قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شيامىن شەھىرىدە چاغان مەزگىلىدە ئىستېمال قىلىنىدىغان مەززىلىك تائاملار

2019-02-22 12:49:12     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شيامېن شەھرىدە چاغان مەزگىلىدە ئىستېمال قىلىنىدىغان تائاملاردا، چاغان ئاخىرلىشىش ئالدىدىكى تەم ئالاھىدىلىكى بار. شيامىندا نۇرغۇن يېمەكلىكلەر چاغان ئۈچۈن زاپاس ساقلىنىپ، مەخسۇس ئېتىلىدۇ. مەسىلەن، گۆرۈچ ئۇنى ياكى بۇغداي ئۇنىدا ئېتىلىدىغان «گو» دېگەن نام بىلەن ئاتىلىدىغان يېمەكلىك. «گو» دېگەن سۆزنىڭ ئىسىم مەنىسى شۇكى، ئۇ گۈرۈچ بوتقىسىنى ئاساس قىلىپ تەييارلانغان نيەنگاۋ تۈرىدىكى ئېسىل يېمەكلىك. فۇجيەننىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردا ئۈستەلدە ئۈچىنچى ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. ئۇ ئاساسلىقى تاتلىق ۋە تۇزلۇقتىن ئىبارەت ئىككى خىل تەمدە بولىدۇ. تاتلىق تەمدىكىسى فاگو، تيەنگو قاتارلىقلارنى ئاساس قىلىدۇ. تيەنگو يەنە ئاق شېكەر تەملىك، قارا شېكەر تەملىك، گۈل شەكىللىك قاتارلىق تۈرلەرگە ئايرىلىدۇ؛ تۇزلۇق تەمدىكى شيەنگونىڭ سەيتوۋگو، يۈتۇگو، جىنگۇاگو قاتارلىق تۈرلۈك شەكىللىرى بار. جەنۇبىي فۇجيەنلىك كىشىلەرنىڭ يېمەكلىككە بولغان ئىنچىكىلىكىنى مۇشۇ تەپسىلاتلاردىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

فاگو پىشۇرۇشتا دۈملەنگەندىن كېيىن، چوقۇم فاگو يۈزىدە يېرىقچىلار بولۇشى كېرەك. يېرىقچىلار قانچە كۆپ بولسا شۇنچە باياشات بولۇشنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، كېلەر يىلى تېخىمۇ باي بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ فۇجيەن ئاياللىرىنىڭ چىۋەرلىكىگە بولغان يىللىق چوڭ ئىمتىھان. ئۇنى تەييارلاشتا گۈرۈچ بوتقىسى، شېكەر، ئېچىتقۇلارنىڭ نىسبىتى، شۇنداقلا دۈملەش ۋاقتى، ئوت ئەھۋالى قاتارلىقلارنى چوقۇم توغرا ئىگىلەش لازىم. فاگو دۈملەنگەن قىززىق كورىنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ، مەززىلىك پۇراق ئەتراپقا تارىغان ئاشۇ دەقىقىدە، نەپسى تاقىلدىغان بالىلار ئىتتىك بېرىپ بىر چىشلەم يەپ باقماقچى بولىدۇ. ئەمما، بىر جىمبىل فاگو ئەجداتلار نامىغا ئاتالغان بولغاچقا ئۇنى بالىلارغا بېرىشكە بولمايدۇ. شۇڭا، چوڭلار دۈملەش ئالدىدا بىر نەچچە كىچىك قاچىغا ئېشىپ قالغان گۈرۈچ بوتقىسىنى سېلىپ پىشۇرىدۇ. پىشىپ چىققان كىچىك قاچىلىق فاگونى كورىدىن ئالغان ھامان بالىلار ئىشتىھا بىلەن يەپ بىردەمدىلا تۈگىتىدۇ.

«سەيتوۋگو» دېگىنى ئەمەلىيەتتە لوبۇگاۋنى كۆرسىتىدۇ. فۇجيەننىڭ جەنۇبىدىكى كىشىلەر لوبۇنى «سەيتوۋ» دەپ ئاتايدۇ، بۇ يېڭى يىلدا «ياخشىلىقلار كۆپ بولسۇن» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

«گو» يېمەكلىكىدىكى تۇزلۇق ۋە تاتلىق ئىككى تۈر پۇرچاق ساھەسىگە ئوخشاش بىر- بىرى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالماي، بەلكى بىر- بىرىگە ماسلىشىپ، ئىناق مەۋجۈت بولۇپ تۇرماقتا.

تيەنگونى تۇخۇمغا ئارىلاشتۇرۇپ قاينىتىپ ياكى قورۇغاندىن كېيىن ساپ دېڭىز مولى قۇلۇلىسى بىلەن قوشۇپ يېيىشنى، جەنۇبىي فۇجيەنلىك كىشىلەر «تاتلىق نەرسىلەرنى يەپ تۇزلۇق نەرسىلەرنى ئەسلەش» دەپ ئاتايدۇ. تۇڭلى، سەيتوۋگو قاتارلىقلارنى كېسىپ پارچىلىغاندىن كېيىن، قورۇپ ئالتۇن رەڭگە كىرگۈزۈپ، مەخپىي رېتسىپلىق تاتلىق قىيامغا تەككۈزۈپ ئىستېمال قىلىش بۇ يەردىكى ھەقىقىي يېيىش ئۇسۇلى.

مەيلى «تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يەپ تۇزلۇق نەرسىلەرنى ئەسلەش» ياكى «تۇزلۇق يېمەكلىكلەرنى يەپ تاتلىق نەرسىلەرنى ئەسلەش» بولسۇن، جەنۇبىي فۇجيەنلىك كىشىلەرنىڭ چاغان مەزگىلىدىكى ئاساسلىق تاماقلارغا ئەھمىيەت بېرىشى، بىر خىل قەدىمىي ئەقىل- پاراسەت ۋە پەلسەپىۋىلىككە تولغان ئاساسىي مەشغۇلات. تۇرمۇش ھەر دائىم تاتلىق ياكى ھەر دائىم تۇزلۇق بولىۋەرمەيدۇ. ھەر بىر جەرياندىكى «تەم» دىن بەھرىمەن بولۇش-- كۈچلۈك كىشىلىك ھايات دىئالېكتىكىسىغا ئىگە.

شيامىننىڭ شەھەرلىشىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، بايراملىق ئۆرپ- ئادەتلەر ھەرگىزمۇ ئۈزۈل- كېسىل يوقىلىپ كەتمىدى. چاغان بايرىمى تەكرارلاش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشتىكى ئەڭ ياخشى بايرام. چاغاندىن كېيىن شەھەرلەرگە قايتىپ خىزمەت قىلىدىغان ياشلارنىڭ كۆپىنچىسى، تاتلىق ياكى تۇزلۇق بىرنەچچە پارچە گو يېمەكلىكىنى ئېلىپ قايتىپ، بۇلار ئارقىلىق يۇرتنى سېغىنىش ۋە بايرامدىن كېيىنكى يىغىندى كېسەللىك ئالامىتىنى كۆپرەك تۈگىتىشنى ئويلايدۇ.

ئىچكى قۇرۇقلۇق شەھەرلىرىدىكى كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، دېڭىز بويىدىكى شەھەرلەرنىڭ چاغانلىق يېمەكلىكى ئىچىدىكى بىر تۈرىنىڭ ئۇلارنىڭ ئاجىز قەلبىگە خالىغانچە ھۇجۇم قىلىشى مۇقەررەر. ئۇ بولسىمۇ-- دېڭىز مەھسۇلاتلىرى. شيامىنلىقلارنىڭ چاغانلىق تاماق ئۈستىلى ئوردا ئىچىدىكى بىر مەيدان زىياپەتتىن قېلىشمايدۇ. شيامىن ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر ئوبرازلىق سۆز بار، ئۇ بولسىمۇ «گۈرۈچ ئىدىشى دېڭىزنىڭ مەركىزىگە كۆمۈلگەن». بۇ يەردىكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ. چاغان مەزگىلىدە، دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى يېيىش ۋە «ھەر خىل تەييارلاش» ئۇسۇلىمۇ ئادەتتىكىدىن كۆپ. ھەر بىر خىل دېڭىز مەھسۇلاتىنىڭ يېيىش ئۇسۇلى، فۇجيەنلىك كىشىلەرنىڭ چاغانغا بولغان ئىنتىلىشىنىڭ نامايەندىسى.

شيامىننىڭ چاغان بايرىمى تاتلىق، تۇزلۇق ھەم يېڭى. دېڭىز بويى شەھىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن شيامىندىكى چاغانلىق يېمەكلىكلىرىنىڭ ھەممىسىنى «تەبىئەت ئاتا قىلغان سوۋغات» دېيىشكە بولىدۇ.

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى