قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئادالەت ئەزىز: جاپاغا چىداپ ئەمەلىي ئىشلەشتەك نېفىت روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش

2019-02-27 17:14:43     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

پات ئارىدا بېيجىڭغا بېرىپ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ئادالەت ئەزىز 2- ئاينىڭ 25- كۈنى ئىنچىكە ئويلىنىش ئارقىلىق، قۇرۇلتايغا ئېلىپ بارىدىغان تەكلىپىنى يەنە بىر قېتىم مۇكەممەللەشتۈردى، بۇ يىل ئۇ دىققەت نۇقتىسىنى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش بىلەن بايلىق تىپىدىكى شەھەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت بۇ تېمىغا قويدى.

  ئادالەت شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى تەجرىبە قىلىش، تەكشۈرۈش- ئۆلچەش تەتقىقات يۇرتى ئېچىش، تەجرىبە قىلىش مەركىزىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى، ئۇ ئۈمىدۋار ۋە ئوچۇق- يورۇق، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان مىجەزى بىلەن خىزمەتداشلىرىنىڭ چوڭقۇر ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، 2018- يىلى شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى بويىچە «ئەڭ گۈزەل خىزمەتچى» دېگەن نامغا مۇيەسسەر بولغان. بۇلتۇردىن بۇيان، ئۇ ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ «ئۇلۇغ ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ئىناقلىق، مۇقىملىقنى قوغدايمەن» «ۋەتەننى سۆيۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايمەن، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن» قاتارلىق بىر يۈرۈش دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدىدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدىدى. «مەن مەڭگۈ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ باشلامچىسى بولىمەن، مەڭگۈ نېفىت روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىسى بولىمەن» دېدى ئادالەت سەمىمىيلىك بىلەن.

  ئادالەت جاپاغا چىداپ، ئەمەلىي ئىشلەشتەك نېفىت روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا ئەھمىيەت بەردى، 2018- يىلى 77 قۇدۇق قېتىم، 781 بۆلەك قېتىم ئەۋرىشكە تەكشۈرۈش- ئۆلچەشنى تاماملىدى. خىزمەت جەريانىدا، ئۇ قەتئىي ھالدا تېخنىكا ئۆلچىمى، مەشغۇلات قائىدىسى بويىچە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، تەجرىبە ئەۋرىشكىسىنى تەكشۈرۈش- ئۆلچەش سانلىق مەلۇماتىنىڭ سۈپىتىنى قاتتىق ئىگىلىدى؛ كەسپىي تېخنىكىنى جاپاغا چىداپ قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ، تۈرلۈك تۈرلەرنى تەكشۈرۈش- ئۆلچەش، ئانالىز قىلىش ئۇسۇلىنى پىششىق ئىگىلىدى ھەم ئۇنى ئوخشاش بولمىغان ئەۋرىشكىلەرنى تەكشۈرۈش- ئۆلچەش، ئانالىز قىلىش داۋامىدا قوللىنىپ، توغرا، ھەقىقىي ئاساسىي ئۇچۇر ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلىدى. خىزمەت داۋامىدا، ئۇ مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، نۇرغۇن قۇدۇقنىڭ جىددىي ئەۋرىشكىسى ۋە ئالاھىدە تەجرىبە تۈر ئەۋرىشكىسىنى ئانالىز قىلىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئالدى ھەم نۇرغۇن نۇقتىلىق تەكشۈرۈش قۇدۇقىنى ئېچىشقا قاتناشتى ۋە ئۇنى تاماملىدى. بۇلتۇردىن بۇيان، ئادالەت كۆپ تۈرلۈك پەن تەتقىقات تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تەجرىبە تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى ھەم كۆپ تۈرلۈك پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا قاتنىشىپ، ماناس كۆلىنىڭ قورام تاش قاتلىمىدىكى نېفىتنى، جىمىسار زىچ نېفىت ساقلانما قەۋىتىنى ئۈنۈملۈك ئېچىشنى ئۇل تەتقىقات ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلىدى.

  يېقىنقى ئىككى يىلدا، ئادالەت ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، ئىككى تۈردە شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى تەجرىبە قىلىش، تەكشۈرۈش- ئۆلچەش تەتقىقات يۇرتىنىڭ پەن- تېخنىكا تەرەققىيات نەتىجىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، بىر تۈردە دۆلەت ھوقۇق بەرگەن كەشپىيات پاتېنتىغا ئېرىشتى، كارخانا ئۆلچىمىدىن بىر تۈرنى يازدى، «تېمپېراتۇرىسىنى كونترول قىلغىلى بولىدىغان نېفىت بىلەن سۇنى ئايرىش قۇرۇلمىسى» دۆلەت كەشپىيات پاتېنتىغا ئېرىشتى.

  «بۇ يىللىق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا، مەن تېخنىكا شارائىتىنى ياخشىلاش، تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە تەكلىپ بېرىمەن، كارخانىنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشىمەن» دېدى ئادالەت.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى