قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

لوپنۇر ناھىيەسىدىكى لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونىنىڭ قىشتىكى گۈزەل مەنزىرىسى ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى-سىرتىدىكى نۇرغۇن ساياھەتچىنى بۇ يەرگە كېلىپ ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلدى

2019-02-25 11:36:18     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
لوپنۇر ناھىيەسىدىكى لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونىنىڭ قىشتىكى گۈزەل مەنزىرىسى يېقىندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى-سىرتىدىكى نۇرغۇن ساياھەتچىنى بۇ يەرگە كېلىپ ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلدى. كۆپچىلىك بۇ يەردە مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتىنى ھەقىقىي ھىس قىلىپلا قالماي، يەنە مۇز ئۈستىدىكى توغراق مەنزىرىسىدىن قانغۇچە ھوزۇرلاندى.
قىشتا لوپنۇرلۇقلار كەنتىدە، كۆل يۈزىدە قاتقان مۇز ساياھەتچىلەرنى تەبىئىي مۇز مەيدانى بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، مۇز ئۈستىدىكى توغراقلارمۇ ئۆزگىچە بىر مەنزىرە ھاسىل قىلىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى بۇ يەرگە كېلىپ تەبىئەتنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھىس قىلىشقا جەلپ قىلدى. خەينەندىن كەلگەن ساياھەتچى ۋۇ يۈچۈەن مۇنداق دېدى: مەن ئەزەلدىن بۇنداق گۈزەل مەنزىرىنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن.
  لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونى قۇملۇق، توغراق، ئېقىن، كۆللەرنى بىر گەۋدە قىلغان ساياھەت مەنزىرە رايونى. بۇ يىل قىشتا لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونى قەدىمكى لوپنۇرلۇقلار مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت ساياھىتىنى يولغا قويۇشتىن باشقا يەنە قۇمدا سېرىلىش، مۇز تېيىلىش قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرىنى يولغا قويدى ھەم قۇملۇقتا «گۆھەر ئىزدەش»، قۇملۇقتا يۈز كىشىلىك ئارغامچا تارتىشىش مۇسابىقىسى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزدى. چۆچەكتىن كەلگەن ساياھەتچى ما جيايۈ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم. ھازىر گەرچە ھاۋا سوغۇق بولسىمۇ، ساياھىتىم ناھايىتى كۆڭۈللۈك بولدى.
لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونىدا ساياھەتچىلەر گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھوزۇرلىنىشتىن باشقا، يەنە مەزىللىك تائاملارغىمۇ ئېغىز تېگىشتى. لوپنۇرلۇقلار كەنتىنىڭ كاۋىپى ۋە ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا پىشۇرۇلغان بېلىق كاۋاپلىرى، قوي گۆشى كاۋىپى ناھايىتى ئۆزگىچە بولۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. شەنشىدىن كەلگەن ساياھەتچى لوڭ تېڭ مۇنداق دېدى: لوپنۇرلۇقلار كەنتىنىڭ قىشتىكى گۈزەل مەنزىرىسىدىن قانغۇچە ھوزۇرلاندىم. بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل بولۇپلا قالماي، ئادەملىرى قىزغىن، تائاملىرىنىڭ تەمىمۇ بەكلا يېيىشلىك ئىكەن. بۇ قېتىمقى ساياھىتىم ناھايىتى كۆڭۈللۈك بولدى.

تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى