قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرى ئېچىلدى، تۇرمۇش ئۈمىدكە تولدى 

2019-02-25 17:39:08     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

«كېيىنچە مەن يەنە شەھەردىن ئۆي سېتىۋالىمەن» دېدى ئابلا ئىشەنچ بىلەن.

ئابلانىڭ غەيرىتى بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ ۋە خوتۇنىنىڭ مۇقىم كىرىمى بولغانلىقىدىن كەلگەن.

  2- ئاينىڭ 21- كۈنى، گۇما ناھىيەسىنىڭ گۇما بازىرى تۈگمەنبېشى كەنتىدىكى ئابلا ئابدۇغېنىنىڭ زىننەتلەنگەن يېڭى ئۆيىدىكى يېڭى 52 دىيۇملۇق سۇيۇق كىرىستاللىق تېلېۋىزور، كىرئالغۇ قاتارلىق ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى ئابلانىڭ تۇغقانلىرى ۋە قوشنىلىرىنىڭ زوقىنى كەلتۈردى. «بۇ قانچىلىك ئىش ئىدى، كېيىنچە مەن يەنە شەھەردىن ئۆي سېتىۋالىمەن» دېدى ئابلا ئىشەنچ بىلەن.

  ئابلانىڭ غەيرىتى بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ ۋە خوتۇنىنىڭ مۇقىم كىرىمى بولغانلىقىدىن كەلگەن. 2017- يىلى، گۇما ناھىيەسىگە ماكانلاشقان خوتەن خەيلو قېلىپلاشقان ماتېرىيال چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئابلا بۇ شىركەتنىڭ سېخىغا كېلىپ ئۈسكۈنىلەرنى رېمونت قىلىشنى ئۆگەندى، ئايلىق مائاشى 4000 يۈەن ئەتراپىدا بولدى. خوتۇنى پاتىگۈل ھوشۇر شىركەتتە تازىلىق خادىمى بولۇپ، ئايدا 2000 يۈەندىن كۆپرەك مائاش ئالدى.

  ئابلانىڭ ئۇستىسى پەرھات ئۆمەر مۇنداق دېدى: ئابلا ئەر- خوتۇن ئىككىسى بۇ يەرگە كېلىپ ئىشلەشتىن بۇرۇن، كىرىم مەنبەسى ئۆيىنىڭ نەچچە مو يېرى ۋە ئاندا- ساندا كۈنلۈك ئىشلەشتىن كېلەتتى. كىرىمى تۆۋەن بولغاچقا، 2013- يىلى، ئابلا ئائىلىسى ئەمىن ئۆينى سېلىپ بولغاندىن كېيىن زىننەتلەشكە پۇلى قالمىدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئابلانى ئۆز ئىچىگە ئالغان 200دىن ئارتۇق خوتەن خەيلو قېلىپلاشقان ماتېرىيال چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ خادىمى بىر ئادەم ئىشقا ئورۇنلىشىپ پۈتۈن ئائىلىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  پەرھات گۇما ناھىيەسىنىڭ دۇۋا بازىرى دۇۋا كەنتىدىن، 2017- يىلى شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنىنى پۈتكۈزگەن. ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن، ئۇ باشقا خوتەنلىك ساۋاقداشلىرى بىلەن خوتەن خەيلو قېلىپلاشقان ماتېرىيال چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى يەرلىك خادىملىرىغا ئايلاندى.

  «بۇ يەردە ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ئىقتىسادىي ئەھۋالىمىز، تۇرمۇش شارائىتىمىز ياخشىلاندى، شۇنداقلا ئىدىيە قارىشىمىزدا ئۆزگىرىش بولدى» دېدى گۇما ناھىيەسىنىڭ سانجۇ يېزىسى سانجۇ كەنتىدىن كەلگەن شاگىرت مەريەم ئابدۇغېنى. ئۈچ ئايدىن كۆپرەك پىراكتىكا مەزگىلىدە، ئۇ ئايدا 2000 يۈەن مائاش ئېلىپ، ئاتا- ئانىسىدىن تۇرمۇش پۇلى ئالمايدىغان بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، شىركەتتىكى كوللېكتىپ ئەمگەك، تۇرمۇش، ئۆگىنىش، پائالىيەت داۋامىدا كۆپ بىلىملەرگە ئىگە بولدى.

  خوتەن خەيلو قېلىپلاشقان ماتېرىيال چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە، ھەربىر خادىمنىڭ ئۆز ئارزۇ- ئارمىنى بار، ئايشەمگۈل سادىرمۇ بۇنىڭ ئىچىدە. ئايشەمگۈلنىڭ ئۆيى گۇما ناھىيەسىنىڭ قوشتاغ بازىرى چىغلىق كەنتىدە، ئېرى كېسەل بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ ئۆزى يالغۇز ئۈچ بالىسىنى بېقىپ، تۇرمۇشتا بىرئاز قىينىلىپ قالغانىدى. ئۇ ئىككى قولىغا تايانغاندىلا تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ بالىلىرىنى ئاپىسىنىڭ بېقىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىپ، ئۆيدىن چىقىپ ئىشلەپ پۇل تاپتى. بۇلتۇر ئۇنىڭ كىرىمى 40 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

  خوتەن خەيلو قېلىپلاشقان ماتېرىيال چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى يۈ جاۋيوۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ شىركەت ئىشلەپچىقارغان قېلىپلاشقان ماتېرىيال مەھسۇلاتلىرى گۇما ناھىيەسىدە ئەشيا ئوبوروت، ئىشىك- دېرىزە قاتارلىق كەسىپلەر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ نامرات ئاھالىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. بۇ يىل، بۇ شىركەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش بىلەن بىللە، يەنە گۇما ناھىيەسىنىڭ مۇجى بازىرى ئازغانباغ كەنتىگە نىشانلىق ياردەم بېرىپ، ئازغانباغ كەنتىدىكى ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلماقتا.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى