇھىم بەلگىسى، قار مەنزىرىسىگە ئادەتتە سىرتقا چىققان ئادەمنى ماسلاشتۇرۇش كېرەك. مەسىلەن: قالپاق كىيىپ سەپەرگە چىقىدىغان يولۇچىلار، قار بىلەن قاپلانغان دەريا بويىدا، كېمە ساقلاۋاتقان يولۇچىلار، قار ياغقاندا شەھەر سىرتىغا چىقىدىغان ئەدىپ قاتارلىقلار. ئۇزۇن يوللۇق سەپەر ئادەتتە ئەمەلدارلارنىڭ ساياھىتى، سودىگەرلەرنىڭ مال توشۇشى قاتارلىقلار بولۇپ، قىسقا مۇساپىلىك سەپەرگە چىققاندا، دائىم ئەدىبلەر دوست- بۇرادەرلىرىنى يوقلايدۇ ياكى تاماشا قىلىدۇ. مەقسەت ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن ھەممىسى ئىجتىمائىي پائالىيەت. خان سارىيى مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى «ئۇزۇن كۆۋرۈك دۇلقۇنلار رەسىمى» گەرچە بىر پارچە كىچىك يەلپۈگۈچكە سىزىلغان بولسىمۇ، ئەمما يۇقۇرىقى پائالىيەتلەر ناھايىتى ياخشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، كۆرۈنۈش بولسا قار مەنزىرىسى. دەريا يۈزىدە سۇنىڭ تەكشى ئېقىشى ھاۋانىڭ ناھايىتى ئوچۇق ئىكەنلىكىنى، مەيىن شامالدا يەلپۈنىۋاتقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. قىزىل رەڭلىك ئۇزۇن كۆۋرۈك دەريا يۈزىنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئىككى تەرەپتىكى قۇرۇقلۇقنى تۇتاشتۇرغان. ئوڭ تەرەپتىكى قۇرۇقلۇقتىكى قۇرۇلۇش ئاددىي بولۇپ، قىرغاقتا يەنە ئىككى قولۋاق بار، ئۇنىڭ بىرى سەپەرگە چىقىدىغان يەلكەنلىك قولۋاق بولۇپ، قارىماققا ۋېنشىنىڭ تۇرالغۇسىغا ئوخشايدۇ. قارشى قىرغاقتا، يەنە بىر قولۋاق بۇ يەرگە قاراپ كېلىۋاتقان. ئۇنىڭ سول تەرىپىدە، يەنە بىر شىپاڭ، سۇ بىلەن قاپلانغان ھەشەمەتلىك باغ بار. بۇنىڭدىن باشقا، سول تەرەپتىكى قۇرۇقلۇقتا چوڭ تىپتىكى بۇتخانا بولۇپ، قار دەل بۇ جاينى گۈزەل مەنزىرىگە ئايلاندۇرىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. مەسىلەن: نۇرغۇن جايلاردىكى ئاتالمىش «سەككىز مەنزىرە»، «ئون مەنزىرە» نىڭ ئىچىدە دائىم قار مەنزىرىسى بولىدۇ، «شياۋشياڭدىكى سەككىز مەنزىرە»، «دەريادا ياغقان قار»، «شىخۇ كۆلىدىكى ئون مەنزىرە»، «يەنجىڭدىكى سەككىز مەنزىرە»، «شىسەندىكى قار» قاتارلىقلار. كۆرۈنۈشتە يەنە ھەرخىل شەخسلەر پائالىيىتى بار. يىراقتىكى قارلىق تاغ كىشىلەرنىڭ پائالىيىتى ئارقىلىق مەنزىرە ھاسىل قىلغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ پائالىيىتىمۇ قار مەنزىرىسى سەۋەبىدىن ئەھمىيەتلىك بولغان.

خۇاڭ گۇڭۋاڭنىڭ قار مەنزىرىسى رەسىمىدە بىرمۇ ئادەم يوق بولۇپ، ئادەتتىكى ئىنسانلار پائالىيىتىنى يوقاتقان. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇ كۆرۈنۈشنى كۆرۈش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى كۆزنى يۇمۇپ، خىيال سۈرۈش ئۈچۈندۇر. بەلكىم، «توخۇمەك دەرىخى ئاستىدىكى يازدىن ھوزۇرلىنىش» ناملىق رەسىم بىزگە ئىلھام بېرىشى مۈمكىن. يازنىڭ تومۇز كۈنلىرى چۈشتىن كېيىن، ھويلىدىكى تۇخۇمەك دەرىخى ئاستىدا، ئەدىب كارىۋاتتا چۈشلۈك دەم ئېلىۋاتقان. كارىۋاتتا بىر پەردە بولۇپ، قار مەنزىرىسى سىزىلغان، سالقىنداش مەنىسىنى ئىپادىلىگەن. رەسىمدىكى ئەدىب قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكەن، ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، پەردە ئۈستىدىكى قار رەسىمى ئۇنىڭ كۆزىگە ئەمەس، بەلكى قەلبىگە تەسىر كۆرسەتكەن. ئەجەبا شۇنداق ئەمەسمۇ؟ خۇاڭ گۇڭۋاڭنىڭ قار مەنزىرىسى رەسىمىدە، بىرمۇ ئادەم يوق، قار ئۇچقۇنلىرى ئارىسىدا قورام تاش ۋە ئورمان ئاستىدىكى سۇ يۈزىدە، بىر قېيىق كېلىۋاتىدۇ. بۇ خۇددى ئۇيقۇغا كەتكەن ئەدىبنىڭ چۈشىدە سەيلە قىلىۋاتقىنىغا ئوخشايدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى