ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

چاچ مەدەنىيىتىمىزگە نەزەر

2013-01-16 11:44:46     مەنبەسى:خەلق تورى   

بۈيۈك ئالىم مەھمۇد كاشغەرىينىڭ مۇبارەك ئەسىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا قەدىمكى ئۇيغۇر ئېتنولوگىيەلىك مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بىر تارمىقى بولغان چاچ مەدەنىيىتىمىزگە، بولۇپمۇ قەدىمقى ئانىلىرىمىز ۋە قىز–چوكانلىرىمىزنىڭ چاچ قويۇش، چاچ تاراش، چاچ شەكلى چىقىرىش، چاچ ئۆرۈش، چاچ سېلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پەردازلىنىش ئادىتىگە دائىر مۇھىم مەلۇماتلار بېرىلگەن. بۇنىڭدىن خەلقىمىزدە چاچ مەدەنىيىتىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز.
مەلۇمكى، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ياشاۋاتقان خەلقلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىغا ئوخشاشلا، خەلقىمىز ناھايىتى قەدىمدىلا ئۆزىگە خاس چاچ مەدەنىيىتىنى ياراتقان. مەسىلەن، 2002–يىلى لوپنۇردىكى كىچىك بۇرەن قەبرىستانلىقىدىن تېپىلغان 4000 يىللار ئىلگىرىكى دەۋىرلەرگە خاس قەبرىلەردە ياتقان ئانىلارنىڭ قوڭۇر رەڭلىك چاچلىرى ئوتتۇرىدىن ئايرىپ ئۆرۈلگەن ۋە يېلىم چېپىلغان بولسا، چەرچەندىكى3000 يىللىق تارىخقا ئىگە زاغۇنلۇق قەدىمكى قەبرىستانلىقىدىن بايقالغان ئايال جەسەتلەرنىڭ چېچى تۆت تال قىلىپ ئۆرۈلگەن. پىچان ناھىيەسىدىكى سۇبېشى قەدىمىي قەبرىستانلىقى، لوپ ناھىيەسىدىكى سامپۇل قەدىمىي قەبرىستانلىقى ۋە تۇرپاندىكى قارا غوجا، ئاستانە قەبرىستانلىقىدىكى 2000–3000 يىللىق تارىخقا ئىگە جەسەتلەرنىڭ چاچلىرى ھەرخىل ئۆرۈلگەن، تارالغان ۋە يېلىملار چېپىلىپ ئالاھىدە ئاسرالغان. دېمەك، ئەجداد ئانىلىرىمىز قەدىمدىن تارتىپلا چاچ گۈزەللىكىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىللە، ھەرخىل شەكىلدىكى گۈزەل چاچلارنىڭ ئۆزىگە بىرخىل روھىي ئازادىلىك بېغىشلايدىغانلىقىنىمۇ چۈشۈنۈپ يەتكەن.
چاچ ئىنسانىيەتكە ئورتاق بىرخىل مەدەنىيەت ھادىسىسى. ئەقلىي تەپەككۈرگە ئىگە ھەرقانداق ئايال چاچ گۈزەللىكىگە ئىنتىلىدىغان ۋە چاچ گۈزەللىكىنى قوغلىشىدىغان بولغاچقا، چاچ گۈزەللىكىگە ئىنتىلىش قەدىمدىن تارتىپ بۈگۈنگىچە ئۈزۈلۈپ قالمىغان ۋە مەڭگۈ ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ. چاچ مەدەنىيىتى ئاياللارنىڭ چاچ تاراش، چاچ شەكلى چىقىرىش، چاچ ئۆرۈش، چاچ سېلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پەردازلىنىش ئادىتىنىڭ مەھسۇلى. ئۇيغۇر ئاياللىرىمىزنىڭ چاچ شەكىللىرى ئۆز خاسلىقى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. بىزدىكى چاچ تۈرلىرى مۇنداق:
قىرىق تال ئۆرۈمە چاچ. قىزلارنىڭ چېچى ئۇلار توققۇز ياشتىن ئېشىپ نىكاھلانغىچە ئۆسۈشىگە قويۇۋېتىلىپ، چاچ ئارقىغا تارىلىپ، 40تال(بەزىدە 41تال) ئۇششاق ئۆرۈلۈپ، پېشانىسىگە ماڭلاي چۈشۈرۈلىدۇ. بۇ قىزلىق بەلگىسى ھېسابلىنىدۇ. چاچنى 40 تال ئۆرۈش «40سان خاسىيىتى» چۈشەنچىسى ئاساسىدىكى شەكىل بولۇپ، قىزلارنىڭ چېچىنىڭ توم ۋە قويۇق بولۇشىنىلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى تىلەش بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
چوكان چاچ. قىز نىكاھلىنىپ تويىنىڭ ئىككىنچى كۈنى، ئەسلىدىكى 40تال ئۆرۈمە چېچى 15،17،21 تال ئۆرۈلىدۇ. بۇ چوكان چاچ دېيىلىدۇ. چوكان چاچنىڭ ئۈچ خىل ئۆرۈلۈشى تويى بولغان قىزنىڭ يېشىنى ئاساس قىلغان بولىدۇ. يەنى15ياشتىن ھالقىغان،17ياشقا توشمىغانلارنىڭ 15تال،17ياشتىن 20ياشقىچە بولغانلارنىڭ 17تال،20 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ 21تال ئۆرۈلىدۇ.
تۆت ئۆرۈمە چاچ. چوكانلار تۇنجى پەرزەنتىنى تۇققاندىن كېيىن، بالىسىنىڭ «قىرىق سۈيى» ئۆتكۈزۈلىدىغان كۈنى چېچى تۆت تال ئۆرۈلىدۇ. بۇ «چاچ قوشماق تويى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تۆت تال ئۆرۈلگەن چاچ پەرزەنتلىك ئاياللارنىڭ بەلگىسى ھېسابلىنىدۇ.
جۇۋان چاچ. چوكانلارنىڭ توي قىلغىنىغا توققۇز يىل توشقان كۈنى«جۇۋان تويى» ئۆتكۈزۈلۈپ، چېچى ئىككى تال ئۆرۈمە شەكلىگە كەلتۈرۈلىدۇ. بۇ شۇ ئايالنىڭ ۋايىغا يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
چۇپۇر چاچ(ئۆچكە چۇپۇرىدىن قىلىنغان سۈنئىي چاچ). يالغان چاچ سېلىشمۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بىرخىل پەردازلىنىش ئۇسۇلىدۇر. ئاياللار چېچىنىڭ ئۇزۇن ياكى توم بولۇشىنى بىر خىل گۈزەللىك ۋە جەزىبىدارلىقنى ئاشۇرۇش ۋاسىتىسى ھېسابلايدۇ. چېچى شالاڭلار يالغان چاچ سېلىش ئارقىلىق چېچىنى توم ۋە ئۇزۇن قىلىۋالىدۇ . ئەجدادلىرىمىز چاچ گۈزەللىكىنى ئاياللار گۈزەللىكىنىڭ مۇھىم بىر ئۆلچىمى قىلىپ كەلگەچكە ، ئاياللار چېچىنى ئاسراشقا، چاچلىق بولۇشقا، چېچىنى ئۇزۇن ئۆستۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. شۇڭا شالاڭ چاچنى تولۇقلاش ئېھتىياجىدىن چۇپۇر چاچ بارلىققا كەلگەن.
كوكۇلا چاچ. قىز بالا ئۈچ ياشتىن توققۇز ياشقا كىرگىچە سېكىلەك چاچ قويۇلىدۇ. پەقەت قۇلاقنىڭ ئۈستى تەرىپى ئاساس قىلىنىپ، باشنىڭ يۇقىرى قىسمىدىكى چاچ ئۆستۈرۈلۈپ، پېشانە چېچى كۆزىگە چۈشمىگىدەك ئۇزۇنلۇقتا قويۇلۇپ، پېشانىنى يېپىپ تۇرىدۇ. بۇ ئۆسمۈرلۈك چېچى ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل چاچ شەكلى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان بىرقىسىم رايونلاردا تۈرلۈك يېڭى مەدەنىيەت ئامىللىرىنى قوبۇل قىلىش داۋامىدا ئىستېمالدىن قېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئايرىم چەت–ياقا رايونلاردا ۋە قىشلاقلاردا ساقلانماقتا.بىزدىكى چاچ مەدەنىيىتىگە مىللەتنىڭ ئېتىقادى، سان چۈشەنچىسى ۋە غۇرۇرى مۇجەسسەملەنگەن. ئۇ ئەجدادلارنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى ئېستېتىك چۈشەنچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. بۇ ئادەتلەر 20–ئەسىرگىچە داۋاملاشقان. ھازىرمۇ چەت–ياقا يېزىلاردا ساقلانماقتا. شەھەرلەردە 40 تال ئۆرۈمە چاچ بىر تالغا، چوكان چاچ ئىككى تال ئۆرۈمە چاچ شەكلىگە قىسقاردى. ھالبۇكى، «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا ھازىرقى ئانىلىرىمىز ۋە قىز– چوكانلىرىمىز تېخى بىلمەيدىغان نۇرغۇن چاچ شەكلى ۋە چاچ قويۇش ئادىتى خاتىرىلەنگەن. ئۇلار تەتقىق قىلىشىمىزنى ھەم زامانىمىزدىكى قىزلىرىمىزغا ئەنئەنە تەربىيەسى سۈپىتىدە ئۆگىتىشىمىزنى كۈتمەكتە. ئەنئەنە مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ئانىسى بولغاچقا، ئۇنى تەتقىق قىلىش، يورۇتۇش، ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئەجداد ئادىتىنى ئەۋلاد تۇرمۇشىدا جەۋلان قىلدۇرۇش ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى.

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى