قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش سېپىدىكى باتۇر ۋە پاراسەتلىك ئۇرۇش ماھىرى شياۋ يۇڭجى

2019-02-22 16:14:06     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

شياۋ يۇڭجى، 1916- يىلى تۇغۇلغان، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنشيەن ناھىيەسىدىن. 1931- يىلى جۇڭگو ئىشچى- دېھقان قىزىل ئارمىيەسىگە قاتناشقان، شۇ يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا؛ 1932- يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولغان. 1932- يىلى 6- ئايدا، شياۋ يۇڭجى 20 نەچچە جەڭچىنى باشلاپ، بىر سائەتتىن ئارتۇق كەسكىن جەڭ قىلىپ، جيەنچاڭ دەرياسىغا ھوجۇم قىلغان بىر يىڭ دۈشمەننى يوقىتىپ، تېز ئۇرۇش قىلىپ، تېز غەلىبە قىلىشنىڭ ئۈلگىسىنى ياراتقان. شۇ يىلى، خۇبېي، خېنەن، ئەنخۇيدىكى 4- قېتىملىق «قورشاپ يوقىتىش» قا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە، ئۇ 100 دىن ئارتۇق كوماندىر- جەڭچىنى باشلاپ، دۈشمەننىڭ بىر شى ئەسكىرىي كۈچىنى ئىسكەنجىگە ئېلىپ، خۇبېي، خېنەن، ئەنخۇي مەركىزىي شۆبە بىيۇروسى، قىزىل 4- يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ باش شتابى ۋە قىزىل ئارمىيەنىڭ ئاساسىي كۈچىدىن 20 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ بىخەتەر يۆتكىلىشىگە ئىمكانىيەت ياراتقان.

1940- يىلى، شياۋ يۇڭجى 129- شىنىڭ يېڭىدىن تەشكىللەنگەن 8- لۈيىنىڭ سىياسىي كومىسسارى بولۇپ، «يۈز تۈەن ئۇرۇشى» ۋە جەنۇبىي خېبېي رايونىدىكى «تازىلاش» قا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1943- يىلى 7- ئايدا، جەنۇبىي خېبېي ھەربىي رايونى 7- شۆبە ھەربىي رايونىنىڭ سىياسىي كومىسسارى قوشۇمچە رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان. 1944- يىلى، شياۋ يۇڭجى قىسىمنى باشلاپ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقاندا، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ چىڭپىڭ ناھىيەسىدىكى چېنگۇەنيىڭدا ياپون ئارمىيەسىنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقىۋاتقاندا، قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان. شۇ يىلى ئۇ 28 ياشتا ئىدى.

تەرجىمان: مېھراي 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى