قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ساۋەن ناھىيەسى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، پاختىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇردى

2019-02-26 14:25:13     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
كېۋەز تېرىقچىلىقىدىكى چوڭ ناھىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن، ساۋەن ناھىيەسى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، يېزىلاردىكى 1-، 2-، 3- كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، پاختىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.
يېقىندا، ساۋەن ناھىيەسىنىڭ يەنسىخەي بازىرى «چېڭگو» دېھقانلار تېرىقچىلىق كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپى پايدا تەقسىملەش يىغىنى ئاچتى، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ پايدىسى ياخشى بولغاچقا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەر مو يەردىن ئالغان پايدىسى ئالدىنقى يىلدىكىدىن 30 يۈەن ئېشىپ، 750 يۈەنگە يەتتى. ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەزاسى چې چېڭلىن مۇنداق دېدى: ماڭا 33 مىڭ يۈەن پايدا تەقسىملەپ بېرىلدى، ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئەزا بولغاندىن كېيىن، ئېتىزنىڭ كىرىمى ئايرىم بولدى، ئەر- ئايال ئىككىمىز سىرتتا ئىشلەپ ئايدا 3 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدۇق، شۇنداق قىلىپ ئىقتىسادىي ئۈنۈمىمىز بىراقلا ئاشتى. بۇنىڭدىن تولىمۇ رازى بولدۇم ھەم خۇش بولدۇم.
زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىك كەسىپ زەنجىرى، قىممەت زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، 1-، 2-، 3- كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەلىپى بويىچە، ساۋەن ناھىيەسى «دېھقانلار، ھەمكارلىق كوپىراتىپى، باشلامچى كارخانا» ئۆزئارا قوشۇلغان ئەندىزىدىكى ھەمكارلىق كوپىراتىپى-- كارخانا ئىتتىپاقىنى قۇردى. «تيەنيىڭ» پاختىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى-- كارخانا ئىتتىپاقى ئەتراپتىكى يېزا- بازارلاردىكى 22 ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ 120 مىڭ مو كېۋەز تېرىش، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. بازار نېمىگە ئېھتىياجلىق بولسا، ھەمكارلىق كوپىراتىپى- كارخانا ئىتتىپاقى دېھقانلارنى شۇنى تېرىشقا يېتەكلىدى. ساۋەن ناھىيە «تيەنيىڭ» پاختىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى كارخانا ئىتتىپاقى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ شېڭشۆ مۇنداق دېدى: بىز ئالتە بىر تۇتاش تېرىش ئەندىزىسىنى قوللاندۇق، بولۇپمۇ يەككە ئۇرۇق تېرىشتىن بىر تۇتاش يىغىۋېلىش، بىر تۇتاش يۆتكەش، بىر تۇتاش سېتىۋېلىش، كوپىراتىپنى بىرلىك قىلىپ، يەككە مەھسۇلاتنى يەككە دۈۋىلەش، يەككە پروكاتلاشنى يولغا قويدۇق، نەتىجىدە، مەھسۇلات سۈپىتى بارغانسېرى ياخشىلىنىپ، ئەلا سۈپەتلىك باھا نىشانى ئەمەلگە ئاشتى.
ساۋەن ناھىيەسىنىڭ پاختا مەھسۇلات مىقدارى 675 مىڭ توننىغا يەتتى. ساۋەن ناھىيەسى پاختا ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق رايونلارنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، پائال سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈپ، پاختا توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ تۈركۈم- تۈركۈملەپ كۆچۈپ كىرىپ، %75 پاختىنى يېقىن ئەتراپتا دەسلەپكى قەدەمدە پىششىقلاپ ئىشلەشنى ئىشقا ئاشۇردى. شىنجاڭ «شىنتەي» توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى مۇ لىجۈن مۇنداق دېدى: ساۋەن پاختىسىنىڭ سۈپىتى ياخشى، ئېلاستىكىلىكى كۈچلۈك، بۇلغانمىغان، ئىگىرىپ چىقىلغان يىپنىڭ سۈپىتى، رەڭگى تەكشى بولۇپ، خېرىدارلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى، بىزنىڭ مەھسۇلاتىمىز ئاساسلىقى شەندۇڭ، جېجياڭ، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق جايلارغا سېتىلىدۇ.
نۆۋەتتە، ساۋەن ناھىيەسىدە «دېھقانلار، يەر يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپى، ئۇرۇقچىلىق كارخانىلىرى، پەن- تەتقىقات ئورۇنلىرى، پاختا پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان توقۇمىچىلىق كارخانىلىرى» ئۆزئارا بىرلەشكەن كەسىپ زەنجىرى شەكىللەندى. بۇ يىل، يەرلىك يەنە كەسىپ زەنجىرىنى يەنىمۇ ئۇزارتىپ، ئۆسۈملۈك ئاسراش، ئۇچۇر، ئەشيا ئوبوروتى، پۇل مۇئامىلە، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق مۇلازىمەت كارخانىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە كەسىپ ئېكولوگىيەسىنى شەكىللەندۈردى. ساۋەن ناھىيەلىك دېھقانچىلىق ئىدارىسى تۈر ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى چېن لى مۇنداق دېدى: بىز ئىككى يىلدىن ئۈچ يىلغىچە بولغان مەزگىلدە، يېزا ئىگىلىك چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسى قۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسى ئارقىلىق، كېۋەز تېرىقچىلىقىنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنى تېخىمۇ ئۇزارتىپ، ئەلا سۈپەتلىك پاختىدىن ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ھەتتا چەتئەل بازارلىرىغا سېتىشنى پىلانلاۋاتىمىز.
تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى