قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاقسۇ ۋىلايىتى ئەمەلىي ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى

2019-02-26 14:18:56     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:  
ئاقسۇ ۋىلايىتى تەمىنلەش تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، تېخنىكا ۋە تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، ئەمەلىي ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.
يېقىندا، ئاقسۇ «تىيانشان شېنمۇ» ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى خاڭجۇ «ليەنخۇا خۇاشاڭ» گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. كىلىشىم بويىچە، بۇ يىل «ئەسىر ليەنخۇا» زەنجىرسىمان تاللا بازىرىدا 300 مەخسۇس تىجارەت دۇكىنى ئېچىلىدۇ. شىركەتنىڭ باش مۇدىرى جاڭ يۇڭ مۇنداق دېدى: بىز ليەنخۇا خۇاشاڭ گۇرۇھى يەنى خاڭجۇدىكى ئەسىر ليەنخۇا چوڭ تىپتىكى زەنجىرسىمان تاللا بازىرى بىلەن ئىستىراتىگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتۇق، بۇ يىل ئەسىر لىيەنخۇادا 300 دۇكان ئاچىمىز.
ئاقسۇ «تىيانشان شېنمۇ» ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تەجرىبە ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ تىجارەت خاراكتېرلىك مۈلكىنى قايتا تەشكىللەش ئاساسىدا قۇرۇلغان يەرلىك دۆلەت كارخانىسى. شىركەت قۇرۇلغان ئۈچ يىلدىن بۇيان، شىركەت «كارخانا، ھەمكارلىق كوپىراتىپى، بازا، دېھقانلار» ئۆزئارا بىرلەشكەن باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، باغۋەنلەرنى يېشىل تېرىقچىلىقتىن نەپكە ئېرىشتۈردى. ئاقسۇ تەجرىبە ئورمانچىلىق مەيدانى3- شۆبە مەيدانىدىكى باغۋەن چىن شيۇفاڭ مۇنداق دېدى: ئۆلچەملەشتۈرۈپ تېرىقچىلىق قىلىشقا قاتنىشىشتىن بۇرۇن يىللىق كىرىمىم 30 نەچچە مىڭ يۈەندىن 40 نەچچە مىڭ يۈەنگىچە ئىدى. ئۆلچەملەشتۈرۈپ تېرىقچىلىق قىلىشقا قاتناشقاندىن كېيىن، تۇنجى يىلى 50 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ 60 مىڭ يۈەنگە يەتتى.
بۈگۈنكى كۈندە، ئاقسۇ ۋىلايىتى 2 مىليون 270 مىڭ مو يەردە يېشىل مېۋە بازىسى، 50 مىڭ مو يەردە ئورگانىك بازا، 7 مىڭ مو يەردە ئېكولوگىيەلىك ساغلاملىق بېغى بەرپا قىلدى. ئەلا، ئۆزگىچە باغۋەنچىلىكنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ تەمىنلەش تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنىڭ يارقىن نۇقتىسىغا ئايلاندى.
شىنجاڭ «تيەنيۈ» ئۇرۇقچىلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى باي ناھىيەسىدىكى يېتىشتۈرۈش، كۆپەيتىش، كېڭەيتىش، سېتىشنى بىر گەۋدە قىلغان ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى نۇقتىلىق باشلامچى كارخانا. بۇ كارخانا يېتىشتۈرگەن ئەلا سۈپەتلىك كۆممىقوناق، بۇغداي، كېۋەز قاتارلىق يېڭى سورتلارنى كېڭەيتىش كۆلىمى 170 مىڭ موغا يېتىپ، شۇ جايدىكى 17 مىڭدىن ئارتۇق دېھقاننىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. شىركەتنىڭ باش مۇدىرى ۋۇ خوڭتاۋ مۇنداق دېدى: بىز پەن- تېخنىكا كارخانىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈپ، يېڭى سورتلارنى يېتىشتۈردۇق. مەسىلەن، كېۋەز، بۇغداي، كۆممىقوناقتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ زىرائەتنى ئۆستۈردۇق، بىزنىڭ سېتىش تور نۇقتىمىز مەملىكەت بويىچە 11 ئۆلكە، شەھەرگە كېڭەيدى. ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش كەسپىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقاننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدۇق.
ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشتىن ئايرىلالمايدۇ. ئاقسۇ ۋىلايىتى دۆلەتنىڭ شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كەسپىنى كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قوللاشتىكى پايدىلىق سىياسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كەسىپ زەنجىرى بەرپا قىلدى. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائىتى شەھەرچىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شۈ يۈنفېڭ مۇنداق دېدى: 2019- يىلى پۈتۈن ۋىلايىتىمىزدە يېڭىدىن 2 مىليون ئۇرچۇقلۇق ئىگىرىش كۆلىمى كۆپەيتىلىدۇ، بىزنىڭ توقۇمىچىلىق شەھەرچىمىز بۇ يىل تىرىشىپ 1 مىليون ئورچۇقلۇق ئىگىرىش كۆلىمىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە 6 مىليون 500 مىڭ ئۇرچۇقلۇق ئىگىرىش كۆلىمىنى شەكىللەندۈرۈشكە كۈچ قوشىدۇ.

تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى