قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ياخشى قانۇنچىللىق مۇھىتى يارىتىش كېرەك

2019-02-27 17:10:28     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

■ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيانقى تەجرىبىلەر بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش قانۇنچىللىقتىن ئايرىلالمايدۇ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش قانچە چوڭقۇرلاشقانسېرى قانۇنچىللىقنى شۇنچە تەكىتلەش كېرەك. قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىپ ۋە مۇلازىمەت قىلىپ، ئىناق، مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىپ، چەتكە چېتىشلىق قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ياخشى قانۇنچىللىق مۇھىتى يارىتىش كېرەك.

  ■ پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنى دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت مۇھىم، زور مەسىلىنى مەخسۇس مۇزاكىرە قىلدى. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى 2035- يىلى قانۇنچىل دۆلەت، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەتنى ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغۋار پىلانىنى سۈرەتلەپ بەردى. جۇڭگوچە سوتسىيالىسىتىك قانۇنچىللىق نەزەرىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش بىلەن ماسلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تۈزۈم لايىھەسىنىڭ ئاقىدىغان، ھەقىقىي ئەسقاتىدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، قانۇنچىللىقنىڭ ئاساسنى پۇختىلاش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئۇزاق كەلگۈسىگە نەپ يەتكۈزۈشتىكى كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2- ئاينىڭ 25- كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ 2- ئاينىڭ 25- كۈنى چۈشتىن كېيىن مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ 2- يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيانقى تەجرىبىلەر بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش قانۇنچىللىقتىن ئايرىلالمايدۇ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش قانچە چوڭقۇرلاشقانسېرى قانۇنچىللىقنى شۇنچە تەكىتلەش كېرەك. قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىپ ۋە مۇلازىمەت قىلىپ، ئىناق، مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىپ، چەتكە چېتىشلىق قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ياخشى قانۇنچىللىق مۇھىتى يارىتىش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرى لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا «مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ 2018- يىللىق خىزمەت خۇلاسىسى دوكلاتى»، «مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ 2019- يىللىق خىزمەتلىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى»، «2019- يىللىق مەركەزنىڭ پارتىيە ئىچكى نىزاملىرىنى تۈزۈش پىلانى»، «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2019- يىللىق قانۇن چىقىرىش خىزمىتى پىلانى»، «گوۋۇيۈەننىڭ 2019- يىللىق قانۇن چىقىرىش خىزمىتى پىلانى»، «قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش، بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»، «خەينەننىڭ قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، خەينەننىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى قوللاش توغرىسىدىكى پىكىر»، «مۇھىم، زور مەمۇرىي تەدبىر بەلگىلەش تەرتىپى ۋاقىتلىق نىزامى(لايىھە)» قاتارلىق ھۆججەت تېزىسلىرى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پائال ئالغا سىلجىتتى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ۋە كومىتېتنىڭ ھەرقايسى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىلىرى، ئەزا ئورۇنلار مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، كومىتېتنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى. كومىتېت بېكىتكەن يىللىق خىزمەت ۋەزىپىسى ئاساسىي جەھەتتىن ئورۇندالدى، ئاساسىي قانۇننى ئۆگىنىش تەشۋىق- تەربىيەسىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى پۇختا، ئۈنۈمى ياخشى بولدى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا چېتىلىدىغان بىر تۈركۈم مۇھىم قانۇن- نىزاملار ئارقا- ئارقىدىن چىقىرىلىپ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى پۇختا ئالغا سىلجىتىلىپ، ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، قانۇنچىل جەمئىيەت قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا يېڭى قەدەم تاشلاندى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك. پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنى دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت مۇھىم، زور مەسىلىنى مەخسۇس مۇزاكىرە قىلدى. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى 2035- يىلى قانۇنچىل دۆلەت، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەتنى ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغۋار پىلانىنى سۈرەتلەپ بەردى. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق نەزەرىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش بىلەن ماسلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تۈزۈم لايىھەسىنىڭ ئاقىدىغان، ھەقىقىي ئەسقاتىدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، قانۇنچىللىقنىڭ ئاساسنى پۇختىلاش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئۇزاق كەلگۈسىگە نەپ يەتكۈزۈشتىكى كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: تەرەققىيات يۇقىرى سۈپەتلىك بولۇشى، قانۇن چىقىرىشمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك بولۇشى كېرەك. نۇقتىلىق ساھەلەردىكى قانۇن چىقىرىشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئىلمىي قانۇن چىقىرىش، دېموكراتىك قانۇن چىقىرىش، قانۇن بويىچە قانۇن چىقىرىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، قانۇن چىقىرىشنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي قانۇن يادرو قىلىنغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان پارتىيە ئىچكى نىزام- تۈزۈم سىستېمىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: قانۇن چىقىرىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېڭى دەۋردە ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىپ، بىرلىككە كەلگەن تاشقى مەبلەغقە دائىر ئۇل خاراكتېرلىك قانۇن تۈزۈش كېرەك. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالدىن يولغا قويغان، ئالدىن سىناق قىلغان رايونلارنىڭ ئالاقىدار نىزام چىقىرىشىغا ھوقۇق بېرىش خىزمىتىنى بالدۇر ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، جانلىقلارنىڭ بىخەتەرلىكى، يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى قاتارلىق تەرەپلەردىكى قانۇن چىقىرىش تۈرلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئويلىشىپ، چىقىرىش، تۈزىتىش، بىكار قىلىش، ئىزاھلاشنى تەڭ تۇتۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنچىل دۆلەت، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەتنى بىر گەۋدە قىلىپ قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى نۇقتىلىق ۋەزىپە بولۇپ، قانۇنچىل دۆلەت، قانۇنچىل جەمئىيەت قۇرۇلۇشىدا ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولغا ئىگە. قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۈلگە كۆرسىتىش، بەرپا قىلىش پائالىيىتىگە بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، شەكىلۋازلىقنى قەتئىي توسۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مۇھىم، زور مەمۇرىي تەدبىر بەلگىلەش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى. پارتىيە رەھبەرلىكىنى مۇھىم، زور مەمۇرىي تەدبىر بەلگىلەشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا ۋە ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، تەدبىر بەلگىلەشنىڭ قانۇنىي تەرتىپىنى ئادا قىلىپ، ئاممىنىڭ قاتنىشىش ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دەلىللەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، قانۇنلۇقلۇقىنى قاراپ چىقىپ تەكشۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تەدبىر بەلگىلەش خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قۇربىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەش، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قېلىپلاشقان تەرتىپ، ئىلمىي تەدبىر ئارقىلىق مۇھىم، زور ئاممىۋى مەنپەئەتنى قوغداپ، خەلقنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداپ، جەمئىيەتنىڭ ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: قانۇنچىللىق ئەڭ ياخشى تىجارەت- سودا مۇھىتىدۇر. باراۋەر قوغداشنى قانۇن چىقىرىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، ئەدلىيە، قانۇنغا رىئايە قىلىش قاتارلىق ھالقىلاردا ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى ۋە قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە باراۋەر قوغداش كېرەك. ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ چېگراسىنى قانۇنچىللىق ئارقىلىق قېلىپلاشتۇرۇپ، بازار ئىگىلىكى قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، بازارلاشتۇرۇش ۋاسىتىسى ئارقىلىق، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنى قانۇنچىللىق رامكىسى ئىچىدە تەڭشەش كېرەك. خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى تۈزۈم مۇھىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە قويۇپ، قانۇن- نىزام- تۈزۈمنى، ئۆلچەم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئىناۋەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. يېمەكلىك، دورا قاتارلىق ساھەلەردىكى مۇھىم، زور بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىگە قارىتا، ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى ئېغىر جازالاپ، قانۇنچىللىق ئارقىلىق خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى ياخشى قوغداش كېرەك. دۆلىتىمىز قانۇن رايونىنىڭ سىرتىدا تەتبىقلىنىدىغان قانۇن سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، چەتكە چېتىشلىق قانۇنچىللىق كەسپى ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، چەتكە چېتىشلىق قانۇن مۇلازىمىتىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ بەلگىلىمىگە ئۇيغۇنلىشىش ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشكە كاپالەتلىك قىلىش ۋە مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا دائىر تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆز ساھەسىنىڭ قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، خىزمەت ۋەزىپىسىنى ماسلاشتۇرۇش، ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈش، ئالغا سىلجىتىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. توغرا ئۇسۇل- چارىنى ئىگىلەشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، تەكشۈرۈپ، خىزمەتنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

  مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى