قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىش يولغا قويۇش لايىھەسى (2022− 2018 يىل)»نى بېسىپ تارقاتتى

2019-02-25 17:24:45     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2- ئاينىڭ 23- كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىش يولغا قويۇش لايىھەسى(2022− 2018 يىل)»نى بېسىپ تارقاتتى.

  «يولغا قويۇش لايىھەسى»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مەۋقەنى ھازىرغا قويۇش، كەلگۈسىنى كۆزلەش؛ دىققەتنى مۇھىم نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈش، ئومۇمىيەتكە تۈرتكە بولۇش؛ مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، ئىسلاھ قىلىش- يېڭىلىق يارىتىش؛ رايونغا ئايرىپ پىلانلاش، تۈرگە ئايرىپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. بەش يىل تىرىشىش ئارقىلىق ھەر دەرىجىلىك، ھەر تۈرلۈك مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش نىشانىنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان مائارىپ تۈزۈمى سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىپ، مائارىپنىڭ ئومۇمىي ئەمەلىي كۈچى ۋە خەلقئارا تەسىر كۈچىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈش. «يولغا قويۇش لايىھەسى»دە يەنە يېڭى دەۋردىكى ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش قاتارلىق جەھەتلەردە مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئون تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپە ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى