ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تېرىملىقلارنىڭ پوتا باغلاش ۋە تۇخۇم قويۇش ئادىتى

2012-06-04 17:54:06     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يوپۇغا ناھىيەسى تېرىم يېزىسىدىكىلەرنىڭ توي - تۆكۈنلىرى ئۆزگىچە بولۇپ، قىز - يىگىت تويى باشلانغان كۈنى قىز تەرەپتە مۇراسىم ئۆتكۈزۈلىدۇ. شۇ كۈنى ئوغۇل تەرەپ بىردىن ئىككىگىچە چوڭ قوينىڭ گۆشىنى پۈتۈن پېتى، قىزنىڭ تويلۇقى ئۈچۈن تەييارلانغان پۇل، كىيىم - كېچەك، زىبۇ زىننەت بۇيۇملىرى، قىزنىڭ ئاتا - ئانىسى ۋە يېقىن تۇغقانلىرىغا بىر - ئىككى كىيىملىكتىن رەخت ياكى باشقا سوۋغا - سالاملارنى قىزنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ بېرىپ، قىزنى كۆچۈرۈپ كېتىدۇ. ئىككىنچى كۈنى قىز تەرەپ ئوغۇل تەرەپكە جاۋابەن مېھمانغا بارغاندا، ئوغۇل تەرەپنىڭ ئاتا - ئانىسى ۋە ئۇلارنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىغا ئوخشاشلا بىر - ئىككى كىيىملىكتىن رەخت، تويى بولغان قىز - يىگىتكە بىر يۈرۈش يوتقان - كۆرپە، نەچچە لېگەن تۇخۇم، قوماچ ياكى يەل - يېمىشلەرنى، كۈيۈئوغۇلىنىڭ بىلىگە باغلايدىغان قىزىل تاۋار پوتا  ئېلىپ كېلىدۇ ھەم داستىخان ئېچىلىپ، يۇقىرىقى نەرسىلەر قويۇلغاندىن كېيىن، قىزنىڭ ئانىسى ياكى قىزنىڭ قولدىشى پوتىغا بىر لېگەن تۇخۇمنى يۆگەپ يىگىتنىڭ بېلىگە چىڭ باغلاپ، »بېلىڭىز مۇشۇ باغلانغانچە بوشىمىغاي! ئىككىڭلارنىڭ مۇھەببىتى بىر - بىرىڭلارغا پوتىدەك چىڭ باغلانغاي!« دەپ يىگىتنى مۇبارەكلەيدۇ. يىگىتمۇ پوتا باغلىغۇچىغا 50 يۈەن ياكى 100 يۈەن سۆيۈنچە بېرىدۇ. ئاندىن، يىگىتنىڭ ئەل - ئاغىنىلىرىمۇ ئۇنىڭغا بەس - بەستە پوتا باغلاپ تويىنى مۇبارەكلىشىدۇ.
ھېيت پاتىھەسىدە قىزنىڭ ئاتا - ئانىسى كۈيۈئوغلىغا تۇخۇم قويۇش ئادىتى تېرىملىقلاردا ئۇزاق تارىخقا ئىگە. بۇ ئادەت مېھرىبانلىقنىڭ ۋە ئىناقلىقنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە. بۇ يۇرتتا ھەر يىلى روزى ھېيت، قۇربان ھېيتتا كۈيۈئوغۇل قېيىنئاتا - قېيىنئانىسىنىڭكىگە ئاتا - ئانىسى، ئورۇق - تۇغقانلىرى، يېقىن دوستلىرى بىلەن بىللە ھېيتلاپ بارىدۇ. ئوغۇل تەرەپ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا قاراپ تۆت - بەش نان ۋە نەچچە كىلوگىرام قەنت - ناۋات ئېلىپ بارىدۇ. غىزادىن كېيىن ئوغۇل تەرەپ ئېلىپ كەلگەن نەرسىلىرىنى قويۇپ، كۆڭلىنى ئىزھار قىلىشىدۇ. قىز تەرەپمۇ جاۋابەن ھەر خىل رەڭدە پىشۇرۇلغان 100 دىن ئارتۇق تۇخۇمنى لېگەنگە تىزىپ كۈيۈئوغۇلىنىڭ ئالدىغا قويىدۇ. بۇ چاغدا ئاۋۋال چوڭلار تۇخۇمنى ئالىدۇ. ئاندىن قالغانلارمۇ تۇخۇمنى بىر - ئىككىدىن ئېلىپ يېيىشىدۇ. ئاشقان تۇخۇمنى كۈيۈئوغۇل ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپ، يېقىن دوست - بۇرادەرلىرىگە ۋە بالىلارغا ھېيتلىق ئورنىدا تارقىتىپ بېرىدۇ.
كۈيۈئوغولىغا ھېيت پاتىھەسىدە تۇخۇم قويۇش ئادىتى ئىزچىل داۋاملىشىدۇ. قىزنىڭ ئاتا - ئانىسى ئالەمدىن ئۆتكەن بولسا، قىزنىڭ ئاچا - سىڭىللىرى ياكى ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ئۇنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇنداق قىلمىسا، بۇ قىز تەرەپنىڭ ئەدەپسىزلىكى، كۈيۈئوغۇلغا ھۆرمەت قىلمىغانلىق ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، يېڭى توي قىلغان يىگىتلەرلا ئەمەس، قېرى كۈيۈئوغۇللارمۇ خوتۇنىنىڭ ئاتا - ئانىسى ياكى ھايات ئورۇق - تۇغقانلىرى پىشۇرغان ‹‹كۈيۈئوغۇل تۇخۇمى››غا ئېرىشىدۇ. كۈيۈئوغۇلمۇ قەنت، ناۋات ياكى باشقا ھېيتلىقىنى ئېلىپ كېلىشنى ئۇنتۇمايدۇ. بۇنداق قىلىشنى ئۇلار ئىككى تەرەپنىڭ بىر - بىرىگە بولغان ساداقىتى ۋە چىن مۇھەببىتىنىڭ شاھىتى دەپ قارايدۇ.مەسئۇل مۇھەررىر: شېرىنئاي يۈسۈپ

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى