ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۇيغۇلارنىڭ نان مەدەنىيىتى

2012-07-16 18:31:50     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

نان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئەڭ مۇقەددەس، ئەڭ ئۇلۇغ، ئۇزۇن تارىخقا ئىگە، كەڭ تارقالغان، تۈرى كۆپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنىڭ بىرى. ئۇيغۇرلار ھەر بىر نانغا ئەستايىدىل ئىشلەيدۇ، نان ئۇيغۇرلار ئەقىل -پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى. چۈنكى ناۋايچىلىق كوللېكتىپ ئەمگەكنى ئاساس قىلىدۇ، بۇ جەرياندا ھەممەيلەن ئۆزلىرىنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى ئىشقا سالىدۇ.  ئۇيغۇرلارنىڭ نان مەدەنىيىتى قەدىمىيلىكنى مۇكەممەل ساقلاپ قالغان. ئۇنىڭغا ئۇيغۇرلارىڭ ئىستېمال ئېڭى، مۇھىت ئېڭى، ئىپتىدائىي چۈشەنچە ئېڭى قاتارلىق كۆپ خىل ئاڭ چۈشەنچىسى  مۇجەسسەملەنگەن.  ئۇلار ئۆزئارا زىچ گىرەلىشىپ، مۇكەممەل مەدەنىيەت سېستىمىسى شەكىللەندۈرگەن.  ئۇيغۇر ناۋايچىلىقىنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى ناھايىتى تەرتىپلىك، ئۇلارنى ئىلگىرى -كېيىن قىلىشقىمۇ بولمايدۇ. نانغا سېلىنغان قوشۇمچە خۇرۇچلارنىڭ تۈرلىرى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ناننىىڭ شەكلى، خېمىر تەييارلاش ئۇسۇلى، تونۇرغا يېقىش، پىشۇرۇش، ئىستېمال قىلىش جەريانلىرى يەنىلا تەبىئىيلىكنى ساقلاپ قالغان. خەلقىمىز نان مەدەنىيىتى ئۆزىنىڭ مىللىي ئەنەئنەسىنى يوقاتمىغان مەدەنىيەتتۇر.
ئۇيغۇرلار ناننىڭ خۇرۇچلىرىغا غەيرىي خۇرۇچلارنىڭ ئارىلىشىپ كېلىشىنى قەتئىي خالىمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئېڭىدا ناننى ئۇلۇغلاش، باشقىلارنىڭ مەنپەئتى، سالامەتلىكىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئېڭى ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ جەھەتتە ئۇيغۇر نانلىرىنى ساپ، پاكىز، تەبىئىي ئوزۇقلۇق دېيىشكە بولىدۇ. مەدەنىيەت چۈشەنچىسىدە ئادەمنىڭ ئېڭى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. ئاڭ يۇقىرى بولمىسا ئۇيغۇر ناۋايچىلىقىنىڭ ھازىرقى بازار رىقابىتىدىكى ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى، بازاردا  پۇت تىرەپ تۇرغىلى، باشقا رايون، باشقا ئورۇنغا كېڭەيتىكىلى، ناننىڭ ساپ، پاكىز تەبىئىيلىكى، مىللىي خاسلىقىنى، مىللىي ئەنئەنىسىنى ساقلاپ قالغىلى، ئىستېمالچىلارنىڭ قەلبىنى نانغا جەلپ قىلغىلى بولمايدۇ. بۇ جەھەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ناننى ئۇلۇغلاش ئېڭىنى سېستىمىلاشقان، قېلىپلاشقان ئاڭ چۈشەنچىسى دېيىشكە بولىدۇ. ھازىر كىيىم -كېچەك، ئۆرپ-ئادەت، يېمەك-ئىچمەك، ئەدەبىيات- سەنئەت، تۇرمۇش ئادەتلىرىمىز خىلمۇ-خىل مەدەنىيەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى. لېكىن ناننىڭ تۈرلىرى بارغانسېرى كۆپەيگەن بولسىمۇ، تەسىرگە ئۇچرىمىدى، ھەتتا گۈل نەقىشلىرى چىكىلىپ سۈپىتى ياخشىلاندى، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ناننىڭ يۈزىگە خىلمۇ -خىل گۈل نەقشىلىرى -چىكىلىپ سەنئەتلىك  خۇسۇسىيەتكە ئىگە قىلىندى، بۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ناننى -ئۇلۇغلاش ئېڭىنىڭ ناھايىتى  مۇكەممەللەشكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ نان ئىستېمال قىلىش ئادىتى ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. قەدىمكى خارابە ۋە قەبرىلەردىن قېزىۋېلىنغان نانغا دائىر تېپىلمىلار  بۇ   پىكىرنىڭ روشەن دەلىلىدۇر. قەدىمكى دەۋرلەردە ئىنسانلار ئوۋچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن مەزگىلدە گۆشنى ئاساسلىق يېمەكلىك قىلغان، ئەمما گۆشنى ئۇزۇن مۇددەت ساقلاپ يېيىشكە، ئېلىپ يۈرۈشكە ئىمكان بولمىغانلىقتىن  تۇرمۇشتا قىينالغان. ئۇلار ئوۋچىلىق تۇرمۇشىدىن دېھقانچىلىق تۇرمۇشقا قەدەم قويغاندى كېيىن، ئۆزلىرى يولۇققان بۇ خىل قىيىنچىلىقنى ئوڭۇشلۇق ھەل قىلغان. يەنى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا ئۆزلىرى تېرىغان زىرائەتلەرنى ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا ماس ھالدا پىششىقلاپ ئىشلەشنىڭ ئۇسۇل-چارىلىرى ئۈستىدە ئىزدەنگەن. نەتىجىدە ئۇزۇن مۇددەت ساقلاپ  يېيىشكە، ئېلىپ يۈرۈشكە، خالىغان چاغدا ئىستېمال قىلىشقا بولىدىغان ناننى ئىجاد قىلغان. دېمەك، ناننىڭ مەيدانغا كېلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىغا يېڭى ئۆزگۈرۈش ئېلىپ كەلگەن. ئۇيغۇرلار ناننى گۆش، سۈت، قايماق، ماي قاتارلىقلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ  ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ ماددىي ئېھتىياجىنى قامدىغان. بىزنىڭ ھازىرقى يۇقىرى ئىستېمالىمىز    ئەنە شۇ  ئەجدادلىرىمىزنىڭ چارۋىچىلىق بىلەن دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى مۇۋاپىق  بىرلەشتۈرگەنلىكنىڭ تارىخىي نەتىجىسىدۇر.

تارىختىن  بېرى  نان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى. ئۇلار يەنە قوي، ئۆچكە، كالا، قوتاز ، ئات قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى ئىستېمال قىلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرغان.  ئۇيغۇرلار ئۆيگە كەلگەن مېھماننىڭ ئالدىغان ئەڭ ئالدى بىلەن نان ۋە چاي  قويىدۇ. تويى  بولغان  قىز- يىگىتكە تۇزغا چىلانغان نان يىگۈزىدۇ. ئۆزئارا تۇغقان يوقلاشلاردا  ناننى داستىخانغا يۆگەپ ئاپىرىدۇ. قەدىمدە ئۇيغۇرلار ناننى« ئۇلۇغ  گۇۋاھچى» دەپ قاراپ قەسەم قىلىشقان. سودا-سېتىقتا« نان تەگسۇن» دېيىش ئارقىلىق، سېتىلغان مالنىڭ قارشى تەرەپكە پايدا يەتكۈزۈشىنى تىلىگەن. سەپەرگە چىققۇچىلارغا نان يوللۇق تۇتۇلغان.
نان ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىدا تارىختىن بۇيان مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان مۇھىم غىزا بولۇپلا  قالماي، يەنە ئىزچىل  تۈردە تىجارەت ۋاستىسىمۇ بولغان. يېقىنقى زامانلاردا مەخسۇس كەسپلەشكەن ناۋايلار، نان سودىگەرلىرى بارلىققا كەلدى. ھازىر مەملىكەت ئىچى سىرتىدا ئۇيغۇر نانلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. 
نانغا ئارىلاشتۇرۇلغان خۇرۇچلار ھەر خىل بولۇپ، بۇ ھال ناننىڭ سۈپىتىنى بەلگىلەيدۇ. ئۇيغۇر  نانلىرىنىڭ كۆپىنچىسى  تونۇرغا يېقىپ پىشۇرۇلىدۇ. تونۇرغا يېقىلغان نان تەمىنىڭ تاتلىقلىقى،  قۇۋۋەتلىكلىكى، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىكلىكى بىلەن ھەرقايسى خەلقلەرنىڭ  ياقتۇرۇپ  ئىستېمال  قىلىشىغا ئېرىشتى.
ئۇيغۇر نانلىرى خاسىيەتلىك يېمەكلىك. ئۇ مەيلى كېسەل، مەيلى ساق بولسۇن، ھەرقانداق كىشىگە ماس كېلىدۇ، زىيان قىلمايدۇ.  ئۇنى ئۆمۈر بويى يسىمۇ زېرىكمەيدۇ. ئۇيغۇر تىبابىتىدە، ناننىڭ ئادەم ئورگانىزىمىغا پايدىلىق تەرەپلىرى ئالاھىدە كۆرسىتىلگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ نان مەدەنىيىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىچكىرلەپ تەتقىق قىلىنىۋاتىدۇ. ناۋايچىلىق كەسپى توغرىسىدا، ئوزۇقشۇناسلار، مەدەنىيەت تەتقىقاتچىلىرى، تارىخشۇناسلار، ئارخېئولوگلار ناننىڭ  ئوزۇقلۇق قىممىتى، مەدەنىيەت قىممىتى، تارىخىي مەنبەسى، يىل دەۋرى ھەققىدە  مەخسۇس تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئىشىنىمىزكى، بۇ خىزمەتلەر ئۇيغۇر تۇرمۇشىدىكى مۇھىم نامايەندە بولغان ناننىڭ خەلقىئارادىكى قىممىتىنى يەنىمۇ ئاشۇرغۇسى.
مەسئۇل مۇھەررىر: شېرىنئاي يۈسۈپ

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى