قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

<ياۋا غاز> نىڭ ئېكرانغا قايتىپ كېلىشىنى ئۈمىت قىلىش

2019-02-25 12:52:02     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

«يولغا چىقىش» ناملىق فېلىم، يېڭى دەۋرنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئاساسىي مېلودىيە ئەسىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك يېرى شۇكى، ئۇ يېڭى دەۋردىكى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئوبرازىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ياراتقان. ئەدەبىيات- سەنئەت ئەسەرلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئوتتۇرىغا چىقىرىشنىڭ كۈچى زادى نەدىن كەلگەن؟ گې دېنىڭ «پەزىلەت ئارقىلىق پەزىلەتنى يارىتىش» دېگەن سۆزى تولىمۇ جايىدا ئېيتىلغان. پەزىلەت شەخس ئوبرازىنىڭ مەنىۋى ئالاھىدىلىكى. سەنئەتكارلار پېرسوناژ ئوبرازى ئارقىلىق گۈزەللىك غايىسى ۋە قېممەت تەلىپىنى ساقلايدۇ. ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، دۆلەت تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئېكرانىدا، دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە ياراتقۇچىلاردىن، ئىسلاھات ئېلىپ بارغۇچىلارغىچە، قەھرىماندىن ئادەتتىكى ئادەملەرگىچە، ھەقىقەتەن رەڭدار ئوبرازلار يارىتىلدى. نۆۋەتتە، تارىخىي پائالىيەتلەردە «باشلامچى غاز» لىق رولىنى ئالغان ئەنە شۇ مۇنەۋۋەر رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئوبرازىنى قايتا ئېكرانغا چىقىرىش تەلىپى يۇقۇرى بولماقتا.
«يولغا چىقىش» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئىجابىي ئىپادىلەيدىغان ئاساسىي مېلودىيە ئەسىرى. ئۇنىڭ ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان يېرى شۇكى، ئۇنىڭدا يېڭى دەۋردىكى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ بەدىئىي ئوبرازى ـــ زېڭ يەنلەي مۇۋەپپىقيەتلىك يارىتىلغان.
پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى يېڭى تارىخىي باسقۇچقا قەدەم قويدى. ئۆلكە ئىچىدىكى ئىككىنچى چوڭ شەھەر بولغان بوخەي شەھىرى، ئىسلاھات- ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، تۈمەن كېمىلەر بەس- بەستە قاتناپ، مىس زاۋۇتى، كانچىلىق، ئۆي- زېمىن كەسپى قىزىپ كەتكەچكە، ئىقتىسادى تېز تەرەققىي قىلدى. ئەمما، يېڭى ۋەزىيەتتە تەرەققىيات توسالغۇسىغا ئۇچراپ، ھەتتا ئاممىۋى ۋەقەلەر ئارقا- ئارقىدىن يۈز بەردى. ھالقىلىق پەيتتە ئۆلكىلىك پارتكوم سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى زېڭ يەنلەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولدى. ئۇنىڭ كېلىشى، بوخەي شەھىرىنىڭ تەرەققىياتىغا نىسبەتەن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ ئەمەل قىلىشمۇ؟ ياكى يېڭىلىق يارىتىشمۇ؟ زېڭ يەنلەي كېيىنكىسىنى تاللىدى، ئۇ 18- قۇرۇلتايدىن كېيىن ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى تەپەككۈرىنى ئېلىپ كەلدى. ئۇ: «شەھەر تەرەققىيات ئەندىزىسىدە مىقدارىنى ئازايتىپ تەرەققىي قىلىش ئالاھىدىلىك، يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتنىڭ چىقىش يولى. بوخەيدىن ئىبارەت بۇ شەھەردە ئىلگىرى كۆمۈر، پولات زاۋۇتى، يەر مۈلۈك قاتارلىقلار ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئۇمۇمىي قىممىتىنىڭ ئۆسىشىگە تۈرتكە بولغان بولسىمۇ، ئەمما شەھەرنىڭ بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى» دەپ قارايتتى. مۇھىت بۇلغايدىغان كارخانىلار تاقالغاندىن كېيىن، بوخەي شەھىرىدە قانداق قىلىپ «ھەرىكەت ئىقتىدارىنى ئالماشتۇرۇش» نى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ؟ شەھەر تىپىنى ئۆزگەرتىش داۋامىدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ يېڭى تېما باش قەھرىماننىڭ ئالدىغا قويۇلدى. زېڭ يەنلەي ھەم ئالدىن كۆرەرلىكى ھەم «تۆۋەن چەك تەپەككۇرى» بار رەھبىرىي كادىر ئىدى. بۇ ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئېكراندىكى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئوبرازىغا ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىكى ئىدى. ئۇ، بىر «ئەقلىي ئىقتىدارلىق شەھەر» نىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنى تەسەۋۋۇر قىلدى. ئۇ غۇلغۇلا پەيدا قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەشكە ئەھمىيەت بەردى. بىرىنچى قېتىم پولات زاۋۇتىنىڭ زاۋۇت رايونىغا بېرىپ ئەھۋال ئېگىلىگەندە، يامغۇر يېغىۋاتقان كۈنى بولۇپ، ئۇ نەنشەن كۆلى ۋە چېڭجۇڭ دەرياسىنىڭ لاي- دۇغ سۈيىدىن ئىككى بوتۇلكا قاچىلاپ، ئۇنى جىنخەيدۇڭ شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقىنىڭ ئۈستىلىگە قويۇپ قويدى ھەمدە بۇ ئارقىلىق، رەھبەرلەرنىڭ چوقۇم پۇقرالارغا يېشىل تاغ- دەريالار بولغان بوخەي شەھىرىنى قايتۇرۇپ بېرىشىنى ئاگاھلاندۇردى. ئەسلىدىكى «توڭجياڭ داخەي» پىلانىنىڭ بىر قىسمى كونا زاۋۇت رايونىنى ئۆزگەرتىش بولۇپ، بۇ يەرنى چۆرىدىگەن ھالدا، شەھەردىكى نۇرغۇن كىشىلەر يەر سېتىپ، قەرز قايتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان ئىدى. زېڭ يەنلەي يەر سېتىشقا قەتئىي قوشۇلمىدى. پولات زاۋۇتىدىن ئىش ئورنىدىن قالغان 20 مىڭ ئىشچىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، يەرلىك قەرزنىڭ ۋاقتى توشۇش، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى قاتارلىق سەۋەپلەر بىلەن «نەتىجە يارىتالمىغان» دەپ قارىلىش خەۋپى ئالدىدىمۇ، زېڭ يەنلەي مەردانلىق بىلەن كەسكىن قارار چىقاردى. بۇ دەل ئۇنىڭ قىممەتلىك «تۆۋەن چەك تەپەككۇرى» ئىدى.
زېڭ يەنلەي ئوبرازىنىڭ يەنە بىر يارقىن نۇقتىسى «خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش» نى ئاغزىدىلا دەپ قويماستىن، بەلكى باشتىن- ئاخىر خەلققە يېقىن شۇجى، پۇقرا شۇجى بولغانلىقىدا. ئۇ دائىم شەھەر باشلىقى بىلەن پولات زاۋۇتىدىن ئىش ئورنىدىن قالغان ئىشچىلار ئاچقان ئاشخانىغا بېرىپ تاماق يىدى؛ مۇتەخەسسىس تەكلىپ قىلىش ئۈچۈن، بېيجىڭغا بىرىپ سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچىرىدى؛ ئۇ ئۆزىنى چوڭ تۇتمايتتى، لېكىن كادىرلارغا تەلەپنى قاتتىق قوياتتى، تەنقىدتە يۈز خاتىرە قىلمايتتى. ئەينى چاغدا پەن- تېخنىكا شىركىتى قۇرۇش ئۈچۈن 20 نەچچە تامغا باستۇرۇشقا توغرا كېلەتتى. ئۇ، «ئەقلىي ئىقتىدارلىق شەھەر» ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۇ 20 نەچچە تامغىنى ھۆكۈمەت ئىشلىرى زالىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى ئەينەك ئىشكاپقا سېلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ پۇقرالار ئۈچۈن قانداق خىزمەت قىلىشى كېرەكلىكىنى مەڭگۈ ئاگاھلاندۇرۇپ تۇردى.
زېڭ يەنلەي ئۆگىنىشچان كادىر. ئۇ چوڭ ئىشلارنىڭ ئالدىدا «تىنچ» بولۇشقا تىرىشتى. ئۇچۇرلاشقان دەۋردە، ئۇنىڭ يان تېلېفونىدا نۇرغۇن ئادەتتىكى شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئۈندىدارى قېتىلغان بولۇپ، ئىلغار ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ، ئاممىنىڭ پىكرىنى ئىگىلەش ۋە يېتەكلەشكە ماھىر ئىدى. بوخەي شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئەڭ چوڭ ئىش پولات زاۋۇتىدىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئىچىدىغان سۈيىدىن زەھەرلىنىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغانلىقى بولدى. بۇ ئىش يۈز بەرگەندىن كىيىن شەھەرنىڭ تۇرۇبا سۈيى بۇلغىنىپتۇ دېگەن پىتنە- ئېغۋا تارقىلىپ، شەھەر بويىچە سۇ تالىشىش دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ، بۇ خەۋەر ھەتتا ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسىغىمۇ يېتىپ باردى. سەۋەبى، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كىيىن، شەھەر باشلىقى جىن خەيدۇڭ ئۇچۇر ئېلان قىلماسلىق، ئاخبارات ۋاستىلىرى بىلەن يۇز تۇرانە ئۇچۇرشىشقا قوشۇلمىغان ئىدى. زېڭ يەنلەي ئەكسىچە، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، كەڭ شەھەر ئاھالىسىگە ھەقىقىي ئەھۋالنى چۈشەندۈردى. بۇنىڭ بىلەن، پىتنە- ئىغۋا بىتچىت بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىناۋىتىمۇ ئۆستى.
ئۇ كىشىلىك قەدىر- قىممىتى بىلەن «باشلامچى» بولدى. ئۇ ئىش قىلغاندا كەڭ قورساق، لېكىن ئۇنىڭدا سىياسىي ئەقىل- پاراسەت كەم ئەمەس ئىدى. زېڭ يەنلەي بىلەن شەھەر باشلىقى جىن خەيدۇڭنىڭ خىزمەتتە پىكىر ئىختىلاپى بولۇپ، مالىيە ۋە يەرلىك قەرز مەسىلىسى ئۈچۈن ئىككى قېتىم تاكاللىشىپ قالغان ئىدى. شەھەرنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلىشىدا، پۇل خەجلەنگەن بولسىمۇ، توختام تۈزۈلمىگەن، شەھەر باشلىقى جىن خەيدۇڭ يەنە يەر سېتىشنى تەشەببۇس قىلغان ئىدى. ئۇلار گەرچە ئارازلاشقان بولسىمۇ، لېكىن ھەر ئىككىلىسى بوخەي شەھىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممىسى ئوچۇق- يورۇق، ئومۇم ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ئويلىغاچقا، زىددىيەت تېزلا ھەل بولدى. جىن خەيدۇڭمۇ تۆۋەن چېكى بار كادىر ئىدى. ئاخىرىدا ئۇلار بەنزىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بوخەي شەھىرىدە بىر ياخشى كادىرلار قوشۇنىنى بەرپا قىلدى.
«يولغا چىقىش» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا بۇ جەھەتتىكى تەپسىلاتلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئاخىرى بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ يارقىن نۇقتىسىغا ئايلاندى. زېڭ يەنلەينىڭ خەلققە يېقىنلىقى ئۇنىڭ شەخسىي تۇرمۇشتا بىر قەدەر «مودا» ئىكەنلىكىدە ئىپادىلىنەتتى. ئۇ «توي قىلمىغان شۇجى» سالاھىيىتى بىلەن بوخەي دېڭىزىغا كىلىپ، ياش كادىرلارغا خاس ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلغان ئىدى. «يولغا چىقىش» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا، زېڭ يەنلەينىڭ ئوبرازى يېپيېڭى، دەۋر تەلىپىگە ئۇيغۇن، ھەم ئەمەلىي ھەم غايىۋىلەشكەن شەخس ئوبرازى ئىدى. ئۇ رېئالىزملىق تۇپراقتىن كەلگەن، يەنە رومانتىك روھ ئۈچۈن يورۇتۇلغان بولۇپ، ئېكراندا «پەزىلەت، ئەخلاق» نىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇردى.
 تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا كادىرلار ئوبرازى يارتىلىپلا قالماي يەنە ئىشچىلار ئوبرازىمۇ يارىتىلدى. سانائەت تېمىسىدىكى ئەسەرلەر ئاز ئەمەس، لېكىن ئىش ئورنىدىن قالغان ئىشچىلارنىڭ تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ھەقىقىي ئەسەرلەر يەنىلا ئاز. «يولغا چىقىش» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا پولات زاۋۇتىنىڭ پىشقەدەم ئىشچىسى تيەن ئۇستام ۋەكىللىكىدىكى بىر ئەۋلات ئىشچىلارنىڭ بىر ئۆمۈر ئىشلىگەنلىكى، زاۋۇت تاقىلىپ قالغان چاغدىكى مۇرەككەپ ھېسسىياتى ئەكىس ئەتتۈرۈلدى. تيەن ئۇستام ئەڭ ئاخىرقى بىر پېچ پولات بىلەن زاۋۇت گېربىنى قۇيۇش تەكلىپىنى بەرگەندە، زېڭ يەنلەي شۇجى قوللىدى. بۇ بىر مەيدان مۇراسىم تۈسىنى ئالغان تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا، شەھەر تىپىنى ئۆزگەرتىش جەريانىدىكى ئىشچىلارنىڭ روھىي قىياپىتى چوڭقۇر ئەكس ئەتتۈرۈپ بىرىلدى. «يولغا چىقىش» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا «ئاسماندا ياۋا غاز، سۇدا بېلىق» بولۇشتەك سەنئەت مەنزىرىسى نامايەن قىلىنغان بولۇپ، ئىنتايىن كەم ئۇچرايدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى