قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئابلىكىم ئابدۇمىجىتلارنىڭ ئىمزالىق ماقالىلىرى

2019-02-25 11:33:18     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

2-ئاينىڭ 25-كۈنى نەشىردىن چىققان «شىنجاڭ گېزىتى» دە، شىنجاڭ رادىيو- كىنو ـ تېلېۋىزىيە تەرجىمە مەركىزى پارتكومىنىڭ شۇجىسى ئەنۋەر مامۇت؛ قاراقاش ناھىيەلىك رادىيو- تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەرلەر مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئابلىكىم ئابدۇمىجىتلارنىڭ ئىمزالىق ماقالىلىرى ئېلان قىلىندى.
ئەنۋەر مامۇتنىڭ ئىمزالىق ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: مەن بىر تىل- يېزىق تەرجىمانى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھۇشيارلىقىمنى ئۆستۈرۈپ، كۆزۈمنى يوغان ئېچىپ، تەرجىمە قوشۇنىدىكى ئۇقۇملارنى ئالماشتۇرۇۋېتىش، لوگىكىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش، سۆز ئۇقۇمىنى بۇرمىلاش، سۆز مەنىسىنى كۆپەيتىش- قىسقارتىش قاتارلىق «يېزىق ئويۇنى» ئارقىلىق پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى بۇرمىلايدىغان ۋە ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىدىغان، مەقسەتلىك ھالدا خاتا ئىدىيەگە يېتەكلەيدىغان ۋە دارىتىمىلايدىغان «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرنى ئېنىق پەرقلەندۈرۈپ، تەلتۈكۈس تازىلايمەن. توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىكى كىنو- تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى تەرجىمە قىلىش خىزمىتى يۆنىلىشىنىڭ توغرا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمەن. ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرگە ھەرگىزمۇ پايدىلانغۇدەك پۇرسەت بەرمەيمەن.
ئابلىكىم ئابدۇمىجىتنىڭ ئىمزالىق ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىنىڭ ئىزچىللىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، تيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئىدىيەدە ئازاد بولۇش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. بۇ قېتىمقى ئىدىيە ئېلىشىش كۈرىشىدە، بارلىق ياشلار باتۇرلۇق بىلەن ئىدىيەنى ئازاد قىلىشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىگە ئاتلىنىپ، ئىدىيەرىمىزنى بوغۇپ تۇرۇۋاتقان كىشەننى باشلامچىلىق بىلەن چېقىپ تاشلىشىمىز؛ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زىيىنىنى ئېنىق تونۇپ، زامانىۋى پەن- مەدەنىيەت بىلىملىرىنى تىرىشىپ ئىگىلىشىمىز؛ قالاقلىق ۋە نادانلىقتىن قۇتۇلۇپ، دادىللىق بىلەن ئىدىيەنى ئازاد قىلىپ، دۆلەت ۋە دەۋر تەرەققىياتى دولقۇنىغا سىڭىپ كىرىشىمىز؛ دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئەقىل- پاراسىتىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كىشىلىك ھاياتىمىزنى تېخىمۇ نۇرلاندۇرۇشىمىز كېرەك.
تەرجىمان: مەمەت. ئەۋەل

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى