قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

دۇنيا مېنى ئازاپلىسا، مەن دۇنياغا ناخشام بىلەن جاۋاپ قايتۇرىمەن

2019-02-25 12:46:19     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

1990- يىلى، بىر ئوغۇل بالا خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ لۇدى شەھىرى شىنخۇا ناھىيەسى يوۋجيا بازىرى لۇماۋ كەنتىدىكى بىر نامرات ئائىلىدە دۇنياغا كەلدى. قىش پەسلى باشلانغان بولسىمۇ، ئارقا تەرەپتىكى بامبۇكزارلىق يەنىلا ياپيېشىل ئىدى. ياشىنىپ قالغان دادىسى ئەمدىلا تۇغۇلغان بالىسىغا قاراپ ئۆز- ئۆزىگە: «قارىغاي، بامبۇكلار قىشتىمۇ كۆكىرىپ تۇرىدۇ. زۇ ئائىلىسىدە بىر كىشى جۇ يەنى بامبۇك دېگەن نامنى ئىسىم قىلىپ قويدى. ئەمدى بۇ بالىغا <قەھرىمان قارىغاي> دېگەن مەنىدە <يۇڭ سۇڭ> دەپ ئىسىم قوياي» دېدى.
زۇ يۇڭسوڭ تۆت ياشقا كىرگەن يىلى قىزىتمىسى ئۆرلەپ، ئۈچ كېچە- كۈندۈز قىزىتمىسى يانماي، جىددىي خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ قالدى. نامرات ئائىلىنىڭ تۇرمۇشى قارىغاي شاخلىرىدەك ئىنچىكە، ئورۇق بولغاچقا، ئاتا- ئانىسى ئۇنى ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك داۋالىيالماي، بۆرىكىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقان ئىدى. دادىسى دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلغاندىن باشقا، ياغاچچىلىق ھۈنىرىگە تايىنىپ كۈنىگە 5 يۈەن پۇل تاپاتتى، ئانىسى تاڭ يورۇماستىنلا ئورنىدىن تۇرۇپ كۆمۈر كانغا بېرىپ، چېچىلىپ قالغان كۆمۈرلەرنى تېرىپ كېلىپ ئوت قالايتتى، ئاندىن كېيىن زۇ يۇڭسۇڭنى يۈدۈپ سەھىيە پونكىتىغا ئاپىرىپ ئوكۇل ئۇرغۇزاتتى. زۇ يۇڭسۇڭ كىچىك ۋاقتىدا ناھىيەلىك دوختۇرخانىغا كېسەل كۆرسەتكىلى بارغاندا، ئانىسى بىر نەچچە يۈەن كىرا ھەققىنى تېجەپ قېلىش ئۈچۈن، ئۇنى يۈدۈپ ئاپىراتتى. بىر قېتىم بېرىپ- كېلىشكە ئۈچ سائەت ۋاقىت كېتەتتى.
 نامرات بالا بالدۇر يېتىلىدۇ. ئاكىسى زۇ رۇڭچىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا بوۋىسى بىلەن قاسساپلىق قىلدى. 2003- يىلى گۇاڭجۇغا بېرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىپ، ھەر ئايدا ئازراق تۇرمۇش پۇلى ئېلىپ قېلىپ، قالغىنىنى ئۆيىگە ئەۋەتەتتى. گۇاڭجۇغا بېرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىدىغانلاردىن يەنە ئاچىسى زۇ شياۋخۇڭمۇ بار ئىدى. زۇ يۇڭسۇڭ كېسەل سەۋەبىدىن تېنى ئاجىزلاپ كەتكەچكە، 10 ياشقا كىرگەندە، ئاندىن باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ئىزچىل ياخشى ئىدى.
 2008- يىلى زۇ يۇڭسۇڭ شىنخۇا 1- ئوتتۇرا مەكتىپىگە قۇبۇل قىلىندى. يازلىق تەتىلدە ئۇنىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىپ، گۇاڭجۇغا بېرىپ ئاچىسىنى ئىزدىدى. زۇ شىياۋخۇڭ گۇاڭجۇدا ناشتىلىق دۇكىنى ئاچقان بولۇپ، ئۈچ ياشلىق بىر بالىسى بار ئىدى. ئاچىسى كېسەل ئازابىنى تارتىۋاتقان ئىنىسىغا قاراپ گەپ قىلمايلا، ناشتىلىق دۇكىنىنى ئۆتۈنۈپ بېرىپ، يەنە دوستلىرىدىن ئازراق پۇل قەرز ئالدى. زۇ شياۋخۇڭ بالىسىنى كۆتۈرۈپ، ئىنىسىنى ئېلىپ، پويىز بىلەن شىجياجۇاڭ بۆرەك كېسىلى دوختۇرخانىسىغا قاراپ يولغا چىقتى.
 2017- يىلى 5- ئاينىڭ 2- كۈنى زۇ يۇڭسۇڭنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى يامانلىشىپ، ئۇ بەرداشلىق بېرەلمەي قالغاندا، ۋەسىيەتنامە يازدى. زۇ يۇڭسۇڭ بۇ ۋەسىيەتنامىنى ياستۇق ئاستىغا يوشۇرۇپ قويۇپ، ھەر كۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن چىقىرىپ قاراپ باقاتتى. زۇ رۇڭچىڭ ئىنىسىنىڭ بۆرىكىنى ئالماشتۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، تېلېفوندا: «ئەنسىرىمە، ئاكاڭدا بۆرەك بار» دېدى. ئاچىسى بۆرەك ئالماشتۇرۇشتا يېقىن تۇغقانلار ئارا ماسلىشىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، بىرىنچى بولۇپ دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتتى، لېكىن ئاچا- ئىنى ئىككىسىنىڭ قان تىپى ماس كەلمىگەچكە، بۆرەك ئالماشتۇرۇشقا بولماي قالدى. شۇنىڭ بىلەن زۇ يۇڭسۇڭ قان تازىلاشقا تايىنىپ ھاياتىنى ساقلاپ قالالايتتى. بۆرەك تازىلاشنىڭ ئىككى خىل شەكلى بار ئىدى، بىرى قان دىيالىز قىلىش بولۇپ، ئۇنى دۇختۇرخانىغا قەرەللىك بېرىپ قىلدۇرۇش كېرەك ئىدى. يەنە بىرى قورساق پەردىسىدىن دىيالىز قىلىش بولۇپ، ئۇنى ئۆيدە قىلسىمۇ بولاتتى. دۇختۇرخانىدا قان تازىلاتقاندا، خىراجەت ۋە ۋاقىت كۆپ كەتكەچكە، زۇ يۇڭسوڭ ئۆيىدە دىئالىزى قىلىشنى قارار قىلدى.
ئەينى چاغدا، ئۇنىڭ ساۋاقدىشى بىلەن بىرلىشىپ ئىجارە ئالغان ئۆيى ئانچە چوڭ ئەمەس ئىدى. ئوقۇغۇچىلارغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك، شۇنداقلا يۇقۇملىنىش خەتىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش ئۈچۈن، ئۇ مەخسۇس ھىم يېپىلىشچانلىقى بىر قەدەر ياخشى بولغان چېدىر سېتىۋېلىپ، ئىجارە ئۆينىڭ بالكونىغا قويدى. زۇ يۇڭسوڭ دىئالىزلانغان سۇيۇقلۇقنى قىزدۇرۇپ ئۇلترا بىنەپشە نۇرلۇق چىراغ بىلەن دېزىنفېكسىيە قىلىپ، چېدىردا دىئالىز قىلدى. بىر نەچچە سائەتتە زۇ يۇڭسوڭ بەدەندىكى توكسىننى ھەيدەپ چىقىرىش ئۈچۈن، دىئالىزلانغان سۇيۇقلۇقنى ئالماشتۇرۇشقا توغرا كېلەتتى. بىر خالتا ئىككى كىلوگرام كېلىدىغان دىئالىز سۇيۇقلۇقى بەدەنگە كىرگەندە، ئەگەر ئېھتىياتسىزلىقتىن ھاۋا كىرىپ كەتسە، پۈتۈن بەدەندىكى سۆڭەك قاتتىق ئاغرىپ كېتەتتى. چاڭشانىڭ تېمپېراتۇرىسى ئۈچ سېلسىيە گرادۇس بولغاندا، ئۇ توڭلاپ كەتكىنىدىن چېدىردا چۈشكۈرۈپ كېتەتتى.
زو يوڭسۇڭ 2017- يىلى 6- ئايدا ئوپىراتسىيەدىن كېيىن ئۇرۇق- تۇغقانلىرى يوق ئەھۋالدا، ھەر كۈنى تۆت قېتىم دىئالىز قىلدى، ئۇ ھازىرغىچە جەمى مىڭ قېتىم دىئالىز قىلغان ئىدى. دىئالىز، داۋالاش ھەققى ئۈچۈن ھەر ئايدا 5 مىڭ يۈەن كىتەتتى. بۇنىڭ %70 ئى ئاتچوت قىلىناتتى، قالغان قىسمىنى زۇ يۇڭسوڭنىڭ پىراكتىكا قىلغان مائاشى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئىشلەمچىلىك قىلىپ تاپقان كىرىمىگە تايىنىپ، تاپشۇراتتى.
زۇ يۇڭسوڭ گۇاڭدۇڭ نېفىت- خىمىيە سانائىتى داشۆسىدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، كەسپى نەتىجىسى ئىزچىل ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ ئۆزلۈكىدىن يۇمشاق دېتال ئىشلەشنى ئۆگىنىپ، «ئالىي مەكتەپ يول باشلاش تور بېكىتى» نى ئاچتى؛ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ماتېماتىكا مودېللاشتۇرۇش مۇسابىقىسىگە ئۇدا نەچچە يىل قاتنىشىپ، ھەر يىلى مەكتەپ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشتى. ئۇ يېتەكچى ياردەمچىسى بولۇپ، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلدى؛ مېھرى- شەپقەت يەتكۈزۈش تەشكىلاتىغا قاتنىشىپ، خەيرىيەت پاراۋانلىقى ئىشلىرىغا ئاتلىنىپ، بارلىق ۋاقتىنى ئۆگىنىش، خىزمەت ۋە پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە سەرپ قىلدى. 2013- يىلى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئەزا بولدى.
زۇ يۇڭسوڭ تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، چاڭشا تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسى يۇمشاق ماتېرىيال قۇرۇلۇشى كەسپىدە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇدى، تەتقىقات يۆنىلىشى كۆپ سېنزورنى بىرلەشتۈرۈپ ئورۇن بەلگىلەش ئىدى. بۇ مەزگىلدە ئۇ دۆلەت ماتېماتىكا ساھەسىدە مودېللاش مۇكاپاتىنىڭ 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا، خۇنەن ئۆلكىسى ماتېماتىكا ساھەسىدە مودىللاشتۇرۇش مۇسابىقىسىدە 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، ئاسپىرانت «1- دەرىجىلىك ئوقۇش مۇكاپات پۇلى» غا، «2- دەرىجىلىك ئوقۇش مۇكاپات پۇلى» غا، «يەككە تۈر ئوقۇش مۇكاپات پۇلى» غا ئېرىشتى.
زۇ يۇڭسوڭ خەۋەردە قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىنىڭ قاتناش قىستاڭچىلىقى سەۋەبىدىن نەق مەيدانغا ۋاقتىدا يېتىپ بارالمىغاچقا، بىمارنىڭ قازا قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇئەللىمنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، بىر نەچچە ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ماتېرىيال كۆرۈپ، ئاخىرى 2016- يىلى 3- ئايدا جىددىي قۇتقۇزۇش، بىر تەرەپ قىلىش چارىسىنى كەشىپ قىلدى ھەمدە پاتېنت ئىلتىماسى سۇندى.
 2017- يىلى 6- ئايدا زو يۇڭسوڭ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغان مەزگىلدە «ئورتاق بەھرىلىنىدىغان پرىنتېر» نى تەتقىق قىلىپ ياساش ئويى پەيدا بولدى. بۇ تەسەۋۋۇرنىڭ مەنبەسى ئۈندىدار سۈرىتى پرىنتېرى: ئابونىيچى تور بېكىتىگە بىر ھېسابات نومۇرى تىزىملىتىپ، بېسىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەتلەرنى يوللاپ، سىستېمىدىن ئىككىلىك كود ھاسىل قىلىشنى چېكىپ، يان تېلېفوندا ساقلاپ، ئاندىن پرىنتېردىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاش ئېغىزىغا توغرىلاپ، ھۆججەتنى بېسىپ چىقارغىلى بولاتتى. 7- ئايدا زو يۇڭسوڭ دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن، توردىن نىمكەش پرىنتېر، كومپيۇتېر، ئىككى ئۆلچەملىك كود سىكاننېرسى، تېلېفون كارتىسى ۋە تور كارتىسى سېتىۋالدى، «باستىڭىزمۇ» دېگەن نامدا رويخەتكە ئالدۇرغان كۆزنەك تور بېكىتى تەسىس قىلدى، تەقلىدىي ئاساسىي كومپيۇتېر سېتىۋېلىپ، يۇمشاق دېتال نومۇرى ئىشلەتتى. ئۇ «گۇڭشياڭ بېسىش ماشىنىسى» نى مەكتەپ تەبىئىي پەن بىناسىنىڭ B رايون زالىغا ئورنىتىپ، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەقسىز ئىشلىتىشىگە بەردى. ئۇ ئەنئەنىۋى بېسىش ماشىنىسىنىڭ ۋاقىت- بوشلۇق چەكلىمىسىنى ھەل قىلدى. بۇنداق بولغاندا، خالىغان ۋاقىتتا بېسىپ چىقىرىشقا بولىدىغان بولۇپ، كېڭەيتىش قىممىتى بار ئىدى. شارائىت چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، نۆۋەتتە بىرلا بېسىش ماشىنىسى چاڭشا تەبىئي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسىدە ئىشلىتىلىۋاتىدۇ.
«ئورتاق بەھرىلىنىدىغان پرىنتېر» 2017- يىلى 11- ئايدا چاڭشا سانائەت پەنلىرى داشۆسىنىڭ يۈنتاڭ مەكتەپ رايونى تەبىئىي پەن بىناسى B رايون زالىدا ئىشلىتىلىشكە كىرىشتۈرۈلدى. ساۋاقداشلار بىنانىڭ زالىدا پرىنتېرنىڭ كۆپىيىپ قالغانلىقىنى كۆردى، تېخى ئۇنى تاللاپ سېتىش ماشىنىسىغا ئوخشاش، كود سىكاننېرلاپ پۇل تۆلەيمىز دەپ ئويلاپ، سىناپ بىقىۋىدى، پۇل ئالمىدى. ئۇلار كېيىن ئۇنىڭ زۇ يۇڭسوڭنىڭ كەشپىياتى ئىكەنلىكىنى بىلدى.
پرىنتېردىن چاتاق چىقتى، بەزى ساۋاقداشلار زۇ يۇڭسوڭ قۇرغان QQ ئالماشتۇرۇش توپىغا ئۇچۇر قالدۇردى. زۇ يۇڭسوڭ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ئالدىراپ- تېنەپ يېتىپ كېلىپ، پرىنتېرنىڭ سىرتىدىكى ساندۇقنى ئېچىپ، قەغەز ئوقۇرنىڭ قۇرۇق ئىكەنلىكىنى بايقىدى. ئۇ سومكىسىدىن بىر بولاق بېسىپ چىقىرىش قەغىزىنى چىقىرىپ قاچىلاپ، يان تېلېفوندىكى ئىككى ئۆلچەملىك كود سىكاننېرغا توغرىلاپ، ئېكراننى چېكىپ مۇقىملاشتۇرۇپ، ھۆججەتنى بېسىپ چىقاردى.
سىنىپ باشلىقى خۇ جىيەنخۇا بىر مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويدى: «پرىنتېر 2017- يىلى 11- ئايدىن ھازىرغىچە ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەندىن تارتىپ، خېرىدارلار ئانچە كۆپ بولماپتۇ. ئومۇمىي خېرىدار سانى يۈزگە يەتمەپتۇ. سىنىپتىكى ساۋاقداشلار زۇ يۇڭسوڭنىڭ پرىنتېرنى ئۆزى پۇل چىقىرىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئىشلىتىشىگە ھەقسىز بەرگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئىككىلىنىپ قاپتۇ. زۇ يۇڭسوڭ مەندىن: بىرەر ئىشنى توغرا قىلمىدىممۇ؟ ئەسلى پرىنتېرنى ئىشلىتىدىغانلار كۆپ بولسا بولاتتىغۇ» دەپ سورىدى. ئۇ ھەق ئالمىغاچقا، كۆپچىلىكنىڭ ئىشلىتىشكە كۆزى قىيمايۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتى.
زۇ يۇڭسوڭ 2018- يىلى 3- ئايدا جۇڭگو پاتېنت ئىدارىسى تارقاتقان «ئورتاق بەھرىلىنىدىغان پرىنتېر» نىڭ يېڭى تىپتىكى پاتېنت ھوقۇقى بېرىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالدى. بۇنىڭ بىلەن زۇ يۇڭسوڭ ھوقۇق بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان پاتېنت ۋە يۇمشاق ماتېريالنىڭ ئەسەر ھوقۇقى جەمىي ئالتە تۈرگە يەتتى. زۇ يۇڭسوڭ 2018- يىلى 6- ئاينىڭ 24- كۈنى قۇرغان ھەمدە ئۆزى مەسئۇل بولغان «باستىڭىزمۇ» كوللېكتىپى يېڭى خادىم قوبۇل قىلىشقا باشلىدى. بۇ تۈر BP مۇسابىقىسى، ئالاقە تورى بىلەن مۇسابىقە قۇشۇلغان، ياشلىق باھار مۇسابىقىسى قاتارلىق نۇرغۇن مۇسابىقە تۈرلىرىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكتىن، نۇرغۇن مەبلەغ سېلىش ئاپپاراتلىرى مەبلەغ سېلىش مەقسىتىدە بولىۋاتقان ئىدى.
كۆزگە كۆرۈنگەن پەن- تەتقىقات نەتىجىسى ۋە خىزمەت نەتىجىسى ھەمىشە كىشىلەرگە زۇ يۇڭسوڭنىڭ بۆرەك ياللۇغىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدىكى كېسەل ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇلدۇراتتى. ئەمەلىيەتتە، 2017- يىلى 6- ئايدا ئوپېراتسىيە قىلىنغاندىن بۇيان، زۇ يۇڭسوڭنىڭ ئىزچىل ئەجەل بىلەن مۇسابىقىلىشىۋاتقان ئىدى. دۆلەت مۇداپىئە پەن- تېخنىكا داشۆسى ئادەمسىز تەتقىقات ئىشخانىسىدا پىراكتىكا قىلىۋاتقان زۇ يۇڭسوڭ ھەر كۈنى سائەت 7 دە ئورنىدىن تۇرۇپ، 1- قېتىملىق قان تازىلايتتى، يېرىم سائەتتىن كېيىن سىرتقا چىقاتتى، يولدا ناشتىلىق سېتىۋالغاچ ئىدارىگە بېرىپ ئىشلەيتتى. سائەت 12 دە ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىپ ئىككىنچى قېتىملىق قان تازىلاشنى ئېلىپ باراتتى. چۈشلۈك تاماقنى ئالدىنقى كۈنى تەييارلاپ قويغان بولۇپ، ئىسسىتىپ يەيتتى. سائەت 14 دە ئىشقا باراتتى. كەچتە كۆكتات بازىرىغا بېرىپ كۆكتات سېتىۋىلىپ ئۆيگە قايتىپ، تاماق تەييارلاپ، 3- قېتىملىق قان تازىلاشنى باشلايتتى. دىئالىز ئاخىرلاشقاندا، تاماق يەپ بولۇپ داۋاملىق پەن تەتقىقاتى ئېلىپ باراتتى. سائەت 23 تە ئۇخلاشتىن بۇرۇن يەنە بىر قېتىم قان تازىلاش كېرەك ئىدى. دوختۇرخانىدا ياتقان مەزگىلدە، ئۇ كېسەل كارىۋىتىدا يېتىپ، تېلېفوندا ئەسەر يازدى. ئۇ دائىم: «مېنىڭ ھاياتىم بەلكىم باشقىلارنىڭ يېرىم ئۆمرى بولۇشى مۈمكىن، شۇڭا ۋاقىتنى تېخىمۇ قەدىرلەيمەن» دەيتتى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى