قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

چىش چوتكىڭىزنى قانچىلىك ۋاقىتتا يېڭىسىغا ئالماشتۇرىسىز؟

2019-02-25 12:38:57     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 نۇرغۇن كىشىلەر بۇ سوئالغا 3 ئايدا بىر قېتىم دەپ جاۋاب بېرىشى مۇمكىن.
جاۋابى ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق. چىش دوختۇرلىرى ئادەتتە چىش چوتكىسىنىڭ ئىشلىتىلىش مۇددىتىنىڭ 3 ئايدىن ئېشىپ كەتمەسلىكىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئەمما، بۇ يەنە ئادەمگە قاراپ ئوخشىمايدۇ، مەسىلەن: بەزىلەر چىش چوتكىلىغاندا كۈچەپ چوتكىلايدۇ، شۇڭا 3 ئايغا يەتمىگەن ۋاقىتتىلا چىش چوتكىسىنىڭ قىللىرى يۇمشاپ شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. شۇڭا، بۇنداق ۋاقىتتا چىش چوتكىسىنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇش كېرەك. چۈنكى، شەكلى ئۆزگەرگەن چىش چوتكىسىنىڭ تازىلاش رولى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا چىش ۋە چىش مىلىكىنى ئاسانلا زەخمىلەندۈرۈپ قويىدۇ.
ئەلۋەتتە، بەزى ئالاھىدە ئەھۋاللاردىمۇ چىش چوتكىسىنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇش كېرەك، مەسىلەن: زۇكام ساقايغاندىن كېيىن چىش چوتكىسىنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرىۋېتىش كېرەك، چۈنكى زۇكامداپ قالغاندا، چىش چوتكىسىنىڭ يۈزىدە زۇكام ۋىرۇسى، باكتېرىيەلەر قېپقالىدۇ، شۇڭا كونا چىش چوتكىسىنى تاشلاپ، قايتا زۇكامداپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
بۇنىڭدىن باشقا، چىش چوتكىسىدىكى قىللار ئارىلىقىنىڭ چوڭىيىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغاندا، ئىككىلەنمەيلا يېڭى چىش چوتكىسىغا ئالماشتۇرۇش كېرەك. ئادەتتە چوتكا قىلى زىچ تىزىلىدىغان بولۇپ، ئەگەر چوتكىدىكى قىللارنىڭ ئارىلىقى روشەن كېڭىيىپ كەتكەن بولسا، مېكروپلار ئاسانلا چىش چوتكىسىدا قېپقالىدۇ، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش كېرەك.
ئەگەر چوتكىنىڭ قىل ئۇچى يۇمشاپ ئۇپراپ كەتكەن بولسا، چىشنى پاكىز تازىلىيالمايدۇ، شۇڭا بۇنداق ۋاقىتتىمۇ يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش كېرەك.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە چىش چوتكىسىنىڭ تېگىنىڭ رەڭگى قېنىقلىشىپ كەتكەن بولسا، ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇش كېرەك. چۈنكى بۇ، چىش چوتكىسىنىڭ تېگىدە مېكروپ يىغىلىپ قالغانلىقتىن بولۇپ، ئاسانلا باكتېرىيە پەيدا قىلىدۇ، بۇنى پاكىز يۇيۇپ چىقىرىۋەتكىلى بولمايدۇ، شۇڭا چوتكا تېگىنىڭ رەڭگى قېنىقلىشىپ قالسا مېكروپ يىغىلىپ قالغاننىڭ سىگنالى بولۇپ، ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇش كېرەك.
ئۇنداقتا چىش چوتكىسى سېتىۋالغاندا قانداق تاللىشىمىز كېرەك؟ ئالدى بىلەن چوتكا قىلىنىڭ قاتتىقلىق دەرىجىسىگە قارايمىز، چۈنكى چوتكا قىلىنىڭ قاتتىقلىق دەرىجىسى چىش چوتكىلاشقا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئەگەر بەك يۇمشاق بولۇپ كەتسە چىشنى پاكىز چوتكىلىغىلى بولمايدۇ، بەك قاتتىق بولۇپ كەتسە چىش مىلىكىنى زەخمىلەندۈرىدۇ، شۇڭا سېتىۋالغاندا قىلىنىڭ قاتتىقلىق دەرىجىسى مۇۋاپىق بولغان چىش چوتكىسىنى تاللاش كېرەك. كونكرېت تاللاش ئۇسۇلى مۇنداق: بارماق بىلەن قىلنى يېنىك باسىمىز، ئەگەر سانجىلىپ ئاغرىسا، چوتكا قىلىنىڭ بەك قاتتىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، بۇنداق چىش چوتكىسىنى سېتىۋېلىشقا بولمايدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە چوتكا بېشىنىڭ چوڭ- كىچىكلىكىگىمۇ قاراش كېرەك. چوتكا بېشىنىڭ چوڭ ـ كىچىكلىكىنىڭمۇ ئۆلچىمى بار، چىش كېسەللىكلىرى جەمئىيىتى تۈزگەن نىزامغا ئاساسلانغاندا، چوتكا بېشىنىڭ كەڭلىكى 0.8 سانتېمىتردىن 1 سانتېمىترغىچە ، چوتكا ئۇزۇنلۇقى 2.5 سانتېمىتردىن 3 سانتېمىترغىچە بولسا مۇۋاپىق بولىدىكەن. ئادەتتە چوڭلار چوتكا بېشى چوڭراق بولغان چىش چوتكىسىنى تاللايدۇ، چۈنكى بۇنداق چىش چوتكىسىدا چىشنى ئاسان ھەم تېخىمۇ تېز چوتكىلىغىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە چوتكا بېشى كىچىكرەك بولسا تېخىمۇ پاكىز چوتكىلاش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ.بۇلاردىن باشقا يەنە چوتكا تۇتقۇچىنىڭ بۇلۇڭىغا دىققەت قىلىش كېرەك. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، چوتكا تۇتقۇچى تۈز تۇتقۇچلۇق چوتكا ۋە ئەگرى تۇتقۇچلۇق چوتكىدىن ئىبارەت ئىككىگە بۆلۈنىدۇ، ئادەتتە ئەگرى تۇتقۇچلۇق چىش چوتكىسى قولدا تۇتۇشقا ئەپلىك، لېكىن ئۆزىڭىزگە بولغان راھەتلىك تۇيغۇسى بويىچە ئىككىسىنىڭ قايسىسىنى تاللىسىڭىز بولىۋېرىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى