ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئىمپورت يېمەكلىكلەرنىڭ  ھەممىسى  ئىشەنچىلىكمۇ

2013-05-02 17:20:23     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
شىنجاڭ پىرىيوم -كارانتىن ئىدارىسى تەمىنلىگەن ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، 2012- يىلى 2347 تۈركۈمدە  58  مىڭ توننا يېمەكلىك ئىمپورت قىلىنغان بولۇپ، قىممىتى 74 مىليون  900 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن، بۇ 2011-يىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا  %126.98، % 56.27، % 148.44 كۆپ. بۇ ئىدارە بۇلتۇر 433 تۈركۈم  ئىمپورت ئىمپورت يېمەكلىكنى تەكشۈرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە  56  تۈركۈم ئىمپورت يېمەكلىك لاياقەتسىز چىققان، لاياقەتسىز بولۇش نىسبىتى %12.9 بولغان.
بىر مەزگىل چەت ئەلگە چوقۇندۇق، كەينىدىن چەت ئەلنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا چوقۇندۇق،  نۇرغۇنلىرىمىز تا بۈگۈنگىچە چەت ئەل مەھسۇلاتلىرىنى، جۈملىدىن يېمەكلىكلىرىنى ئالىي دەرىجىلىك، ئەلا سۈپەتلىك، ئىشەنچىلىك دەپ قاراپ كېلىۋاتىمىز، بولۇپمۇ  يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان بەزى  يېمەكلىكلەرنىڭ سۈپىتىدە مەسىلە كۆرۈلگەچكە ، بۇ  خىل  چوقۇنۇش ئەۋجىگە چىقىپ، ئۈرۈمچىدەك چوڭ شەھەرلەردە ئىمپورت يېمەكلىكلەر دۇكانلىرى بارغانسېرى  كۆپەيدى، ھەتتا چوڭ تاللا بازارىرىدىمۇ ئىمپورت يېمەكلىكلەرگە مەخسۇس ئورۇن ئاجرىتىلىدىغان بولدى.
يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان  ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى چوڭ- چوڭ تاللا بازارىرىدا ئىمپورت  يېمەكلىكلەر  خېلى  زور  سالماقنى ئىگىلەشكە، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىمپورت يېمەكلىكلەرنى  ئاساس   قىلغان  چوڭ- كىچىك  دۇكانلار كەينى -كەينىدىن ئېچىلىشقا  باشلىدى.
يېقىندا مۇخبىر  « غالىىبىيەت» يولى، « ئىتتىپاق» يولى، جەنۇبىي «شىنخۇا» يولىدىكى  يېقىنقى بىر يىل ئىچىدە كەينى- كەينىدىن ئېچىلغان ئون نەچچە ئىمپورت يېمەكلىكلەر دۇكىنىنى بىرمۇ بىر كۆرۈپ چىقتى. بۇ دۇكانلاردا ئەتىر، چاچ سوپۇنى، بەدەن سوپۇنى، چىش پاستىسى، ھەر خىل تازىلىق  بويۇملىرى قاتارلىق ئىمپورت بويۇملار قىسمەن سالماقنى  ئىگىلىگەندىن سىرت، ئىمپورت  يېمەكلىكلەر ئاساسىي  سالماقنى ئىگىلىگەن ئىدى. ئىمپورت يېمەكلىكلەرنىڭ تۈرىمۇ كۆپ بولۇپ، ھەسەل، پېرەنىك، بوۋاقلار سۈت تالقىنى، زەيتۇن  يېغى، مېۋە  ئىچىملىكلەر، چاي، قەھۋە، قايماق، سارماي، ناۋات، زەپە، شاكىلات، كەمپۈت، پىستە، بادام، خورما ھەمدە ھەر خىل تەييار چۆپلەردىن تارتىپ  ساغلاملىق  مەھسۇلاتلىرى، يېمەكلىك تېتىتقۇلىرىغۇچە بار ئىدى. بۇ مەھسۇلاتلار، ئاساسلىقى، تۈركىيە،  سەئۇدى  ئەرەبىستان، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، مالايشىيا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئىمپورت  قىلىنغاندى سىرت، يەنە ئەنگىلىيە، گېرمانىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە، ئىسپانىيە، شىۋېيتسارىيە، ئامېرىكا، ئاۋستىرالىيە، يېڭى زىللاندىيە، ياپونىيە، كورېيە، سىرىلانكا، ھىندىنوزىيە، ھىندىستان، پاكىستان، ئىران، ئافغانىستان، سىنگاپۇر،  تايلاند قاتارلىق 30 نەچچە  دۆلەتتتىن كىرگۈزۈلگەنىدى.
ئېچىلغىنىغا ئەمدىلا يېرىم يىل بولغان «ھەرەمباغ» ئاستانىسىنىڭ بىرىنچى قەۋىتىگە ئېچىلغان،  كۆلىمى 500 كىۋادىرات مېتىرلىق «بەگ» ئىمپورت تاللا بازىرىنىڭ باش دىرېكتورى مەمەتجان  ئابدۇرۇھېم مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىزدىكى بىر قىسىم يېمەكلىكلەردە ئارقا-ئارقىدىن سۈپەت  مەسىلىسىنىڭ كۆرۈلۈشى، كىشىلەردە ئىمپورت يېمەكلىكلەرگە بولغان ئىنتىلىشىنى كەلتۈرۈپ  چىقاردى، بۇ ئۆز  نۆۋىتىدە يەنە ئىمپورت يېمەكلىكلەر تاللا بازارىرىنىڭ بەس- بەستە  ئېچىلىشىغا  تۈرتكە  بولدى.
    بىر يىلغىمۇ يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئۈرۈمچى «ئىتتىپاق» يولىدىكى 200 مېتىرغىمۇ  يەتمەيدىغان ئارىلىقتا «ئىخۋان»،«ئىشتىھا»، «ھايات»،«شىپانۇر» قاتارىق ئىمپورت يېمەكلىكلەر دۇكىنىدىن ئالتىسى ئېچىلغانئىدى.« غالىبىيەت» يولىدىمۇ «مەھمۇت چايلىرى»،«مۇھسىن»،«ئېدىل»، «ئوسمانىيە» قاتارلىق ئىمپورت يېمەكلىكلەر دۇكىنىدىن باشقا، جەنۇبىي «شىنخۇا» يولىدىكى «دوستلۇق» سودا سارىيى تاللا بازىرىدىمۇ ئىمپورت يېمەكلىكلەرگە  مەخسۇس ئورۇن  ئاجرىتىلغانئىدى.
مۇخبىر ئىمپورت يېمەكلىكلەر دۇكانلىرىنى ئارىلاش جەريانىدا، بەزى مەھسۇلاتلارغا خەنزۇچە  ئۆلچەملىك چۈشەندۈرۈش چاپلانغانلىقىنى، بەزى مەھسۇلاتلارغا ھېچقانداق خەنزۇچە ئۆلچەملىك  چۈشەندۈرۈش چاپلانمىغانلىقىنى، يەنە بىر قىسىم مەھسۇلاتلارغا ئۆزلىرى تەييارلىغان چۈشەنۈرۈش  قوللانمىسى يانداشتۇرۇلغانلىقىنى كۆردى. ھەمدە ئىمپورت يېمەكلىكلەرنىڭ قانداق يوللار بىلەن دۇكانغا  كىرگۈزۈلگەنلىكىگە قىزىقىپ، دۇكان خوجايىنلىرى بىلەن بۇ ھەقتە پاراڭلاشتى.
مەمەتجان ئابدۇرۇھېم چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: تاللا بازىرىمىزدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ  %90 ىدىن  كۆپرەكىگە خەنزۇچە ئۆلچەملىك چۈشەندۈرۈش چاپلانغان، ئۆزىمىز چەت ئەلگە چىققاندا ئالغاچ كەلگەن بىر قىسىم مەھسۇلاتلارنىڭ بازىرىنى كۆرۈپ باقماقچى بولۇپ بازارغا سېلىپ باقتۇق. شۇڭا بۇ مەھسۇلاتلارغا خەنزۇچە  ئۆلچەملىك چۈشەندۈرۈش  چاپلىمىغان بولساقمۇ، چۈشەندۈرۈش قوللانمىسى تەييارلاپ قويدۇق.
«ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىنى قانداق يوللار بىلەن كىرگۈزىلەر؟»دېگەن سۇئالغا،«ئېدىل» ئىمپورت يېمەكلىكلەر دۇكىنىنىوڭ ئايال خوجايىنى مۇنداق دەپ جاۋاپ بەردى: بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ بىر  قىسمىنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىمپورت مەھسۇلاتلار ۋاكالەتچىلىرىدىن، كۆپ قىسمىنى ئىچكى ئۆلكىلەردىكى ئىمپورت مەھسۇلاتلار ۋاكالەتچىلىرىدىن كىرگۈزۈمىز»
    مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ پىرىيوم كارانتىن ئىدارىسى يېمەكلىك تەكشۈرۈش-نازارەت قىلىش باشقارمىسىدىن  ئىگىلىشىچە، بۇ ئىدارە بۇلتۇر  433 تۈركۈم ئىمپورت يېمەكلىكىنى تەكشۈرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە  56 تۈركۈم ئىمپورت يېمەكلىك  لاياقەتسىز چىققان، لاياقەتسىز بولۇش نىسبىتى %12. 9 بولغان.مىكرو ئورگانىزىملار، گۈڭگۈرت تۆت ئوكسىدى، ئېغىر مېتاللار، نىترىدلار، يېمەكلىك  خۇرۇچلىرى، سۇ،  ئورۇ  قاتارلىقلاردا لاياقەتسىزلىك كۆرۈلگەن، خەنزۇچە ئۆلچەملىك چۈشەندۈرۈش چاپلاشتا بەزى يېتەرسىزلىكلەر  ساقلانغان. ئالاقىدار تارماقلار بىخەتەرلىك ۋە تازىلىق جەھەتتە لاياقەتسىز چىققان يېمەكلىكلەرنى  قايتۇرۇۋەتكەن ياكى كۆيدۈرۈۋەتكەن.
شىنجاڭ پىرىيوم- كارانتىن ئىدارىسى يېمەكلىك تەكشۈرۈش -نازارەت قىلىش باشقارمىسىدىكى  ماھىرەنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئومۇمەن دۆلىتىمىزنىڭ پىرىيوم- كارانتىن تارماقلىرىنىڭ  تەكشۈرۈشىدە   لاياقەتلىك  بولغان يېمەكلىكلەر ئورۇسىغا ئۆلچەملىك  خەنزۇچە  چۈشەندۈرۈش  چاپلىنىدىكەن،  ئۇنىڭدا  يېمەكلىكنىڭ نامى، تەركىبى، ساپ ئېغىرلىقى ۋە  مىقدارى، سۈپەت كاپالەت مۇددىتى، ئىشلەپچىقىرىلغان دۆلەت ياكى رايون، ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقىت، ساقلاش  شارائىتى ھەمدە دۆلىتىمىزدىكى ۋاكالەتچىلەرنىڭ نامى، ئادېرىسى، ئالاقىلىشىش تېلېفونى قاتارلىقلار چوقۇم ئەسكەرتىلىشى كېرەك  ئىكەن.
 ئىگىلىنىشچە، بۇلتۇر پىرىيوم- كارانتىن ئىدارىسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى پورتلاردا تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرگەن قانۇنسىز چېگرادىن كىرگەن يېمەكلىكلەر جەمئىي  32 توننىغا يەتكەن. بۇ  يېمەكلىكلەر، ئاساسلىقى، ئىسپرتلىق ئىچىملىك، پىرەنىك، تورت، شاكىلات، ئىچىملىك، قەنت- گزەكلەرگە، شۇنداقلا، دۆلىتىمىز كىرگۈزۈشنى  چەكلىگەن سۈتلۈك يېمەكلىكلەر، پىششىق  گۆش، مېۋە- چىۋە قاتارلىقلارغا چېتىلىدىكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق سودا- سانائەت  مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىدىكى بىر مۇناسىۋەتلىك خادىمنىڭ ئېيتىشىچە، يېقىندىن بۇيان بۇ ئىدارە  شىنجاڭ  پىرىيوم  كارانتىن  ئىدارىسى  بىلەن  بولغان  ھەمكارلىقنى كۈچەيتكەن، بۇنىڭدىن  كېيىن پىرىيوم-  كارانتىن  تارماقلىرى  پورتلاردىكى تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇىدىكەن، سودا- سانائەت مەمۇىرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى  ئوبورت ھالقىلىرىدىكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىدىكەن، قانۇنسىز  چېگرادىن كىرگۈزۈلگەن يېمەكلىكلەرنىڭ ئوبورت  قىلىنىشىنى  چەكلەيدىكەن. بۇ  يىل 1- مارت  بىر قىسىم ئىمپورت يېمەكلىكلىرى سودىگەرلىرى  بىلەن شىنجاڭ پىرىيوم - كارانتىن ئىدارىسى ئىمپورت يېمەكلىكلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيەتنامىسى  ئىمزالىغاندىن كېيىن، سودا- سانائەت  مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ئوبورت  ھالقىلىرىنى نازارەت  قىلىپ باشقۇرۇشى ئاسانلاشقان.
مۇخبىر ئىمپورت  يېمەكلىك  دۇكانلىرىدىكى مەھسۇلاتلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش، مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىكى خادىملارنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، ئىمپورت يېمەكلىكلەردىمۇ قىسمەن مەسىلىلەرنىڭ ساقلىنىۋاتقانلىقىنى، بەزى مەسىلىلەرنىڭ خېلىلا ئېغىر ئىكەنلىكىنى، ئىمپورت يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسىنى قارىقۇيۇقلا ئىشەنچىلىك، بىخەتەر دەپ قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. شۇڭا ئىستېمالچىلار ئىمپرورت يېمەكلىكلەرنى بىر قەدەر مۇنتىزىم تاللا  بازىرى ۋە دۇكانلاردىن سېتىۋېلىشقا سەل قارىماسلىقى  كېرەك.
كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى