قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

پۇل مۇئامىلىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك

2019-02-25 17:24:06     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

■ خەلقئارا، دۆلەت ئىچى پۇل مۇئامىلە ۋەزىيىتىگە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ماھىيىتىنى توغرا ئىگىلەپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش بىلەن خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ- خەتەرنى دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ- خەتىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇھىم، زور خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، دۆلىتىمىز پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  ■ پۇل مۇئامىلە ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىشى، ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشى كېرەك. پۇل مۇئامىلە جانلانسا، ئىقتىساد جانلىنىدۇ؛ پۇل مۇئامىلە مۇقىم بولسا، ئىقتىساد مۇقىم بولىدۇ. ئىقتىساد گۈللەنسە، پۇل مۇئامىلە گۈللىنىدۇ؛ ئىقتىساد كۈچەيسە، پۇل مۇئامىلە كۈچىيىدۇ. ئىقتىساد ئۇستىخان، پۇل مۇئامىلە قان تومۇر، ئىككىسى ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ، ئورتاق گۈللىنىدۇ. بىز پۇل مۇئامىلىنىڭ ماھىيىتى ۋە قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەۋقەنى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات يولىنى تېپىشىمىز كېرەك.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2- ئاينىڭ 23- كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 2- ئاينىڭ 22- كۈنى چۈشتىن كېيىن پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، پۇل مۇئامىلە خەۋپ- خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا 13- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: خەلقئارا، دۆلەت ئىچى پۇل مۇئامىلە ۋەزىيىتىگە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ماھىيىتىنى توغرا ئىگىلەپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش بىلەن خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ- خەتەرنى دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ- خەتىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇھىم، زور خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، دۆلىتىمىز پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىپەك يولى فوندى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر يولداش شيې دو بۇ مەسىلە توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى ھەم پىكىر ۋە تەكلىپلەر ئۈستىدە توختالدى.

  شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پۇل مۇئامىلە دۆلەتنىڭ مۇھىم يادرولۇق رىقابەت كۈچى، پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، پۇل مۇئامىلە تۈزۈمى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى مۇھىم ئۇل خاراكتېرلىك تۈزۈم. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، دۆلىتىمىز پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ- خەتىرىنى ئىدارە قىلدۇق، پۇل مۇئامىلە كەسپى تېز تەرەققىياتنى ساقلاپ،پۇل مۇئامىلىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىپ، پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرى كۈنسېرى موللىشىپ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىقى كۈچەيدى، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش كۈچەيتىلدى ۋە ياخشىلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلىتىمىز پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ بازار قۇرۇلمىسى، تىجارەت ئىدىيەسى، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى، مۇلازىمەت سەۋىيەسى يەنىلا ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىگە ماسلىشالمايۋاتىدۇ، نۇرغۇن زىددىيەت ۋە مەسىلىلەر يەنىلا گەۋدىلىك. بىز پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، پۇل مۇئامىلە خەۋپ- خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۇل مۇئامىلە ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىشى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشى كېرەك. پۇل مۇئامىلە جانلانسا، ئىقتىساد جانلىنىدۇ؛ پۇل مۇئامىلە مۇقىم بولسا، ئىقتىساد مۇقىم بولىدۇ. ئىقتىساد گۈللەنسە، پۇل مۇئامىلە گۈللىنىدۇ؛ ئىقتىساد كۈچەيسە، پۇل مۇئامىلە كۈچىيىدۇ. ئىقتىساد ئۇستىخان، پۇل مۇئامىلە قان تومۇر، ئىككىسى ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ، ئورتاق گۈللىنىدۇ. بىز پۇل مۇئامىلىنىڭ ماھىيىتى ۋە قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەۋقەنى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات يولىنى تېپىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پۇل مۇئامىلىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا جەزمەن يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش، خەلق تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلىشنى ئاساس قىلىش كېرەك. پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ ئەلالاشتۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قۇرۇلمىسى ۋە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى سىستېمىسى، بازار سىستېمىسى، مەھسۇلات سىستېمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. كۆپ قاتلاملىق، كەڭ قاپلىغان، پەرقلىق بانكا سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، تەرەققىيات ئىدىيەسىنى توغرىلاپ، بازار ئېھتىياجىنى يۆنىلىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خاسلىققا ئىگە، پەرقلىق، زاكازلىق پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىنى پائال ئېچىپ، ئوتتۇرا، كىچىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ سانى ۋە كەسىپ نىسبىتىنى ئاشۇرۇپ، كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»غا بولغان پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى ياخشىلاش كېرەك. قېلىپلاشقان، ئوچۇق، ئېچىۋېتىلگەن، ھاياتىي كۈچى بولغان، ئېلاستىكىلىقى بولغان بىر كاپىتال بازىرىنى قۇرۇپ، كاپىتال بازىرى ئۇل خاراكتېرلىك تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بازارنىڭ كىرىش ئېغىزى ۋە بازارنىڭ چىقىش ئېغىزىدىن ئىبارەت ئىككى ئۆتكەلنى ياخشى تۇتۇپ، سودىنىڭ پۈتۈن جەريانىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. زامانىۋى ئىقتىسادنىڭ كەسىپ سىستېمىسى، بازار سىستېمىسى، رايون تەرەققىياتى سىستېمىسى، يېشىل تەرەققىيات سىستېمىسى قۇرۇش قاتارلىقلارنى دەل جايىدا پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى چۆرىدەپ، خەۋپ- خەتەر سېلىنمىسى، بانكا كىرېدىتى، زايوم بازىرى، پاي چېكى بازىرى قاتارلىق ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق پۇل مۇئامىلىنى قوللاش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش، ئىجادىي تەپەككۇرغا تېخىمۇ كۆپ تايىنىشتەك چوڭ يۈزلىنىشكە ماسلىشىپ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت قۇرۇلمىسى ۋە سۈپىتىدە بىر ئۆزگىرىش بولۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. بازار قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىشقا، دەل جايىدا قوللاشتا چىڭ تۇرۇشقا تېخىمۇ دىققەت قىلىپ، دۆلەتنىڭ كەسىپ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئاساسلىق كەسپى ئەمەلىي ئىقتىسادقا نىسبەتەن مەركەزلەشكەن، تېخنىكىسى ئىلغار، مەھسۇلاتىنىڭ بازىرى بار، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىققا يولۇققان ئاشۇ پۇقراۋى كارخانىلارنى تاللاپ نۇقتىلىق قوللاش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ساغلام تەرەققىياتى خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنىڭ ئاساسى. مۇقىم ئېشىش ئاساسىدا خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، مالىيە سىياسىتى، پۇل سىياسىتىنىڭ تەتۈر دەۋرىيلىك تەڭشەش رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنىڭ مۇۋاپىق ئارىلىقتا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پۇل مۇئامىلە خەۋپ- خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، بولۇپمۇ سىستېما خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە خەۋپ- خەتىرى يۈزبېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنىڭ تۈپ خاراكتېرلىك ۋەزىپىسى. پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ ئاچقۇچلۇق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرىنى دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىم قەدەمدە ئالغا سىلجىتىش كېرەك. پۇل مۇئامىلە كەسپى ئۇنىۋېرسال ئىستاتىستىكىسىنى ياخشى قىلىش، خەۋپ- خەتەر تەۋرىنىشىنى ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىش ئۇچۇر سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ئۇچۇر ئېلان قىلىش، باشقۇرۇش قائىدىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىناۋەت تەنبىھى بېرىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. «ئادەمنى ياخشى باشقۇرۇش، پۇلنى ياخشى ساقلاش، تۈزۈم مۇداپىئە توسۇقىنى پۇختىلاش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ۋە يۇقىرى، ئوتتۇرا دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىملارنى ياخشى باشقۇرۇپ، ئۇلارنى تەربىيەلەش، نازارەت قىلىش- باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە ساھەسىدە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش سالمىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. زامانىۋى پەن- تېخنىكا ۋاسىتىسى ۋە چىقىم قىلىش، راسچوت قىلىش مېخانىزمىدىن پايدىلىنىپ، توردىكى ۋە تور سىرتىدىكى، خەلقئارادىكى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى مەبلەغ ئېقىمى يۆنىلىشى، ئېقىم مىقدارىنى دەل ۋاقتىدا ھەرىكەتچان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇپ، بارلىق مەبلەغ يۆتكىلىشىنى پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ نازارەت قىلىش نەزەر دائىرىسى ئىچىگە قويۇش كېرەك. پۇل مۇئامىلە كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملار، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، پۇل مۇئامىلە بازىرى، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئايلىنىشى، پۇل مۇئامىلىنى ئىدارە قىلىش، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش، پۇل مۇئامىلىنى تەڭشەش- كونترول قىلىش تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئايلىنىشىنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۇل مۇئامىلىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋەزىپىسىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلقئارا ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات ۋەزىيىتىدىكى ئۆزگىرىش ۋە دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىغا ئاساسەن، يېڭى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلىش، ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئىجازەت تۈزۈمى، سودىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش قاتارلىق ئىسلاھاتلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىش- باشقۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ماكرولۇق ئېھتىياتچان باشقۇرۇش ۋە مىكرولۇق ھەرىكەتنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇشنى ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇش، ئىككى قولنى ماسلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. پۇل مۇئامىلىنى باشقۇرۇش بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش كۈچىنى كۈچەيتىپ، يەرلىكنىڭ نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كىچىكىدىن تۇتۇش، بالدۇر تۇتۇش، كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، نازارەت قىلىش كۈچلۈك بولماسلىق، يوشۇرۇپ مەلۇم قىلماسلىق، تەدبىر بەلگىلەشتە سەۋەنلىك كۆرۈلۈش قاتارلىقلار سەۋەبىدىن مۇھىم، زور خەۋپ- خەتەر پەيدا قىلغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. پۇل مۇئامىلە ساھەسى، بولۇپمۇ كاپىتال بازىرىدىكى قانۇنغا خىلاپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ تەننەرخ زىيادە تۆۋەن بولۇش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش كېرەك. پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ يەر شارىۋى رىقابەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە قوش يۆنىلىشلىك ئېچىۋېتىلىشىنى كېڭەيتىپ، ئېچىۋېتىلگەن شارائىتتا ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە باشقۇرۇش ئىقتىدارى ۋە خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلىنى ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. سىياسىيدا قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتەلەيدىغان، ئىستىلى ياخشى، پۇل مۇئامىلە خىزمىتىدە پىشقان بىر كادىرلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈش، تاللاش، بەرپا قىلىش كېرەك.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى