قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «جۇڭگو مائارىپىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش 2035»نى بېسىپ تارقاتتى

2019-02-25 17:25:21     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2- ئاينىڭ 23- كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يېقىندا «جۇڭگو مائارىپىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش 2035»نى بېسىپ تارقاتتى.

  «جۇڭگو مائارىپىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش 2035»تا مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى سەككىز چوڭ ئاساسىي ئىدىيە ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش، ئەتراپلىق يېتىلىشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش، ھەممە كىشىگە يۈزلىنىشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش، ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ تەربىيەلەشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش، يۇغۇرما تەرەققىياتقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش. ئومۇمىي نىشان: 2020- يىلىغا بارغاندا، «13- بەش يىل»لىق تەرەققىيات نىشانىنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇپ، مائارىپنىڭ ئومۇمىي ئەمەلىي كۈچى ۋە خەلقئارا تەسىر كۈچىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىپ، ئەمگەك يېشىدىكى ئاھالىنىڭ ئوتتۇرىچە تەربىيە ئېلىش يىل چېكىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇپ، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا مۇھىم ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا مۇھىم تۆھپە قوشۇش. مۇشۇ ئاساستا، يەنە 15 يىل تىرىشىش ئارقىلىق 2035- يىلىغا بارغاندا، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇمىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قاتارىغا قەدەم قويۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئۆگىنىش چوڭ دۆلىتى، ئادەم كۈچى بايلىقى كۈچلۈك دۆلىتى ۋە ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتىگە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ چىقىشقا پۇختا ئاساس سېلىش.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى