قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئانا مۇھەببىتى

2019-02-25 12:48:30     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مەن ئۇزۇندىن بۇيان «ياش گۋاردىيە» ناملىق روماننى ئېلىشنى ئويلاۋاتاتتىم، ئۇنىڭ باھاسى بىر يۈەندىن ئارتۇقراق ئىدى. ئانام ماڭا ھېچقاچان بۇنچىلىك پۇل بېرىپ باقمىغان ھەم مەنمۇ ئەزەلدىن ئانامدىن بۇنچىلىك پۇلنى سوراپ باقمىغان ئىدىم. ئەمما مەن بۇ كىتابنى قانداق ئېلىشنى ئويلاپ پۈتۈن كۈن روھسىز يۈردۈم.
مەن ساۋاقدىشىمنىڭ ئۆيىدىكى رادىيودىن «ياش گۋاردىيە» ناملىق بۇ قېسىملىق روماننى ئاڭلىغان ئىدىم. ئۇ چاغدا ئۆيىمىزدە رادىيو يوق ئىدى، چۈنكى ئۆيىمىزدىكى كونا رادىيونى سېتىپ، تۇرمۇش خىراجىتى قىلغان ئىدۇق.
مەن ئانامنىڭ خىزمەت ئورنىغا بېرىپ، تېڭىرقىغىنىمچە ئانامغا بىر دەم قاراپ تۇردۇم، لېكىن ئانامنى كۆرمىدىم. 70- 80 دانە كىيىم تىكىش ماشىنىسىدىن چىقىۋاتقان ئاۋاز كىشىنىڭ قۇلاق مىڭىسىنى يەيتتى.
 كىمنى ئىزدەيسىز؟  ئانامنى ئىزدەيمەن، ئانىڭىز كىم؟ ئانامنىڭ ئىسمىنى ئۈنلۈك ئاۋازدا ئېيتتىم. ئاۋۇ يەردە، دېدى بىر ياشانغان كىشى ئەڭ ئىچىدىكى بۇلۇڭنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ.
مەن قاتار- قاتار كىيىم تىكىش ماشىنلىرىدىن ئۆتۈپ، بۇلۇڭغا باردىم، ئورۇقلىقىدىن قوۋۇرغىلىرى بىلىنىپ تۇرىدىغان ئانام بېشىنى كىيىم تىكىش ماشىنىسىغا يېقىن قىلىپ ئىشلەۋاتقان ئىدى. ئەتراپتىكى چىراق نۇرى يۈزۈمنى قىزىتىۋەتتى.
- ئانا.... ئانا...
ئانام بېلىنى رۇسلاپ كەينىگە ئۆرۈلدى. قوڭۇر رەڭلىك ماسكىسىنىڭ ئۈستىدىن كۆرۈنۈپ تۇرغان بىر جۈپ كۆزىدىن ھارغىنلىق چىقىپ تۇراتتى. ئانام مېنى كۆرۈپ ھەيران بولغان ھالدا:
سەن نېمىگە كەلدىڭ؟ دەپ ۋارقىدى.
 مەن...
ئىشىڭ بولسا تېزراق دە، ئىشىمغا دەخلى قىلماي، دېدى ئانام.
مەن...... ماڭا پۇل كېرەكتى، دېدىم مەن.
ئەسلىدە «پۇل ئېلىش» دېگەن سۆزنى قىلماسلىقنى ئويلىغان بولساممۇ، ئەمما ئىختىيارسىز ئاغزىمدىن چىقىپ كەتتى.
پۇلغا نىمە سېتىۋالاتتىڭ؟ دەپ سورىدى ئانام.
كىتاب ئالماقچىدىم.
قانچە پۇل كېرەك؟
بىر يۈەن بەش مو.
ئانام يانچۇقىنى ئاختۇرۇپ، پۇرلىشىپ كەتكەن پارچە پۇللارنى قورۇق چۈشكەن قوللىرى بىلەن ساناشقا باشلىدى.
دەل شۇ چاغدا يېنىدىكى ئايال ئىشىنى توختىتىپ، ئانامغا قاراپ:
يەڭگە، پۇلنى بەرمەڭ! ئۇنى بېقىۋاتقىنىڭىز، كىيىم- كېچەك ئېلىپ بېرىۋاتقنىڭىز، مەكتەپتە ئوقۇتىۋاتقىنىڭىز يەتمىگەندەك، يەنە تېخى قوشۇمچە كىتاب ئېلىشقىمۇ پۇل بېرەمسىز؟ دېدى. ئارقىدىنلا ماڭا قاراپ: ئاناڭنىڭ قانداق جاپادا پۇل تېپىۋاتقانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ يەنە تېخى كىتاب ئېلىشقا ئاناڭدىن پۇل سوراشقا قانداق پېتىندىڭ؟ دەپ ۋارقىرىدى.
ئەمما، ئانام پۇلنى ئاستا مېنىڭ ئالقىنمغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ، ئۈنلۈك ئاۋازدا ئۇ ئايالغا:
- مەن ئۇنىڭ كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىدىن خۇشالمەن، دېدى.
ئانام گېپىنى تۈگىتىپلا ئىشىغا كىرىشىپ كەتتى. 
مەن شۇ كۈنى تۇنجى قېتىم ئانامنىڭ شۇنچىلىك ئورۇقلىقىنى، تۇنجى قېتىم ئۆزۈمنىڭ چوڭ بولۇپ قالغانلىقىمنى ھېس قىلدىم.
بۇرنۇم ئېچىشىپ كەتتى- دە، پۇلنى ئېلىپلا يۈگۈرگەن پېتى چىقىپ كەتتىم.
شۇ كۈنى، شۇ بىر يۈەن بەش موغا بىر مېۋە كونسىرۋاسى سېتىۋالدىم.
«قارا سېنى، كىم سېنى ماڭا مېۋە كونسىرۋاسى سېتىۋالسۇن دەپتۇ. سەن كىتاب ئالىمەن دېگەچكە، مەن ساڭا شۇنچىلىك پۇلنى بېرىشكە چىدىغان»دېدى ئانام. 
شۇ كۈنى ئانام مېنى ئەيىپلىگەندىن كېيىن، يەنە ماڭا «ياش گۋاردىيە» ناملىق كىتابقا يەتكۈدەك پۇل بەردى. ئەمما مەيلى ئۆزۈم ئۈچۈن بولسۇن ۋە ياكى ئانام ئۈچۈن بولسۇن، ئۇ پۇلنى يەنە ئېلىپ كىتاب ئېلىشقا ھەققىم يوقتەك ھېس قىلدىم.
شۇنداق بولسىمۇ مەن يەنىلا بىر پارچە رومانغا ئىگە بولدۇم.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى