قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قېرىش يېشىغا يەتمەي تۇرۇپ قېرىپ كېتىش

2019-02-25 12:42:45     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بەزى كىشىلەر 40 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، 20 ياشتەك كۆرۈنىدۇ، ئەكىسچە يەنە بەزىلەردە 20 ياش تۇرۇقلۇقمۇ قورۇق چۈشۈش، ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. «قېرىش يېشىغا يەتمەي تۇرۇپ قېرىپ كېتىش» ئەھۋالىنىڭ يۈز بېرىشىنى ھېچكىم خالىمايدۇ، لېكىن بەزى ناچار ئادەتلەر ئادەمنى ۋاقىتسىز قېرىتىۋېتىدۇ، ئېغىر بولغاندا ئۆلۈپ كېتىشىمۇ مۇمكىن. ئۇنداقتا بۇ ناچار ئادەتلەرگە نەزەر سېلىپ باقايلى، سىزدە قانچىسى باركىن؟
دائىم ئۇزاق ئولتۇرۇپ ھەرىكەت قىلماسلىق. ئۇزاق ئولتۇرغاندا پۇت-قول مۇسكۇللىرىنىڭ كۈچى ئاجىزلاپ، پۇت-قول ماغدۇرسىزلىنىش، ئاسان چارچاش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قان تومۇرلاردىكى قاننىڭ سىغىمچانلىقى ئازلاپ، كۆكرەك بوشلۇقىدا قان يېتىشمەسلىك، يۈرەك ۋە ئۆپكىنىڭ ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؛ مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك، ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. يەنە ئاشقازان- ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشى ئاستىلاپ، ھەزىم قىلىش بەزلىرى ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقى ئازلاپ، ئىشتىھا تۇتۇلۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈپ، قورساق كۆپۈش، قەۋزىيەت، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق  كېسەللىك ئالامەتلىرىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ. شۇڭا كۆپچىلىككە ھەر ئىككى- ئۈچ سائەتتە بىر قېتىم ئورنىدىن تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىپ، بەدەننى سوزۇش ھەرىكەتلىرىنى ئىشلەپ بېرىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.
دائىم پۇتنى ئالماپ ئولتۇرۇش. نۇرغۇن كىشىلەر ئولتۇرسىلا پۇتىنى ئالماپ ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، دائىم كۆرۈلىدىغان بۇ ئاددىي ھەرىكەتنىڭ تەسىرىگە سەل قارىماڭ. ئۇزۇن ۋاقىت پۇتنى ئالماپ ئولتۇرغاندا، يانپاش بوغۇمى بىر ئېگىز، بىر پەس بولۇپ، داس سۆڭىكىنىڭ ئورنى ئولتۇرىشىپ كېتىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بېسىلىپ قالغان تىز ئۇزۇن مەزگىل بېسىمغا ئۇچراپ، پۇتنىڭ قان ئايلىنىشىغا  تەسىر يەتكۈزىدۇ- دە، قان راۋان ئاقالماي، پاچاقنىڭ ۋىنا قان تومۇرلىرىدا ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىش ئەھۋالىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پۇتتا سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولىدۇ، ھەتتا چېكىنىش خاراكتېرلىك بوغۇم ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، پۇتنى ئالماپ ئولتۇرۇش ۋاقتى 10 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
دائىم ناشتا قىلماسلىق. بىر كېچىلىك ئۇيقۇدىن كېيىن، بەدەنگە ۋاقتىدا ئېنىرگىيە تولۇقلاشقا توغرا كېلىدۇ، بولمىسا، بەدەندىكى گىلىكوگېن ۋە ئاقسىل خوراپ كېتىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى تېرە قۇرغاقلىشىپ، قورۇق چۈشۈپ، قېرىشنى تېزلىتىۋېتىدۇ. ناشتا قىلمىغاندا ئاشقازان كىسلاتاسى ھەزىم قىلىدىغان يېمەكلىك يوق بولۇپ قىلىپ، ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى غىدىقلاپ، ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان يارىسى قاتارلىق ئاشقازان كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئوخشاشلا، كەچلىك تاماق يېمىگەندىمۇ، ئاچلىق تۇيغۇسى ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇيقۇغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
كەچتە چىراغنى ئۆچۈرۈپلا تېلېفون ئويناش. كەچتە چىراغنى ئۆچۈرۈپ بولغاندىن كېيىن يېتىپ ئۇخلىيالماي تېلېفون ئوينىغاندا، غۇۋا يورۇقلۇق كۆز ئىچىدىكى سۇيۇقلۇقنىڭ راۋان ئايلىنىشىنى توسۇپ، ئاسانلا گلاۋكومانى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. گلاۋكوما  دۆلىتىمىزدىكى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ساقايمايدىغان، ئەمالىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كۆز كېسەللىكى. ئۇنىڭدىن باشقا، تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، ھەر كۈنى بىر سائەت يان تېلېفون ئىشلەتكەندە، بۇ ئادەت ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشقاندا، مېڭە ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئېشىپ كېتىدىكەن. شۇڭا، كۆپچىلىككە ئۇخلاشتىن بۇرۇن، غۇۋا يورۇق مۇھىتتا يان تېلېفون ئويناشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىشنى؛ يان تېلېفوندا ماقالە كۆرگەندە تېلېفون بىلەن كۆزنىڭ ئارىلىقىنى 30 سانتىمېتىر ئەتراپىدا ساقلاش ھەمدە ھەر قېتىملىق تېلېفون ئويناش ۋاقتى 45 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكىنى ئەسكەرتىمىز.
سۇ ئىچىشنى ياخشى كۆرمەسلىك. ئادەتتە سۇ ئىچىشنىڭ ئورنىغا ئىچىملىك، ئەتكەن چاي، قەھۋە قاتارلىقلارنى ئىچەمسىز؟ بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن، بۇنداق ئادەتنىڭ زىيىنى تاماكا چەككەندىنمۇ ئېغىر بولۇشى مۇمكىن. سۇنى ئاز ئىچكەندە قاندىكى سۇ تەركىبى تۆۋەنلەپ، قاننىڭ يېپىشقاقلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، قان ئايلىنىشقا تەسىر يەتكۈزۈپ، يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ سۇنى ئاز ئىچكەندە، سۇيۇقلۇقنى ئاجرىتىپ چىقىرىشمۇ ئازلاپ، بەدەندىكى بىر قىسىم كېرەكسىز ماددىلار ۋاقتىدا بەدەن سىرتىغا چىقىرىلماي، جىگەر، بۆرەكنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ؛ ئۇنىڭدىن باشقا، سۇ كەمچىل بولسا شۆلگەي يېتەرلىك ئاجرىلىپ چىقالماي، چىشنى قۇرت يېيىش ۋە ئېغىز بوشلۇقى يارىسىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ. ئادەم بەدىنى ھەر كۈنى ئېھتىياجلىق بولىدىغان سۇ مىقدارى مىڭ مىللىلىتىردىن 2 مىڭ مىللىلىتىرغىچە بولىدۇ. شۇڭا، كۆپچىلىككە سەھەردە بىر ئىستاكان سۇ ئىچكەندىن باشقا، كۈندۈزىمۇ ۋاقتىدا سۇ تولۇقلاشنى تەۋسىيە قىلىمىز.
ئەگەر تۇرمۇشتا مۇشۇنداق ناچار ئادەتلىرىڭىز بولسا دەرھال تۈزىتىڭ. ناچار ئادەتنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىن، ئۆزىڭىزدە ھەيران قالارلىق ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى بايقايسىز، شۇندىلا ھەر ۋاقىت ياش ۋە ساغلام تۇرىسىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى