قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ كىشىنى جەلپ قىلىدىغان گۈزەل قىش پەسلى

2019-02-22 12:58:26     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بۇ يىللىق چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭدا كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 3 مىليون 10 مىڭ ئادەم قېتىمغا يىتىپ، تارىختىكى يۇقىرى سەۋىيەنى ياراتتى. ھەر قايسى مەنزىرە رايونلىرى مىللى ئۆرپ- ئادەت پائالىيەتلىرىنى بەس- بەستە يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلەرگە ئوخشاش بولمىغان شەكىلدىكى چاغان شاتلىقىنى ھېس قىلدۇردى. چاغان مەزگىلىدە قويۇلغان «ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان كىشىلىك ھايات» ناملىق فىلىمنىڭ كېيىنكى يېرىم بۆلىكىنىڭ ۋەقەلىكى ئاساسەن دېگۈدەك شىنجاڭدا سۈرەتكە ئېلىنغان. بايىنبۇلاق يايلىقى، كەڭساي كۆۋرۈكى، گۈزەل مەنزىرە، گۈزەل كۆرۈنۈشلەر، شىنجاڭنى 2019- يىلى باشلىنىشى بىلەنلا توردا داڭلانغان يېڭى ساياھەت مەنزىلىگە ئايلاندۇردى. ئەمەلىي تۇرمۇشتا بەزى كىشىلەر دائىم شىنجاڭنىڭ قايسى پەسىلى ساياھەت قىلىشقا ئەڭ مۇۋاپىق؟ دەپ سورايدۇ. ئەمەلىيەتتە شىنجاڭنىڭ تۆت پەسلىنىڭ ھەممىسى ساياھەت قىلىشقا ماس كېلىدۇ. شىنجاڭنىڭ قىش پەسلىمۇ چۈشكە ئوخشاش گۈزەل بولۇپ، بەئەينى چۆچەكلەر دۇنياسى دېيىشكە بولىدۇ.

شىنجاڭنىڭ قىش پەسلىدە، ئاسمان بىلەن يەرنىڭ ئارلىقى ناھايىتى يېقىندەك كۆرۈنىدۇ، بىپايان كەتكەن سۈزۈك ئاسمان، سۈزۈك زەڭگەر زېمىن كۆز ئالدىڭىزدا نامايەن بولىدۇ.

شىنجاڭنىڭ قىش پەسلىدە ئاق بىلەن قارا ناھايىتى ئېنىق بولۇپ، باھار پەسلىدەك سۈزۈك ئەمەس، ياز پەسلىدەك زۇمرەت دولقۇنلار مەۋج ئۇرمىغان، كۈز پەسلىدەك ھەممە يەر يېشىللىق بىلەن قاپلانمىغان. ئەمما، سۈزۈك سۇلار شىلدىرلاپ ئېقىپ، ھەممە يەر كۈمۈش تونغا ئورالغان... قىش پەسلىدە شىنجاڭغا كېلىشكە باھانە- سەۋەب ھەقىقەتەن ناھايىتى كۆپ.

بىرىنچى باھانە: پۇلنى ئاز خەجلەيسىز. قىش پەسلىدە شىنجاڭنىڭ ئايروپىلان بېلىتى، مېھمانسارايلارنىڭ باھاسى بىراقلا تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلەشكە باشلايدۇ. شۇڭا، بۇ ۋاقىتتا شىنجاڭغا ساياھەتكە كەلسە باھاسى ئىنتايىن مۇۋاپىق.

ئىككىنچى باھانە: ساياھەتچىلەر ناھايىتى ئاز. ئاۋات مەنزىرە رايونلىرىدىكى ئادەم دېڭىزىغا سېلىشتۇرغاندا، قىشتا شىنجاڭغا ساياھەتكە كېلىدىغانلار قار- مۇز ھەۋەسكارلىرىنى ئاساس قىلغان. ساياھەت رايونلىرىغا بارغاندا ئۆچىرەتتە تۇرمىسىمۇ بولىدۇ. قىستاڭچىلىق قانچە ئاز بولسا ساياھەتچىنىڭ كەيپىياتىمۇ شۇنچە ياخشى بولىدۇ، ئەلۋەتتە.

ئۈچىنچى باھانە: شىنجاڭنىڭ قىش پەسلى مەنزىرىسى كىشىنى ئاجايىپ مەپتۇن قىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئەڭ مۇھىم سەۋەب. شىنجاڭنىڭ قىش پەسلىنىڭ گۈزەللىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلغان، ئېسىل، بىپايان ۋە جىمجىت؛ قۇملۇقتىكى توغراق، ئېگىزلىك مەنزىرىسى، باشقا يۇرت مەنزىرىلىرى، يەنە قار يۇرتىدىكى جىمجىتلىق ئىچىدىكى گۈزەللىكلەر ھەقىقەتەن كىشىنى چەكسىز مەپتۇن قىلىدۇ.

قىش پەسلىدىكى كۈنەس-- «قۇشلار ئۈن- تىنىسىز، ئادىمىزات ئىزى يوق» دېگەنگە ئوخشاش دۇنيادىن خالىي ماكان. شۇنداقلا «يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلەشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان، كىشىلەرنىڭ ئارامىنى بۇزۇۋېتىشتىن ئەنسىرەيدىغان» گۈزەل بىر غايىۋى جاي. بۇ يەردە ئاھالىلەر شالاڭ، جىمجىت بولۇپ، بىر خىل ئادەتتىن تاشقىرى تىنچلىققا تولغان. قويۇق تۇمان ئاسمان بىلەن يەرنىڭ چېگرىسىنى غۇۋالاشتۇرۇۋەتكەن، ياپيېشىل شەمشاد دەرىخى ئورمانلىقى قارغا پۈركۈنۈپ، بىر كېچىدىلا ئاپپاق چاچلىق مويسىپىتقا ئايلىنىپ قالغان. تاغ- دەريالار، ئېقىن سۇلار، ئېتىز- ئېرىق، كەنتلەر كۆمۈش رەڭلىك لىباس كەيگەن. كۈنەسنىڭ قىش پەسلى ھاۋاسى ساپ، تىمتاسلىق ئىچىدىكى دۇنيا. گەرچە بارچە ساپ ۋە سۈزۈك بولسىمۇ، لېكىن مەنىسىز ئەمەس.

سەھرا مەنزىرىسىگە تولغان قۇمقاناس كەنتى ئىزچىل تۈردە نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپ كەلمەكتە. كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئاشۇ پارلاق كۈز مەنزىرىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن كېلىدۇ. ئەمما، ئۇلار قىش پەسلىدىكى قارغا پۈركەنگەن قۇمقاناس كەنتىنىڭ نەقەدەر گۈزەللىكى بىلمەيدۇ. قۇمقاناس كەنتىدىكى مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسىغا چىقىپ، تاغ ئۈستىدە تۇرۇپ رەت- رەت ياغاچ ئۆيلەرگە قارىغاندا، خۇددى پەقەت چۆچەكلەر دۇنياسىدىلا كۆرگىلى بولىدىغان مەنزىرە كۆز ئالدىڭىزدا نامايەن بولىدۇ. ئۇ دەل قىش پەسلىدىكى قار- مۇز تەسۋىرلەنگەن چۆچەك. قىش پەسلىنىڭ سەھەر كۈنىدىكى قۇمقاناس كەنتىنى تۇمان قاپلاپ، ئىس- تۈتەك كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدۇ. ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغان پۈتكۈل كەنتكە نەزەر سالغاندا، شەھەر تۇرمۇشىدا مەڭگۈ ھېس قىلغىلى بولمايدىغان جىمجىتلىق ۋە ئازادىلىكنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. ئەگەر قىش پەسلىدىكى قۇمقاناس كەنتىدە قارنى ئالدىرىماي تاماشا قىلىپ، چەكسىز قارلىق دالىدا بىر چىنە سۈت ھارىقى ئىچىپ، يۇمشاق ۋە ئاپئاق قار ئۈستىگە ئۆزىڭىزنى تاشلاپ جىمجىت ياتقىنىڭزدا-- ئاندىن تۇرمۇشنىڭ نىمىلىكىنى ھەقىقىي بىلىپ يېتىسىز.

ئىلى ئاققۇبۇلاق-- بۇ باشقا يەرلەرگە ئوخشىمايدىغان تولىمۇ گۈزەل بىر جاي. بۇ يەردە بىر توپ ئاپئاق ئاققۇ ياشايدىغان بولۇپ، ئۇلار كۈن بويى مۇزدەك سۇ يۈزىدە ئوينىشىدۇ. بۇ يەردىكى ئۆزگىچە كېلىمات مۇھىتى ۋە سۇ پارى تۈپەيلىدىن ئاققۇبۇلاقتا دائىم دەرەخ نوتىلىرى ئۆسۈپ چىقىدىغان بولۇپ، تۇمانلىق ھاۋادىكى ئاققۇلار بىلەن تۇمان سۆڭگىسى قوشۇلۇپ، ھەقىقەتەن تولىمۇ گۈزەل مەنزىرىنى ھاسىل قىلغان. ئاققۇ كۆلىنىڭ گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىسى بىلەن كۆل يۈزىدىكى ئاققۇلار قوشۇلۇپ، ئۆزگىچە بىر قىياپەتنى نامايەن قىلغان. توپ- توپ لەرزان ئۈزۈشكەن ئاققۇلارغا يىراقتىن قارىغاندا خۇددى ئاق يەلكەنلەرگە ئوخشايدۇ.

تەكلىماكان قۇملۇقى-- قىش پەسلىدە قاردىن كېيىنكى تەكلىماكان قۇملۇقى بەئەينى كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان «چۆچەكلەر دۇنياسى». خىجىلچانلىق، پاكلىقنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن. بوشلۇقتىن نەزەر سالغاندا، ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغان چەكسىز كەتكەن ئاجايىپ قۇملۇق مەنزىرىسى ئىچىدە، قۇملۇققا يانداش دەريا سۈيىنىڭ نېپىز مۇز تۇتقانلىقىنى غۇۋا كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ كاللىمىزغا ئورناپ كەتكەن قۇملۇققا بولغان تونۇشىمىز بىلەن كۈچلۈك سېلىشتۇرما ھاسىل قىلىپ، مۇز بىلەن ئوتنىڭ ئېستېتىكىلىق قوش كىشلىك ناخشىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئاپئاق قار ئىچىدىكى ئالتۇن رەڭ، ئاپئاق قار ئاستىدىكى توغراقلىق، كۆك ئاسمان ئاستىدىكى نۇر ۋە سايە-- شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە قىشلىق رومانتىكىلىقى ۋە تۈسىنى نامايەن قىلغان. ئۇ قار ئاستىدىكى قۇملۇقنىڭ يىگانىلىقىنى يوقىتىپ، ئۇنىڭغا نازاكەت ئاتا قىلغان.

مۇڭغۇلكۈرە يايلىقى-- موڭغۇلكۈرەنىڭ قىش پەسلى ناھايىتى ساپ بولۇپ، ھەممە يەر ئاپئاق قارغا كۆمۈلگەن، ئاسمان كۆپكۆك. قار قاچان ياغقۇسى كەلسە شۇ ۋاقىتتا ياغىدۇ. ئۇنىڭ مۇقىم ۋاقتى يوق، ناھايىتى ئىختىيارىي ھەم ئۆز بېشىمچى. ئاپئاق قار دەرەخ شاخلىرىنى قاپلىغان ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. تاغدىكى ئەركىن ئوتلاۋاتقان ئات، كالا- قويلار بىلەن قوشۇلغان ئۆزگىچە تەبىئىي مەنزىرە سىزنىڭ غەملىرىڭىزنى تۈگىتىپ، بېسىمىڭىزنى يېنىكلىتىدىغان ئازادە تۇيغۇغا كەلتۈرىدۇ.

سايرام كۆلى-- قىش پەسلىدىكى سايرام كۆلىدە ئاۋات مەزگىلدەك ساياھەتچىلەر كۆپ ئەمەس، ۋاراڭ- چۇرۇڭ ئاز، شۇنداقلا جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرگەن. تاغنى قاپلىغان ياۋا گۈللەرمۇ ئازلاپ كەتكەن. بەزىدە ئۇ گويا بىر ماي بوياق رەسىم، بەزىدە ئۇ كۆكلىكىدىن زەڭگەر ياقۇتقا ئوخشايدۇ. بۇ خىل چوڭقۇر جىمجىتلىق بارلىق ئاۋاز ۋە رەڭلەرنى چىقىرىپ تاشلاپ، پەقەت ئوخشاش بولمىغان قاتلامدىكى كۆك رەڭنى ئايرىپ قالغان. كۆل يۈزىنىڭ ھەممىلا يېرىنى مۇز تۇتمىغان. گاھىدا مۇز پارچىلىرى تىك تۇرۇپ قالغان، كۆپكۆك كۆل يۈزىدە مۇز پارچىلىرى ئېقىپ يۈرگەن. بۇ خۇددى زېمىننىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن چىققان نەپەس-- جىمجىت تۇرغان سايرام كۆلىنى كۆل ئاستىدىن تېشىپ چىققاندەك ھاياتلىق تەۋرىنىشىگە ئىگە قىلىدۇ.

مانا بۇ قىش پەسلىدىكى شىنجاڭ، ئۇ تىمتاسلىق ئىچىدىكى گۈزەللىك، جىمجىتلىقىدىن پەقەت ئۆزىنىڭ يۈرەك سوقۇشىنىلا ئاڭلىيالىغۇدەك سۈكۈتكە چۆمگەن. بۇ يەردە سىزنىڭ دۇنيانى ئاۋارە قىلغۇڭىز كەلمەيدۇ، ھەر بىر قەدەمنى تىۋىش چىقارماي ئالىسىز. ئەگەر، شىنجاڭنىڭ ئەتىياز، ياز پەسىلىنى قولدىن بېرىپ قويغان بولسىڭىز، ئۇ ھالدا يەنە بىر قېتىملىق قىش پەسلىدە شىنجاڭدا ئۇچرىشىشنى قولدىن بەرمەڭ!

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى