ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۇيغۇرلارنىڭ بىناكارلىق سەنئىتى

2012-06-04 17:54:06     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئۇيغۇرلارنىڭ بىناكارلىقى ئۆزگىچە ئۇسلۇبقا ئىگە. بولۇپمۇ ئارخىتېكتۇرلۇق، ماتېريالچىلىق، كاھىشلىق، ھەيكەلتاراشلىق، رەسساملىق جەھەتلەردە خېلى كامالەتكە يەتكەچكە، «يېپەك يولى» ئارقىلىق تەدرىجىي ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە ۋە باشقا قوشنا ئەللەرگە تارقالغان.
بىناكارلىق سەنئىتى بىر خىل سەنئەت ھەم تېخنىكا. ئۇ ئەمەلىي ئىستېمال قىممىتى ۋە ئىستېتىكا قىممىتىگە ئىگە. ئىستېمال قىممىتىنى ئاساس قىلغان ھالدا، ئىستېمال قىممىتى بىلەن ئىستېتىك قىممەتنىڭ بىردەك بولۇشى بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ تۈپ گۈزەللىك پرىنسىپىدۇر. ئۇيغۇر بىناكارلىقىدىكى نەقىش سەنئىتىدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تاغ- دەريالار، دەل- دەرەخلەر، گۈل- گىياھلار، مېۋە- چېۋىلەر ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەندىن باشقا، تۇرمۇش بويۇملىرىغىمۇ تېگىشلىك ئورۇن بېرىلگەن. ئۇيغۇر بىناكارلىقىنىڭ نەقىش بېزەكلىرىنىڭ شەكلى ھەر خىل، مەزمونى مول بولۇپ، ئىشلەتكەن ماتېرياللار ۋە قوللىنىلغان ھۈنەر- سەنئەت ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ياغاچ  ئويما نەقىش، خىش تىزما نەقىش، گۈللۈك خىش كاھىش، رەڭلىك ئويما نەقىش، خىش ئويما نەقىش، گەج ئويما نەقىش، گۈللۈك خىش، كاھىش، رەڭلىك سىزما نەقىش قاتارلىق ئون نەچچە خىلدىن ئاشىدۇ. ياغاچ قۇرۇلمىلىق ئىمارەتلەردە ياغاچ ئويما نەقىشلىرى ۋە رەڭلىك سىزما نەقىشلىرى كۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ.
خىش قۇرۇلمىلىق ئىمارەتلەردە گەج ئويما نەقىش، گۈللۈك خىش، خىش تىزما نەقىش، كاھىش ئاساس قىلىنىدۇ. خىش، ياغاچ قۇرۇلمىلىق ئىمارەتلەرنى زىننەتلەشتە ھەر خىل نەقىش، بىزەك شەكىللىرى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىدىغان بولۇپ، قۇرۇلۇش ماتېريالىىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە قۇرۇلما جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن جانلىق، سىپتا، كۆركەم بولۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ.
ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتى ھەيۋەتلىكلىكى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى نەپىس، گۈزەل سەنئەتلىكلىكى بىلەن كىشىلەرنى ئۆزىگە ئىختىيارسىز جەلپ قىلىپ، بەدىئي زوق، مەنىۋى ئوزۇق ۋە ھۈزور ئاتا قىلىدۇ. ئەڭ دەسلەپكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ دەسلەپكى ماكانى ئورمانلىقلار، غار- ئۆڭكۈرلەرنى تاشلاپ بۈگۈنكىدەك باغ- ۋارانلىق، ھويلا- ئاراملىق، پىشايۋان- سوپىلىق، دەھلىزە- قازناقلىق، تۆر پەرگاھلىق، تەكچى مېھراپلىق، ۋاسا جۈپ- ناۋالىق، ئەگىمە ئىشىك- دەرىزىلىك، گۈل مەنزىرىلىك ئۆيلەرگە؛ ئۇزۇن سېپىللىق، گۈمبەز- مۇنارلىق، رەستە- كوچىلىق، تاغ- دەريالىق، يېشىل ئورمانلىق، خۇش ھاۋالىق ئاۋات شەھەرلەرگە كۆچكەنلىكى ھەرگىزمۇ ساپالسىز، نەقىش- بېزەكسىز مەيدانغا كەلگەن ئەمەس، بەلكى ساپالنىڭ رولى ناھايىتى زور بولغان؛ ئۇلارنىڭ شەكلى ۋە گۈل نەقىشلىرىدە ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىپتىدائىي، بەدىئىي سەنئىتى نامايەن قىلىنغان.
ئۇيغۇر بىناكارلىقىدىكى نەقىش تۈرلىرى ئىچىدە خىش تىزما نەقىشى ئاپتونوم  رايونىمىزنىڭ بناكارلىق ساھەسىدە كەڭ قوللىنىلىپ كەلمەكتە. خىش تىزما  ئىمارەتلەرنىڭ سۇۋالمايدىغان تام يۈزلىرى، سىرتقى پەردازلىرى، مۇنار يۈزىدىن ئىبارەت كۆزگە چېلىقىدىغان قىسمىغا خىشلارنى ئالاھىدە تاللانغان نەقىش ئۆرنەكلىرىگە ئاساسەن تىزىش ئارقىلىق چىقىرىلىدۇ. كۆپ ھاللاردا، خىش تىزما نەقىش بىلەن گەج ئويما نەقىش ھۈنەر سەنئىتى بىرلەشتۈرۈلۈپ ئىشلىتىلىپ ئۇيغۇر بىناكارلىقىدىكى ئۆزگىچە ئۇسلۇبنى ھاسىل قىلىدۇ. خىش تىزما نەقىشنى ئىشلەشتە شەكىللىرى بىر قەدەر ئاددىي بولغان گېئومېتىرىك تۈز سىزىق ئاساسىدىكى نەقىش تۈرلىرىدىن گۈل- چېچەك، چاقماق، كەكلىك قېشى، ساندۇقچە، توقۇناق، پەتنۇس، شەيتان قۇلۇپ قاتارلىقلار بىر قەدەر كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. بۇ خىل نەقىشلەر كۆپىنچە ئىككى تەرەپكە، تۆت تەرەپكە داۋاملاشتۇرۇلغان ھالدا، بەزىلىرى نەقىش ئىشلىنىدىغان ئورۇننىڭ چوڭ- كىچىكلىكىگە ماسلاشتۇرۇلغان ئاساستا مۇستەقىل بىر ئۆرنەك قىلىپ ئىشلىنىدۇ.
خىش تىزما نەقىشىنى ئىشلەش تەرتىپى مۇنداق بولىدۇ: خىشنى ھەرخىل گېئومېتىرىك شەكىل بويىچە ۋە نەقىش تەلىپىگە ئاساسەن تىزىپ تام قوپۇرۇش، تىزىلغان خىشلار ئارىلىقىدىكى بوشلۇقلار زىنەت- بىزەك تەلىپىگە ئاساسەن، ئاق ياكى باشقا رەڭ ئارىلاشتۇرۇلغان ھاك، گەج لاي بىلەن پىلتە تارتىلىدۇ. مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن نەقىش ئىشلەنگەن تاملار ناھايىتى كۆركەم بولۇپ، خۇددى سىزىلغان نەقىشتەكلا كۆرۈنىدۇ ھەمدە ناھايىتى پۇختا بولىدۇ. يەنە بىر خىلى خىشلارنى ئالدىن يۇنۇش، كېسىش ئارقىلىق رومبا، ئۈچبولۇڭ، كۋادىرات شەكىللىرىگە كەلتۈرۈۋېلىپ، قۇم قەغەزدە سىلىغداپ، ئاندىن تاللانغان نەقىش ئۆرنەكلىرىگە ئاساسەن بۇ خىشلارنى ئۆزئارا كىرىشتۈرۈپ تىزىش، يەككە تىزىش ياكى تىكلەپ تىزىش ئارقىلىق نەقىش ھاسىل قىلىشتىن ئىبارەت. مۇنداق ئۇسۇل بويىچە تىزىلغان خىشلاردىن چېچەك، غۇنچە، يېرىم غۇنچە، چاسا غۇنچە، يۇلتۇز، كۆپتۈرمە يۇلتۇز، ساندۇقچە، كەكلىك قېشى، شەيتان قولۇپ قاتارلىق نەقىش تۈرلىرىنى بەرپا قىلغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، پەلەمپەي، پىشايۋان سوپىسى، زەگۈندە قاتارلىق ئىمارەتنىڭ ئۇلى بىلەن دېرىزە تەكچىسى ئارىلىقىدىكى بوشلۇققا، دېرىزە بىلەن دېرىزە، دېرىزە بىلەن ئىشىك ئارىلىقىدىكى بوشلۇققا  پىلتە- ناۋا شەكلىگە كەلتۈرۈلگەن خىشلارنى رامكا قىلىپ، باشقا خىشلارنى  يۇقىرىدىكى ئۇسۇل بويىچە تىزىش ئارقىلىق نەقىش ھاسىل قىلىش ئۇسۇلىمۇ قوللىنىدۇ.
ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەر جەريانىدا ئاپتونوم رايونىمىزدىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى دەۋرلەرگە تەئەللۇق بولغان كېسەك، كېسەكتىن ياسالغان سېپىل، مۇنار ۋە ئۆي- ئىمارەت ئىزلىرى بايقالغان. بۇنىڭدىن ئەجدادلىرىمىزنىڭ مىلادىدىن ئىلگىرىكى دەۋرلەردىلا ئۆي- ئىمارەت سېلىشتا تام سوقۇشتىن كېسەك بىلەن تام قوپۇرۇشقا  يۈزلەنگەنلىكىنى، كېسەك بىلەن سېلىنغان ئۆي- ئىمارەتلەرنىڭ سۈپىتىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى تونۇپ، ئۇنى شەھەر قۇرۇلۇشىدا ئومۇملاشتۇرۇپ ئىشلەتكەنلىكىنى ھەمدە ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان تەكرار ئىشلىتىش جەريانىدا كېسەكلەرنى ھەر خىل شەكىلدە تىزىش ئارقىلىق تام قوپۇرۇش تېخنىكىسىنى تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
ئەينى زاماندىكى ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ نامايەندىلىرى تەبىئەت ھادىسلىرى، ئۇرۇش ۋە دىنىي ئېتىقادنىڭ ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن ۋەيران بولۇپ، بىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن بولسىمۇ، خىش تىزما نەقىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە  نەمۇنە ئۆرنەكلىرى ئۇيغۇر بىناكارىقىدا ئالاھىدە گەۋدىلەنگەن، مەسىلەن، خىشلارنى تىزىش ئارقىلىق ئون نەچچە خىل نەقىش چىقىرىلغان سۇلايمان ۋاڭ مۇنارى، قەشقەردىكى ھېيتگاھ جامەسى، ئاپئاق خوجا مازىرى، ھەمدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مىللىي ئۇسلۇبتىكى قۇرۇلۇشلارنىڭ دەرۋازا مۇنارلىرىدا خىش تىزما نەقىشنىڭ كۆركەملىكى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن. ئومۇمەن، خىش تىزما نەقىشلىرى ئۇيغۇر مىمارچىلىق تېخنىكىسى، نەقىش- بېزەك سەنئىتى، ماتېريالچىلىق قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشىمىزدا ئىلمىي ۋە ئەمەلىي قىممەتكە ئىگە.
مەسئۇل مۇھەررىر: شېرىنئاي يۈسۈپ

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى