قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئۇششاق دېھقان ئائىلىلىرى بىلەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ ئورگانىك جىپسىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

2019-02-23 23:32:49     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2- ئاينىڭ 21- كۈنى تېلېگراممىسى. يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئۇششاق دېھقان ئائىلىلىرى بىلەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ ئورگانىك جىپسىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: دۆلىتىمىزدە ئادەم كۆپ، يەر ئاز، ھەرقايسى جايلارنىڭ يېزا ئىگىلىك بايلىق تەبىئىي شارائىتىدا پەرق ناھايىتى زور، نۇرغۇن ئېدىرلىق- تاغلىق رايوندىكى يەرلەر تارقاق، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆلەملەشكەن ئىگىلىكنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويغىلى بولمايدۇ، شۇنداقلا ھەممىلا يەردە مەركەزلىك تۇتاشقان كۆلەملىك ئىگىلىكنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. نۆۋەتتە ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ناھايىتى ئۇزاق بىر مەزگىلدە، ئۇششاق دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ئائىلە ئىگىلىكى دۆلىتىمىز يېزا ئىگىلىكىدىكى ئاساسلىق ئىگىلىك ئۇسۇلى بولىدۇ. ئۇششاق دېھقان ئائىلىلىرى بىلەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ ئورگانىك جىپسىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ئۇششاق دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇششاق دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ تەشكىللىنىش دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۇششاق دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، ئۇششاق دېھقان ئائىلىلىرىگە يۈزلەنگەن ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئۇششاق دېھقان ئائىلىلىرىنى يۆلەش- قوللاش سىياسەتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەنئەنىۋى ئۇششاق دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ زامانىۋى ئۇششاق دېھقان ئائىلىلىرىگە ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇششاق دېھقان ئائىلىلىرىنى ئىسلاھات- تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈش كېرەك.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى