قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

دۈشمەن ئالدىدا قەتئىي باش ئەگمىگەن ئايال رايون باشلىقى ۋاڭ گۇاڭ

2019-02-25 11:20:56     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ۋاڭ گۇاڭ، 1920- يىلى سەنشىنىڭ يۈنچېڭ شەھىرىدە بىر نامرات ئائىلىدە تۇغۇلغان. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئومۇميۈزلۈك پارتلىغاندىن كېيىن، ئۇ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە پائال ئاتلىنىپ، تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىپ، شوئار، لوزۇنكا يېزىپ، ئۆزى ئەدەبىيات- سەنئەت نومۇرلىرىنى تەييارلاپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تەشۋىقات ئېلىپ بارغان. 1939- يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولغان. كېيىن لوسۈن، جەيسۈن ئەتراپىدىكى ئاياللارنىڭ ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ، ئۇلارنى كونا فېئوداللىق ئائىلە قارىشىنىڭ ئاسارىتىنى باتۇرلۇق بىلەن بۆسۈپ ئۆتۈش، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇشقا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرغان. ۋاڭ گۇاڭمۇ ئاياللار تەرىپىدىن سەمىمىيلىك بىلەن «ئىنقىلابىي چوڭ ئاچا» دەپ ئاتالغان.
1941- يىلى پارتىيە تەشكىلاتى ۋاڭ گۇاڭنى جىشى ناھىيەسى (ھازىرقى سەنشى ئۆلكىسىنىڭ ئەنزې ناھىيەسى) نىڭ بىرىنچى رايونىغا رايون باشلىقى، رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەشكە ئەۋەتكەن. تېخىمۇ جاپالىق، مۇرەككەپ خىزمەت شارائىتى ئالدىدا، ۋاڭ گۇاڭ ئاممىنى ئىشلەپچىقىرىشنى قانات يايدۇرۇشقا پائال سەپەرۋەر قىلىپ، ئاياللارنى يىپ ئىگىرىش، رەخت توقۇپ، ھەربىي ئاياغ تىكىشكە تەشكىللەپ، 8- ئارمىيەنىڭ ئالدىنقى سەپتە جەڭ قىلىشىغا ياردەم بەرگەن. 1943- يىلى 10- ئايدا، ياپون ئارمىيەسى يۆنەن تايانچ بازىسىغا ۋەھشىلەرچە «چوڭ تازىلاش» ھەرىكىتىنى قوزغاپ، تايانچ بازىدا «بىرمۇ ئادەمنى قويمايمىز» دەپ جار سالغان. دۈشمەننىڭ بىر قېتىملىق «چوڭ تازىلاش» ھەرىكىتىدە، جىشى ناھىيەسى بىرىنچى رايونىنىڭ «تازىلاش» قا قارشى تۇرۇشتىكى باش قوماندانى بولغان ۋاڭ گۇاڭ ئاممىنىڭ يۆتكىلىشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىۋاتقاندا دۈشمەنلەرگە ئەسىرگە چۇشۇپ قېلىپ، ۋەھشىي قيىن- قىستاققا ئېلىنسىمۇ، يەنىلا تىز پۈكمەي، قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان، شۇ ۋاقىتتا ئۇ ئاران 23 ياشتا ئىدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى