قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شوۋشىن يەنى-- سوۋغا- سالام مەدەنىيىتى

2019-02-22 12:48:18     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

قەدىمدىن ھازىرغىچە خەلق ئارىسىدا بايرام كۈنلىرى ئۇرۇق- تۇققان، دوست- بۇرادەرلەر ئۆز ئارا يوقلاشقاندا، يىراققا سەپەرگە ماڭغان ياكى سەپەردىن قايتقاندا، بىر- بىرىگە سوۋغا بېرىپ كۆڭۈل ئىزھار قىلىدىغان ئادەت بار. بۇ خىل ئۆز ئارا سوۋغا بېرىش ئادىتى كىشىلەر تەرىپىدىن «شوۋشىن» يەنى «سوۋغا- سالام» دەپ ئاتىلىدۇ. «سوۋغا- سالام» مەدەنىيىتى بۈگۈنكى كۈندە گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ- ئاۋمېن قاتارلىق جايلاردا «شوۋشىن» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، كىشىلەر يىراق جايلارغا سەپەرگە چىقىپ قايتقاندا، يېقىنلىرىغا ئېلىۋالىدىغان سوۋغا- سالام بويۇمىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ پىلانلىق ھالدا ئالغاچ قايتىدىغان چوڭ ۋە قىممەتلىك بويۇملار بولماستىن، بەلكى ئەمەلىي سېتىۋالغان ئادەتتىكى بويۇم بولغانلىقتىن «شوۋشىن» دەپ ئاتالغان.

شوۋشىن ئەڭ دەسلەپكى ۋاقىتلاردا «چوڭلار بىلەن بىرىنچى قېتىم كۆرۈشكەندە بېرىلىدىغان سوۋغا» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان «گاڭ» سۆزى بىلەن ئاتالغان. ئۇنىڭ تارىخىنى جۇ سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپ سۈرۈشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. جۇ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇرۇق- تۇغقان ۋە دوست- بۇرادەرلەرنى يوقلىغاندا، چوقۇم بىرەر سوۋغات ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ، بۇ ئەينى ۋاقىتتا «گاڭ» سۆزى بىلەن ئاتالغان. سوۋغات بەك كۆپ بولمىسىمۇ بولىدىغان بولۇپ، يازدا بىرئاز قۇرۇتۇلغان گۆش، قىشتا بىر قىرغاۋۇل، ياكى بولمىسا بىر ياۋا غاز ياكى بىر قوزا بولسىمۇ بولاتتى. ساھىبخان سوۋغاتنى قوبۇل قىلىپ، مېھمانلار قايتىدىغان ۋاقىتتا يەنە سوۋغاتنىڭ ھەممىسىنى قايتۇرۇپ بېرەتتى. ئۇ چاغدا سوۋغات قىلىنىدىغان بويۇملارمۇ سىمۋول خاراكتېرلىك ئىدى. مۇئەللىمگە سوۋغا قىلىنىدىغان بويۇم، ئوقۇش پۇلى قاتارلىقلار «ھۆرمەت سوۋغىسى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان «گاڭجىڭ» سۆزى بىلەن ئاتىلاتتى. بىر غاز، بىر خالتا چىلان قاتارلىقلار گەرچە ئاز بولسىمۇ، ئەمما ئۇ شۇ كىشىنىڭ كۆڭلىنى بىلدۈرەتتى. بۈگۈنگە قەدەر، تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەن مېھمانلار ئۇزاق يىل كۆرۈشمىگەن كونا دوستلار بىلەن قايتا ئۇچراشقاندا، چوقۇم سىمۋوللۇق ھالدا «سوۋغات» ئېلىۋالىدۇ. ئالايلۇق، بىر نەچچە كىلوگرام مېۋە، قەنت- گېزەك، چاي، پېچىنە- پىرەنىك، بىر دەستە گۈل قاتارلىقلار شۇ كىشىنىڭ قەلب سىمۇۋۇلى.

«سوۋغاتنى بەرسەم ساڭا، خۇشلۇق تەبەسسۇمى ئەيلىدىڭ ماڭا». چۈنكى، «سوۋغات» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان «شوۋشىن» سۆزى شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونلىرىدا ناھايىتى كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. كىشىلەر شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن رايونلىرىغا ساياھەتكە بارغاندا، چوقۇم ئائىلىدىكىلەر ۋە دوستلىرىغا سوۋغات ئېلىۋالىدۇ. يەرلىكتىكى سوۋغاتلىق بويۇملار سېتىلىدىغان بازارنىڭ نامىمۇ يىراق- يېقىنغا داڭلىق. شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونلىرىدا سوۋغا- سالام بويۇملىرىنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ. سوۋغات بويۇمى ساتىدىغانلارنىڭ مۇلازىمەت پوزىتسىيىسىمۇ ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، بۇ بازارنى كۆڭۈل قويۇپ ئايلانسىلا مۇۋاپىق سوۋغا ئالالماي قېلىشتىن غەم قىلمىسىمۇ بولىدۇ. بۇنداق سوۋغا- سالام كەسپىنىڭ گۈللىنىشى شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەننىڭ تارىخى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئىلگىرى كىشىلەر تۇغقانلىرىدىن ئايرىلىپ يىراق جايلاردا يۈرگەنلىكتىن، پەقەت ئۆيدىكى ئالاھىدە مەھسۇلاتلار ئارقىلىقلا يىراقتىكى تۇققانلىرىنى سېغىنىش ھېسسىياتىنى قاندۇرالايتتى. شۇڭا، بىر سوۋغاتقا شۇ كىشىنىڭ قويۇق سېغىنىش ھېسسىياتى مۇجەسسەملەنگەن.

ئەمدى بىز شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونلىرىدىكى داڭلىق «شوۋشىن» يەنى سوۋغا- سالام بويۇملىرىدىن بەھرىمان بولايلى.

ئاۋمېننىڭ «سوۋغا سالام بويۇمى» كەسپى يۈز يىلغا يېقىن تارىخقا ئىگە. 1999- يىلى ئاۋمېن ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلدى. «سوۋغا سالام بويۇمى» دىن ئىبارەت بۇ ئانچە روناق تاپمىغان كەسىپمۇ بىردىنلا گۈللەنگەن مەزگىلگە قەدەم قويدى. ھەر بىر سوۋغا- سالام ئەڭ دەسلەپكى قولدا ياسالغان بويۇمدىن، ھازىرقى ماشىنىدا ئىشلەپچىقىرىلىشقىچە بولغان جەرياندا ساياھەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى تۈركۈم- تۈركۈملەپ قاندۇردى.

ئەڭ دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ئاۋمېندا پېچىنە- پىرەنىك پىشۇرىدىغان دۇكانلار كۆپ بولۇپ، ئۆرۈك مېغىزى پىچىنىسى ئارام ئالغاندا ئىستېمال قىلىنىدىغان بويۇم سۈپىتىدە ئەڭ كۆپ سېتىلاتتى. ئاۋات يولۇچىلار پىرىستانلىرىدا سودىگەر، ساياھەتچىلەر ۋە كۆچۈپ ئولتۇراقلاشقان ئاۋمىنلىقلار كۆپرەك ئىدى. پېچىنە دۇكىنى موشۇنداق ئاۋات پىرىستانلاردا ئېچىلىپ، ئۇلارغا يىراق يۇرتلاردىكى ئانا يۇرت تەمىنى ھېس قىلدۇراتتى. ھازىرمۇ ئاۋمىندىكى پېچىنە دۇكانلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە، قاقلاپ پىشۇرىلىدىغان ئەنئەنىۋى پېچىنە ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. يەرلىكتىكى زۈيشىياڭ پېچىنە- پىرەنىك دۇكىنى ئۆرۈك مېغىزى پېچىنىسىنىڭ تۈرى كۆپ، تەمى ھەر خىل بولۇپ، باشقىلارغا سوۋغات قىلغاندا كۆركەم، ئېسىل بولغاچقا، ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن.

ئاۋمېن خۇاڭجى پېچىنە- پىرەنىك دۇكىنىنىڭ داڭلىق مەھسۇلاتى بولسا «لاۋپوبىڭ» بولۇپ، بۇ دۇكان يۈز يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. ھازىرغا قەدەر كۈندە قولدا مەشغۇلات قىلىپ، نەق مەيداندا پىشۇرۇپ سېتىش ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرماقتا. نۇرغۇن كىشىلەر خۇاڭجى پېچىنە- پىرەنىك دۇكىنىدىن ساۋغاتلىق بويۇم سېتىۋېلىش ئۈچۈن بىر نەچچە سائەت ئۆچىرەت تۇرۇشقا رازى.

خاسىڭتاڭ ۋە جياڭتاڭ كەمپۈتىنى يۈز يىل بۇرۇنلا ئاۋمېندىكى جۈجى سوۋغات بويۇملىرى سېتىش ئورنىدىكى ياش يىگىت ھارۋىسىغا سېلىپ ساتقان ئىكەن. ئاۋمېن خاسىڭتاڭ كەمپۈتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ يۇمشاق ھەم چىشقا چاپلاشمايدىغانلىقىدا. ئەڭ دەسلەپكى قارا كۈنجۈت تەملىك خاسىڭتاڭ كەمپۈتىدىكى ئوتقا قاقلاپ پىشۇرۇلغان كۈنجۈتنىڭ تەمى چۈرۈك ۋە تاتلىق بولۇپ، خاسىڭنىڭ دانىسى توق ئىدى. تەرەققىي قىلىپ ھازىرغا كەلگەندە، خاسىڭتاڭ كەمپۈتى قاتتىقلىقتىن تەرەققىي قىلىپ يۇمشاق كەمپۈت، كوكۇس پالمىسى كەمپۈتى، دېڭىز تۇزى ۋە ئاق كۈنجۈت كەمپۈتى قاتارلىقلارغا تەرەققىي قىلدى. كەمپۈت تۈرى ھەقىقەتەن كۆپ ۋە ئېسىل بولۇپ، جۈجىدىكى ھەر بىر دۇكاندا تېتىپ بېقىشقا بولىدىغان نەق مەيداندا تەييارلانغان كەمپۈت بار. مۇلازىمەتچلەرنىڭ پوزىتسىيەسىمۇ ئىنتايىن سەمىمىي، كەمپۈت ئالماي بىرەر قۇر چۆرگىلەپ چىقسىڭىزمۇ، بۇ يەردىكى ھەر خىل تەملەرنى پۇخادىن چىققۇچە تېتىپ ھوزۇرلىنالايسىز.

شياڭگاڭنىڭ سوۋغات بويۇملىرى ئاۋمېنغا ئوخشاش ئۇنداق كۆپ ئەمەس. تۇخۇم تۈرمىلى، ئۆرۈك مېغىزى پىچىنىسى ۋە جىزەيبىڭ قاتارلىقلارنىڭ سېتىلىشى، ئاۋمىندىكى سوۋغا- سالام بويۇملىرىدىن قېلىشمايدۇ. ئەمما، ئىنچىكىلىك بىلەن تەتقىق قىلساق، شياڭگاڭلىقلارنىڭ باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان ئەستايىدىللىقىنى بىلەلەيمىز. سۇيۇق- سەلەڭ يېمەكلىكلەر، قۇۋۋەتلىك شورپا ۋە ئۇماچ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى، شياڭگاڭلىقلارنىڭ كۈتۈنۈشتىكى مەخپىي رېتسىپلىرى. شۇڭا، شياڭگاڭنىڭ سوۋغاتلىق بويۇملىرى ھەم مەززىلىك ھەم ئېسىل كۈتۈنۈش بويۇملىرى ھېسابلىنىدۇ. 1927- يىلىدىن باشلاپ مەخسۇس ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى پىشۇرغان چېنيىجەي دۇكىنىنىڭ يەنۋوگاۋ تورتى، چۈەنبېي ئۆرۈك مېغىزى شەربىتى، چۈەنبېي ساقلانغان جۈزە پوستى، چۈچۈك بۇيا- زەيتۇن يېمەكلىكى، لىمون- زەنجىۋىل يېمەكلىكى قاتارلىق ئۇششاق- چۈششەك يېمەكلىكلىرىنىڭ ھەممىسى، شياڭگاڭلىقلارنىڭ كۈتۈنۈش ۋە ساغلاملىق ئىدىيەسىنى بىر- بىرلەپ ئەمەلىيلەشتۈردى. چېنيىجەينىڭ ئۇششاق ـ چۈششەك يېمەكلىكلىرى ئىچىدە، شياڭگاڭ فىلىملىرىدە كۆپ ئۇچرايدىغان «شيۇڭزەي پىرەنىكى» نى شياڭگاڭ سوۋغاتلىق بويۇملىرىنىڭ ۋەكىلى، دېيىشكە بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى