ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن تارتىپ ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئېسىل بىناكارلىق نەمۇنىسى-تەكچە

2012-06-18 17:35:37     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئۇيغۇر  بىناكارلىق سەنئىتى ئۇزاق ئەسىرلىك تەرەققىيات جەريانىدا ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەرنى شەكىللەندۈرگەن. كۆركەملىك  ۋە سەرەمجانلىق ئۇنىڭ يۈكسەك مۇۋەپپەقىيىتى. تەكچە- ئۆي ئىچى بېزەكچىلىكىدىكى كۆركەملەشتۈرۈش ۋە سەرەمجانلاشتۇرۇش ۋاستىسى بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتىدە بىنالارنىڭ سىرتقى بېزەكچىلىكىدىمۇ كۆپ قوللىنىلىدىغان مىللىي شەكىللەرنىڭ بىرىدۇر.
بىناكارلىقىمىزدا تەكچىنىڭ تارىخى ئۇزاق، ئىشلىتىلىش دائىرىسى كەڭ بولۇپ، ئاساسەن ئەنئەنىۋى  ئۇسلۇبتا ياسالغان ئۆي- ئىمارەتلەردە ئۆي ئىچى بوشلۇقىنىڭ چەكلىمىسگە  ئۇچرىماي جانلىق قوللىنىلىدۇ.  ئادەتتە خىش- كېسەك تاملىق ئۆي- ئىمارەتلەردە تەكچىلەر تام قوپۇرۇش جەريانىدا پىلانلىق  ھالدا پۈتۈپ ماڭىدۇ. ئىچكى بېزىكىگە ئالاھىدە تەلەپ قويۇلىدىغان بەزى ئۆي- ئىمارەتلەردە تەكچە، تاختاي بىلەن گەجدىن تەييارلىنىپ، تامغا چاپلاپ ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ. بۇنداق تەكچىلەر كۆركەم ۋە  سىپتا  بولىدۇ. سوقما تاملىق  ئۆي تەكچىلىرى تامنى ئويۇپ  ياسىلىدۇ. بۇ خىل  تەكچىلەر ئاددىيراق  بولۇپ، ئادەتە، «ئويۇق» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
تەكچىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، تېيىز- چوڭقۇرلۇقى ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئەمما بىر پۈتۈن شەكلى ئاساسەن ئوخشاش بولىدۇ. بىناكارلىق سەنئىتى جەھەتتىن ئالاھىدە  تەلەپ قويۇلىدىغان چوڭ ۋە  ئوتتۇرا تىپتىكى تۇرالغۇلاردا تەكچىنىڭ سانى، شەكلى ۋە چوڭ- كىچىكلىكىگە  قويۇلىدىغان تەلەپ بىر  قەدەر يۇقىرى بولۇپ، سېممېترىك بولۇش، تەكشى بولۇش، ئۆزگۈرۈشچان بولۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. مورىلىق ئۆيلەردە مورىنى مەركەز  قىلىپ ياسالغان ھەر  خىل تەكچىلەر بولىدۇ. بەزى ئۆيلەردە مەخسۇس بىر تامغا  مەرەپ- تەكچىنىڭ چوڭايتىلغان شەكلى چىقىرىلىپ، ئىككى يان ۋە  ئۈستىدىكى بوشلۇققا  مۇۋاپىق چوڭلۇقتىكى تەكچىلەر ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ. مەرەپ ئىچىگە يوتقان- كۆرپە، ياستۇق تىزىلىپ، پەردە بىلەن يېپىپ قويۇلىدۇ. تۇرپاندا  بۇنى  «لىمتاق» دەپ ئاتايدۇ. بەزى لىمتاقلار تۆت چاسا ۋە  كېمىر شەكلىدىرەك بولىدۇ، ئىككى يان ۋە ئۈستىگە ئويۇقچىلار  چىقىرىلىدۇ. بۇ ئويۇقچىلارنىڭ شەكلىمۇ چاسا، كېمىر شەكىللىرىدە بولۇپ، شەكىل جەھەتتىن قەشقەر  تەكچىلىرىدىن پەرقلىنىدۇ، ئەمما  رولى تامامەن ئوخشاش.
ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشتىن قارىغاندا، تەكچە مىلادىنىڭ ئالدى- كەينىدىلا  ئىشلىتىلىشكە  باشلىغان. قەدىمكى يارغول شەھىرىدە  ياشىغان ئەجدادلارنىڭ تاملىرىدا  ئىپتىدائىي تەكچىلەرنىڭ ئىزنالىرى ھېلىھەم ساقلىنىپ تۇرماقتا. قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ بىناكارلىق تېخنىكىسى  ئانچە   تەرەققىي   قىلمىغانلىقتىن، كىچىك   گەمىلەردە  ئولتۇراقلاشقان ئىدى. ئۇلار  ئۆي ئىچى بوشلۇقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش  مەقسىتىدە تۇرمۇش  بويۇملىرىنى قويۇش  ئۈچۈن تاملارنى ئويۇپ، ئۆي ئىچى بوشلۇقىنى كېڭەيتكەن. بۇ «ئويۇق»دەپ ئاتالغان. كېيىنچە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈشى، بىناكارلىق  تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا  ئەگىشىپ ،تەكچىلەرنىڭ شەكلى مەرەپ، شەددە، ئۇچبۇلۇڭ ۋە  ياي شەكلىدە ياسىلىدىغان، ئەتراپىغا  نەقىش  ئىشلىنىدىغان، ئىچى سىرلىنىدىغان، پەگاسىغا  تاختاي قويۇلىدىغان، گەج، ياغاچ، ئەينەك قاتارلىق ماتېرىياللار ئىشلىتىلىدىغان بولغان.
ئاستانە  قەدىمكى قەبرىستانلىقىدىن تېپىلغان تام رەسىمدە: «ئائىلە  باشلىقى مېۋىلىك باغدىكى قۇببە تورۇسلۇق راۋاقتا ئۆزىنى يەلپۈپ ئولتۇرغان، ئوڭ تەرەپتە  ئاشخانا  ئۆي، ئۆي تېمىدا تەكچە ئويۇلغان...»كۆرۈنۈش سىزىلغان بولۇپ، بۇمۇ قوچۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەينى دەۋردىكى  تۇرالغۇ ئۆيلىرىدە  تەكچە ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. مىلادىنىڭ ئالدى- كەينىدە ياسىلىشقا  باشلىغان مىڭئۆيلەردە، بۇددا  ئىبادەتخانىلىرىدا  ۋە  بۇددا  مۇنارلىرىدا  دىنىي ئېتىقاد يۈزىسىدىن بۇددا  ھەيكەللىرىنى، نوم- دەستۇرلارنى، جەسەت  كۈلى قۇتۇلىرىنى ۋە  ھەر  خىل تۇرمۇش بويۇملىرىنى قويىدىغان ئورۇن بولۇش  سۈپىتى بىلەن تەكچە ئىنتايىن كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلگەن. تەكچە ئەتراپىمۇ بۇددا دىنى مەزمونىدىكى ھەر خىل رەسىم ۋە  نەقىشلەر بىلەن  بېزەلگەن. ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدىكى مىڭئۆي ھەمدە  قەدىمكى شەھەر  خارابىلىرىدىكى تام ۋە  مۇنار  قالدۇقلىرىدا چوڭ- كىچىكلىكى، شەكلى ھەر  خىل  ياسالغان  تەكچىلەر  ھېلىمۇ ساقلىنىپ تۇرماقتا. 1878- يىلى ئىدىقۇت قەدىمكى شەھەر  خارابىسىنى تەكشۈرۈپ،  شەھەرنىڭ سىخماتىك خەرىتىسىنى سىزىپ چىققان  ئا. ئې. رېگىل ئەپەندى بۇ شەھەر  توغرىسىدا  توختىلىپ،« بۇ شەھەر   بۇنىڭدىن 2000 يىل بۇرۇن  بىنا   قىلىنغانىكەن. شەھەرنىڭ سېپىللىرى ناھايىتى قېلىن ۋە  ئېگىز.... سېپىل  ئىچىدە  ئېگىز - ئېگىز  مۇنارلار بولۇپ، بۇ  مۇنارلاردا ئەگمە  شەكىلدىكى  تەكچە  ۋە  چوڭ ھەيكەللەر  بار  ئىكەن» دەپ خاتىرە  قالدۇرغان.
11- ئەسىردە ئۆتكەن ئۇلۇغ  ئالىم، تىلشۇناس مەھمۇد  كاشىغەرى «تۈركىي تىللار  دىۋانى» ناملىق بۈيۈك ئەسىرىدە  تەكچىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق يازغان: «سەرۈ- تەكچە، تاختىبېشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆي جابدۇقلىرى قويۇلىدۇ»؛ «يۈدرۈك- ئۈستىگە كىيىم- كېچەك ۋە  باشقا نەرسىلەرنى تىزىپ قويىدىغان لىمتاق، مەرەپ؛  ئويۇقلۇق ئەۋ- ئويۇقلۇق ئۆي، تەكچىسى بار ئۆي».
دېمەك، تەكچە ئۇيغۇرلار  قەدىمدىن تارتىپ ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئېسىل بىناكارلىق نەمۇنىسى بولۇپ، ئۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ بىناكارلىق ئىلمىدىكى ئۆي ئىچىنى سەرەمجانلاشتۇرۇش سەنئىتىدە ئالاھىدە  تەدبىرلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان نامايەندىدۇر. نۆۋەتتە بىناكارلار ئۆي ئىچى بېزىكىنى لايىھىلىگەندە تەكچىنىڭ ئالاھىدە  رولىدىن ئىلھاملىنىپ، بىر  قىسىم ئۆي جاھازىلىرى ۋە  تۇرمۇش  بويۇملىرىنى تام ئىچىگە  ئورۇنلاشتۇرماقتا. تام ئىشكاپ، تامغا  يىغىلىدىغان كارىۋات، تامغا يىغىلىدىغان ئۈستەل قاتارلىقلار شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

مەسئۇل مۇھەررىر: شېرىنئاي يۈسۈپ

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى