ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئەنئەنىۋى بالىلار ئويۇنلىرى

2012-06-04 17:54:06     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

چاچ ئۆرۈش ئويۇنى.
ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرىنىڭ تارىخى ئۇزاق، مەزمۇنى چوڭقۇر، شەكلى خىلمۇخىل بولۇپ، كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېرىدىكى ئويۇنلاردۇر. بۇ ئويۇنلار بالىلارنىڭ زېھنىنى ئېچىپ، ئىجادچانلىقىنى ئاشۇرىدۇ. بولۇپمۇ ساغلاملىققا پايدىلىق ساۋاقلار كۆپرەك مەزمۇننى ئىگىلەيدۇ. بالىلار ھەرخىل ئويۇنلارنى ئويناش ئارقىلىق ئىتتىپاقلىق، ئۇيۇشچانلىقنى كۈچەيتىدۇ. ئۇيغۇر بالىلار ئويۇنلىرى ئىچىدە قىزلارغا خاس ئويۇنلار ئۆرپ - ئادەتنى ئىپادىلەشكە مايىل بولۇپ، بۇ ئويۇنلار مىللىي خاسلىقنى ئىپادىلەشتە ئالاھىدە گەۋدىلىك ئورۇندا تۇرىدۇ. ئوغۇللارنىڭ ئويۇنلىرى ئۇيغۇر يىگىتلىرىنىڭ باتۇر، قورقماس، چەبدەس خاراكتېرىنى نامايەن قىلىدۇ.
«چاچ ئۆرۈش ئويۇنى « روشەن پەسىل خاراكتېرىگە ئىگە ئويۇن بولۇپ، ئاساسەن ئەتىياز ۋە ياز پەسىللىرىدە ئوينىلىدۇ. ئويناش ئۇسۇلى: ئويۇنغا قاتناشماقچى بولغان قىزلار جەم بولۇپ، چاچلىرىنى چىرايلىق تاراپ چاچ ئۆرۈشكە تەييار بولۇپ تۇرىدۇ. باش بولغۇچى قىزلارنى چاچ ئۆرۈشكە تەشكىللەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن چاچ ئۆرۈش باشلىنىدۇ. قىزلار چاچلىرىنى ئۆرۈپ بولغاندىن كېيىن ئويۇنغا رىياسەتچىلىك قىلغان قىز ئۇلارنىڭ چېچىنىڭ تەلەپكە لايىق ئۆرۈلگەن - ئۆرۈلمىگەنلىكىگە قاراپ چىقىپ، ياخشى ئۆرۈيەلمىگەنلىرىنى قايتىدىن ئۆرۈشكە بۇيرۇيدۇ. ئەگەر ئۇ قىز يەنىلا ياخشى ئۆرۈيەلمىسە ئۇنىڭغا » جازا «بېرىلىدۇ. ئويۇندا قىزلار چوقۇم چېچىنى 40 تال  ئۆرۈشى، ھەم تېز، ھەم قائىدىلىك ئۆرۈشى، چاچ ئۆرۈشى، چاچ ئۆرۈۋېتىپ گەپ قىلىشماسلىقى، چاچنى ئۆلچەملىك، رەتلىك ئۆرۈشى لازىم. بۇ ئويۇن قىز - چوكانلارنىڭ ئائىلىسىدە چاچلىرىنى ئۆرۈپ قويۇشتەك مىللىق ئەنئەنىگە تەقلىد قىلىشتىن پەيدا بولغان. قىزلار، بولۇپمۇ چېچى ئۇزۇنراق، يېشى كىچىك قىزلار چاچلىرىنى ئۆزلىرى 40 تال قىلىپ ئۆرىيەلمەيدۇ. بۇ ئويۇننى ئويناش ئارقىلىق ئۇلار مۇستەقىل ئىش قىلىشنى ، شەخسىي تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىشنى، رەتلىك، پاكىز يۈرۈشنى، چامى يەتكەن ئىشلارنى ئۆزى قىلىشنى ئۆگىنىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئۇلار يەنە ئۇيغۇر قىزلىرىغا خاس نازاكەت ۋە ئەۋرىشىملىكىنى چاچ ئۆرۈشتەك ئاددىي ئويۇنلار ئارقىلىق ئۆگىنىپ، دەسلەپكى قەدەمدە گۈزەللىك تەربىيىسىگە ئىگە بولىدۇ. بۇ ئەجدادلارنىڭ ئۆرپ - ئادىتىنى ئۈزۈلدۈرمەي ساقلاپ قېلىشتا بەلگىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئاداش-ئاداش ئويۇنى.
<<ئاداش-ئاداش ئويۇنى>> ھازىرغىچە يېزا - قىشلاقلاردا ئوغۇللار ئويناپ داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئويۇنلارنىڭ بىرىدۇر . ئويۇننى باشلاش تەرتىپى مۇنداق بولىدۇ: ئۈچ ئوغۇل بالا قاتار تىزىلىپ بىر - بىرىنىڭ دولىسىنى ئىككى قوللاپ تۇتۇپ، بىر پۇتلاپ تاقلاپ سەكرەپ ، قوشاق ئېيتىش بىلەن تەڭ ئويۇننى باشلايدۇ. ئۇلار شۇ تەرتىپتە تاقلاپ قولىنى مۈرىگە قويۇپ توختىماي سەكرەپ مەھەللىنى ئايلىنىپ چىقىدۇ ۋە سەكرەش جەريانىدا باشقا ئوغۇللارنىمۇ سەپكە قوشۇلۇشقا چاقىرىدۇ.
ئوينايدىغان بالا بارمۇ؟
مۆرەيدىغان كالا بارمۇ؟
 مەھەللىدە بىز بىلەن،
 ئاداش بولار بالا بارمۇ؟
دېگەن قوشاق بىلەن تەڭ سەپكە قېتىلىدىغان بالىلار پۈتۈنلەي قوشۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، بارلىق ئويۇنغا قاتناشقان بالىلار بىرلىكتە:
ئاداش - ئاداش بولايلى،
ئالما قېقى شورايلى.
تالىشىپ يېگەچ بىر ناننى،
دەريا بويى بويلايلى.
                      ئاداش -ئاداش بولايلى،
                      ئالما قېقى شورايلى.
                      ئۇلۇغ ناننىڭ بويىدا،
                     بىر نان تاپساق تەڭ يەيلى.
 
 چېم چۆچىكىم، چىم چۆچەك،
ئوتتۇرىسى كۆلمەنچەك،
سۇ قۇيسام تېشىپ كەتتى،
ئۆمىلىپ قېچىپ كەتتى.
                      كېلىڭ دوستلار ئوينايلى،
                      ئاداش - ئاداش بولايلى.
                      بىر نان تاپساق تەڭ يەيلى،
                      ئايرىلماس دوست بولايلى. دېگەندەك قوشاقلارنى ئۈنۈملۈك، تەرتىپلىك، رېتىملىق ئېيتىدۇ.
بۇ ئويۇن بالىلارنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقىغا پايدىلىق بولۇپ ، قىش پەسلىدە ئوينالسا بالىلارنىڭ سوغۇقتىن مۇداپىئەلىنىش، قورقماس، چىدامچان خاراكتېرىنى يىتىلدۈرۈش بىلەن بىللە يەنە كۆڭۈل ئېچىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
بۇ ئويۇننىڭ ئەڭ جەلپكار نۇقتىسى تىل بۆلىكىدە بولۇپ، بۇ ئويۇندا ئېيتىلغان قوشاقلار بالىلارغا خاس چۈچۈك تىلى، ئاددىي قاپىيە، رېتىملىق ئالاھىدىلىككە ئىگە، بۇ ئويۇندا ھەرىكەت بىلەن سەنئەت تەبىئىي ھالدا بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئويۇننى تەشكىللىك ھالدا ناخشا- قوشاق پائالىيتىگە ئايلاندۇرىدۇ. بۇ قوشاقلار مىللىتىمىزنىڭ ناخشا- قوشاقچىلىق ئەنئەنىسىنىڭ بالىلار ئويۇنلىرىدىكى جانلىق ئىپادىسى.
بۇ ئويۇننىڭ » ئاداش - ئاداش ئويۇنى« دېگەن نامىدىنلا ئويۇننىڭ ھەمدەملىككە، بىرلىكلىككە سىمۋول قىلىنغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. بۇ ھەم بالىلارنىڭ ئۆملۈككە بولغان ئىنتىلىشىنى ئىپادىلىسە، ھەم بالىلارنىڭ ئويۇندىن تەڭ ھوزۇرلىنىش، بەھىرلىنىش ھېسسىياتىنى ئىنكاس قىلىدۇ. 
مەسئۇل مۇھەررىر: شېرىنئاي يۈسۈپ

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى