ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

خەلقىمىزدە  ئائىلە  مەدەنىيىتى

2013-04-27 18:25:09     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئائىلە  مەدەنىيىتى بىر مىللەت   مەدەنىيىتىنىڭ  مۇھىم  تەركىبىي  قىسمى. بىزنىڭ ئائىلە مەدەنىيىتىمىز ھەم  شۇنداق. ئۇزاق تارىخىي  تەرەققىيات جەريانىدا شەكىللەنگەن، ھازىرغا  قەدەر تۇرمۇشىمىزدا ئۆز قىممىتىنى جارى قىلىپ كېلىۋاتقان بۇ مەدەنىيەت خەلقىمىزنىڭ  خاسلىقىنى، بىر پۈتۈن مەدەنىيەت  سېستىمىسىنى، ئىستېتىك  ئېڭىنى، مىجەز- خاراكتېرىنى،  ئاڭ  قاتلىمىنى تەتقىق  قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. تۆۋەندە بۇ مەدەنىيەتنىڭ قىسمەن تەرەپلىرى ھەققىدە توختىلىپ  ئۆتىمىز.
مېھمانلارنى ھۆرمەتلەش. خەلىقمىز ئەزەلدىن مېھماندوست خەلق. بىزدە ئۆيگە كەلگەن ھەر قانداق كىشىنىڭ مەرتىۋىسى يۇقىرى-تۆۋەن، تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى بار-يوق، يېقىن ياكى يىراقتىن كەلگەن بولسۇن، قىزغىن كۈتۈۋېلىنىدۇ. ئەرلەر قول ئېلىشىپ، ئاياللار  يۈزىنى -يۈزىگە  يېقىپ تىنچ -ئامانلىق سورىشىدۇ. مېھمان  باشلايدىغان ئۆي دائىم پاكىز، رەتلىك جابدۇپ  قويۇلىدۇ. مېھمانلار كۆرپە ئۈستىگە  باشلىنىدۇ. ئۇلار كۆرپىدە ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن دۇئا قىلىشىپ يېڭىباشتىن ئورنىدىن تۇرۇپ تىنچ- ئامانلىق سورىشىدۇ ۋە قايتىدىن ئۆز  ئورنىدا ئەدەپ بىلەن ئولتۇرىدۇ. بۇ ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا شەكىللەنگەن، ھەممە كىشىنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلانغان ئائىلە مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ھېساپلىنىدۇ.
مېھماننى تۆرگە باشلاش.
خەلقىمىز ئادەتتە مېھمان كۈتۈشتە ئۆزلىرىگە خاس بىر يۈرۈش ئەدەپ- قائىدىلەرنى شەكىللەندۈرگەن. مېھماننى ئۆينىڭ تۆرىگە باشلاش مۇھىم قائىدىلىرىمىزنىڭ بىرى. ئۆينىڭ تۆرى خەلقىمىزنىڭ نەزەرىدە ئەدەپ-ئەخلاق، ئىززەت-ھۆرمەت چۈشەنچىلىرى بىلەن باغلانغان بولۇپ، ئۇ مېھماننى ئەزىز بىلگەنلىكنىڭ بەلگىسى. مېھماننى تۆرگە  باشلاشتا مېھمانلار ئارىسىدىن ھۆرمەتكە سازاۋەر ياكى ياشقا چوڭراق كىشى تۆرنىڭ  ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرىدۇ. ناۋادا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يېشى كىچىك بولسىمۇ بىلىملىك بولسا، مېھمانلار تەبىئىي ھالدا ئۇ كىشىنى تۆرگە تەكلىپ قىلىدۇ. باشقا مېھمانلار ياش ئالاھىدىلىكى ۋە بىلىم قۇرۇلمىسى بويىچە ئورۇن ئالىدۇ. ساھىبخانا پەگا تەرەپتە ئولتۇرۇپ، مېھمانلارنىڭ خىزمىتىدە بولىدۇ. ئەر مېھماننى ئەرلەر، ئايال مېھماننى ئاياللار كۈتىدۇ. بۇ قائىدە ھۆرمەتكە سازاۋەت مويسىپىتلارنى، چوڭلارنى، بىلىملىكلەرنى ھۆرمەتلەشتىن شەكىللەنگەن ئائىلە مەدەنىيىتى ھېساپلىنىدۇ .
مېھماننىڭ  قولىغا   سۇ  بېرىش. قول   يۇيۇش  باشقا  مىللەتلەرگە  ئورتاق بولسىمۇ، لېكىن خەلقىمىزنىڭ  مېھماننىڭ  قولىغا   سۇ  بېرىش  ئادىتى  ئۆزگىچە. كەلگەن  مېھمانغا  داستىخان  سېلىشتىن   بۇرۇن  قولىغا سۇ بېرىلىدۇ. مېھمان كۆپ  بولسا، سۇ   بېرىش  ئۆينىڭ  ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرغان  كىشىدىن باشلىنىدۇ.   مېھمان قولىنى  يۇيۇپ  بولغاندىن كېيىن ھەشقاللا ئېيتىپ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ۋە مۇكەممەل قائىدە بولۇپ شەكىللەنگەن ئادەت.
 مېھمانغا تاماق تارتىش. مېھمانغا تاماق تارتىشتىمۇ مۇقىم شەكىللەنگەن قائىدە بار، ئۆينىڭ تۆرىدە  كىم ئولتۇرغان بولسا، تاماق شۇ كىشىدىن باشلاپ قويۇلىدۇ. تاماق سۇنۇپ بەرگۈچى  مېھماننىڭ ئالدىدا  يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ تاماقنى مېھمانغا ئەدەپ بىلەن سۇنىدۇ. مېھمانمۇ تاماقنى ئىككى قوللاپ ئىززەت  بىلەن ئالىدۇ. ئۆي ئىگىسى مېھمانلارنى تاماقنى يېيىشكە دەۋەت قىلىپ، تۆردىكى مېھمان تاماققا قول ئۇزاتقاندىن كېيىن باشقىلار تاماققا قول ئۇزىتىدۇ. ئۆي ئىگىسى مېھمانلار ئۇزاپ بولغۇچە باشتىن -ئاخىر  مېھمانلارنىڭ خىزمىتىدە بولىدۇ.
ياتلىق بولىدىغان قىزغا ئۆي ئىشلىرىنى ئۈگىتىش.
ھەممە ئائىلىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئائىلە ئەخلاق مىزانى، ئائىلە مەدەنىيىتى، تۇرمۇش شەكلى بولىدۇ. شۇڭا   ئانا  بولغۇچى  ياتلىق  قىلىنماقچى  بولغان  قىزىغا  ئوغۇل  تەرەپنىڭ ئائىلىسىگە بارغاندىن كېيىن قېينىئاتا، قېينىئانا بىلەن ياخشى ئۆتۈش، ئۇلارنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىش، ئۇلارنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتمەسلىك، سەھەر تۇرۇپ ھويلا-ئارام، ئۆيلەرنى تازىلاش، ناشتىلىق تەييارلاش، قېينىئاتا، قېينىئانا ئالدىدا سۆز-ھەرىكەتتە ئەدەپلىك بولۇش، ئۇلارنىڭ رۇخسىتىسىز ئۆيدىن نەردە كېرەك يۆتكىمەسلىك قاتارلىقلار توغرىسىدا تەربىيە قىلىپ پىشىرىدۇ، شۇ سەۋەپتىن قىزلار يېڭى ئائىلە تۇرمۇشىغا ئاسانلا كۈنۈپ كېتىدۇ.
 ئۆينىڭ تام-تورۇسلىرىغا نەقىش-گۈل ئويۇش. خەلقىمىزدە ئۆيلىرىنى ئالاھىدە زىننەتلەش ئادەت، تاملارغا مېھراب شەكىللىك تەكچە ئويغاندىن سىرت، ئۆينىڭ لىم-تۈۋرۈكلىرىگە ھەر خىل گۈل نۇسخىسى  چىقىرىلىدۇ. گۈل نۇسخىلىرى تەبىئەت گۈزەللىكىدىن كەلگەن، لىم-تۈۋرۈكلەرگە ئويىلىدىغان گۈل نۇسخىلىرى ئىچىدە ئادەم سۈرەتلىرى چىقىرىشتىن ئېھتىيات قىلىنىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئىدىيىۋى ئىشەنچىسدىن كەلگەن.
ئائىلە ئەزالىرى جەم بولۇپ تاماقلىنىش. ئائىلە ئەزالىرى ھېيت-ئايەم كۈنلىرى جەم بولۇپ   تاماقلىنىشتىن  سىرت، دەم  ئېلىش  كۈنلىرىمۇ چوڭ  ئۆيگە جەم بولۇپ، تاماق يىگەچ  بىر-بىرىنىڭ  ئەھۋالى، تۇرمۇشى  ھەققىدە پىكىرلىشىدۇ. قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا ئورتاق كۈچ  چىقىرىپ ياردەم  قىلىدۇ، كۆڭلىگە تەسەللى بېرىشىدۇ. چوڭ ئۆي ئۇلارنىڭ ئويۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرىدىغان مۇھىم ئورۇن ھېساپلىنىدۇ.يۇقرىقىلار ئائىلە مەدەنىيەتىنىڭ يۈزەكى بىر قىسمى، ئائىلە مەدەنىيىتى كەڭ مەزموننى ئۆز ئىچىگە  ئالىدۇ. ئائىلە مەدەنىيىتىنى سېستىمىلىق تونۇشتۇرۇش، ئىچكىرىلەپ قېزىش، تەتقىق قىلىش باش  تارتىپ بولمايدىغان بۇرچىمىز. ھەر قانداق ئادەم مۇئەييەن ئائىلە مەدەنىيىتى مۇھىتىدا ياشايدۇ ۋە شۇ ئائىلىنىڭ قائىدە-ئەخلاق مىزانىغا رىئايە قىلىدۇ. ئائىلە مەدەنىيىتى ئائىلە ئەخلاقى، جەمئىيەت  مەدەنىيىتى، جەمئىيەت ئەخلاقىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇلار بىر-بىرنى تولۇقلايدۇ. بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى