ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى

2016-01-22 12:47:40     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
21-يانۋار،  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قار ئۈستى تەنھەرىكەت تۈرلىرى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى. يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى. خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خېگاڭ كوماندىسى زور غەلبىنى قولغا كەلتۈردى.
قېلىن قار ياغقاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يۇقىرىقىتاغدا ھاۋا ئېچىلىپ، قارىغايلار ئاق تونغا ئۇرۇنۇپ، بەكمۇ چىرايلىق تۈسكە كىرگەنىدى. ئېگىز تاغدا چاڭغا تېيىلىش بويىچە ئاياللار ۋە ئەرلەرنىڭ ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش مۇسابىقىسى يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى. تەنھەرىكەتچىلەر تاغ چوققىسىدىن پەسكە قاراپ، تېز سۈرئەتتە ھەر بىر بايراقنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلىدى. مۇسابىقە قىزىقارلىق بولغاچقا، زور تۈركۈم تاماشىبىننى جەلپ قىلدى. چاڭغا تېيىلىش ھەرىكىتى ھەۋەسكارى جاڭ ئەپەندى مەخسۇس مۇسابىقە كۆرۈش ئۈچۈن كەلگەن بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېدى: مەن چاڭغا تېيىلىشقا بەك قىزىقىمەن، بۇنىڭغا 2، 3 يىل بولۇپ قالدى، خېلىلا پىشىپ قالدىم. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى زور بولسىمۇ، ماھىرلار ماھارىتىنى خېلىلا ئوبدان نامايەن قىلغانلىقىدىن بەك ھاياجانلاندىم. يۇرتۇمدا بۇنداق يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇسابىقىنى كۆرەلىگەنلىكىمدىن بەك خۇشال بولدۇم، ئىپتىخارلاندىم، بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق مۇسابىقىلەرنىڭ دائىم ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مۇسابىقە يولىنىڭ تىك ئېگىزلىك پەرقى 320 مېتىر، ئەڭ چوڭ يانتۇلۇق گرادۇسى 36 گرادۇس بولۇپ، تەنھەرىكەتچىلەر ئۈچۈن زور رىقابەت ئىدى. تۆۋەنگە قاراپ چاڭغا تېيىلىش جەريانىدا، بەزى ماھىرلار يىقىلىپ چۈشتى. ئىككى نۆۋەت كەسكىن ئېلىشىش ئارقىلىق، ئاخىرىدا خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاربىن كوماندىسىدىكى كۇڭ فەنيىڭ، خېگاڭ كوماندىسىدىكى جاڭ شياۋسۇڭ ئايرىم ھالدا ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. بۇنىڭدىن باشقا، خېگاڭ كوماندىسى يەنە ئىككى كۆمۈش مېدال ۋە بىر مىس مېدالغا ئېرىشتى. ئەرلەر گۇرۇپپىسى بويىچە چىمپيۇن بولغان جاڭ شياۋسۇڭ مۇنداق دېدى: بۈگۈن ھاۋا بەك ياخشى بولدى. راست گەپ قىلسام، تاغنىڭ يانتۇلۇق دەرىجىسى بىر قەدەر تىك بولسىمۇ، ئالاھىدە ماھارىتىمنى جارى قىلدۇرالىدىم، بۇنىڭدىن رازىمەن.
ئېگىز تاغدا چاڭغا تېيىلىش مۇسابىقىسىدە، ئالتاي ۋەكىللەر كوماندىسىدىن 11 ماھىر مۇسابىقىگە قاتناشقانىدى. لېكىن تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ مەشق قىلىش ۋاقتى قىسقا، تەجرىبىسى كەمچىل بولغاچقا، مۇسابىقىدىكى نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولمىدى، پەقەت 17 ياشلىق ئاقجول مۇرات 10- بولدى. بۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى بۇ تۈردە ئاپتونوم رايونىمىز قولغا كەلتۈرگەن بىر قەدەر ياخشى نەتىجە ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن بۇرۇن، ئاقجول مۇرات ئىزچىل ئازادلىق ئارمىيە كوماندىسى بىلەن بىللە شەرقىي شىمال قاتارلىق جايلاردا چاڭغا تېيىلىشنى مەشىق قىلغانىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: قارنىڭ سۈپىتى بەك ياخشىكەن، تۇنجى قېتىملىق چاڭغا تېيىلىشتا ئىپادەم بەك ياخشى بولغانىدى، لېكىن ئىككىنچى قېتىملىق چاڭغا تېيىلىشتا ھەرىكىتىم كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى. ئېگىز تاغدا چاڭغا تېيىلىش مۇسابىقىسى يەنە ئىككى كۈن داۋام قىلىدۇ، داۋاملىق تىرىشىپ، ئالدىنقى 8 نىڭ ئىچىگە كىرىشكە تىرىشىمەن. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە، ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىش ئارزۇيۇم بار.

تەرجىمان: مۇھەممەد ئەۋەل

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى