ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

پەرزەنتلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئاتا مېھرىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ

2014-09-12 11:38:32     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
دۇنيادا پەرزەنتىنى ياخشى كۆرمەيدىغان ئاتا-ئانا بولمايدۇ. ئاتا مېھرى بالىنىڭ ھايات مۇساپىسىدە ئانا مېھرىگە قارىغاندا تېخىمۇ يۇقىرى، تېخىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. چۈنكى ھەر بىر بالا ئۆز ئاتىسىدىن قەيسەرلىكنى، باتۇرلۇقنى، مەرتلىكنى ئۆگىنىدۇ. ئەگەر بالا ئاتا مېھرىگە تولۇق ئېرىشەلمىسە، ئانا مېھرىنى ھەر قانچە بەرگەن بىلەنمۇ، ئاتا مېھرىنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ-دە، بالىنىڭ روھىي چۈشكۈن بولۇپ قالىدۇ.

ئاتا قۇياشقا ئوخشايدۇ، ئەگەر بالىنىڭ تۇرمۇشىدا ئاشۇ قۇياش كەم بولۇپ قالسا، بالىنىڭ سىرتقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسى ھەم ئىجتىمائىي ئالاقە دائىرىسى تار بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ جەھەتتە ئاتىنىڭ رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئاتىلار پەرزەنت تەربىيەسىدە تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا كۆپرەك ئېتىبار بېرىشى لازىم.

يەنى ئاتا بالىغا نىسبەتەن قاتتىق قول بولۇشى لېكىن زوراۋان بولماسلىقى كېرەك. بالا خۇشاللىقىدىن خۇدىنى يوقىتىپ قويغاندا، چاتاق تېرىپ قويۇشى مۇمكىن، بۇ ۋاقىتتا ئاتا بولغۇچى چوقۇم بالىنىڭ كەيپىياتىنى تېزگىنلىۋېلىشى كېرەك. چاتاق تېرىپ قويۇشمۇ بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولۇپ، بالا چاتاق تېرىپ قويغاندا، ئاتا بولغۇچى ئازراق ھەيۋىسىنى كۆرسىتىپ قويسا بولىدۇ. ئەمما قول تەككۈزۈپ قويۇشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

بىر ئاتىنىڭ ئوغلى مەۋسۈملۈك ئەدەبىيات ئىمتىھاندا 90 نومۇر ئاپتۇ، سەۋەبى بىخەستىلىك قىلىپ بىر سۇئالنى خاتا يازغان ئىكەن. ئۇ بۇنى ئاتىسىغا دېگەندە، ئاتا ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمەپتۇ، ھەمدە بىر نەچچە مىنۇت سۈكۈتتە تۇرۇۋاپتۇ. بالا سۈكۈت ئىچىدىكى مەنىنى ھېس قىلىپ، گەپمۇ قىلماي تاماق يېيىشكە باشلاپتۇ. بەلكىم ئاتا بولغۇچى شۇ چاغدىلا قاقشاپ كەتكەن بولسا، بالىغا تەسىر كۆرسىتەلىشى ناتايىن ئىدى. ئەمما ئاتا ئۇنداق قىلماي تامىقىنى يەۋەرگەن. بۇنداق ۋاقىتتا سۈكۈتنىڭ رولىغا سەل قارىماسلىق كېرەك. نەتىجىدە بالا تامىقىنى يەپ بولۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاچا-قۇچىلارنى يۇيغان، ئېغىزىنى چايقىغان. ئاندىن ئاستا ھۇجرىسىغا كىرىپ ئۈنلۈك ھالدا تېكىست ئوقۇغان. ئاتا مەقسىتىگە يەتكەن، ھەمدە بالىسىدىن مىننەتتار بولغان ۋە تېكىستنى ياخشى ئوقۇدۇڭ دەپ ئۇنى ماختاپمۇ قويغان. ئاتا پۈتكۈل جەرياندا بىر ئېغىزمۇ نەسىھەت قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن بالا يەنىلا ساۋاقنى قۇبۇل قىلىپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن خاتالىقىنى تۈزەتكەن. كېيىن بىخەستەلىك قىلمايدىغان، ھەممە ئىشقا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغان بولغان.

ئەگەر ئاتا بۇنىڭ ئەكسىچە بالىنى ئۇرۇپ-تىللاپ ياكى ئۆرە تۇرغۇزۇپ قويۇپ، خاتالىقى ئۈستىدە ئويلىنىشقا دەۋەت قىلغان بولسا، بالا تاماقمۇ يېمەي، گەپمۇ قىلماي جىمغۇرلىشىپ كەتكەن بولاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بالا مەيلى قانداقلا خاتالىق ئۆتكۈزسۇن، ھەرگىز ئۇنىڭ نورمال تۇرمۇش ئادەتلىرىنى بۇزۇۋەتمەسلىك كېرەك. جورىسىنى ھاقارەتلەپ، ئاچچىقىنى ئۇنىڭدىن چىقىرىپ، «ھەممىسى سېنىڭ ئۇنى يامان ئۆگىتىپ قويغانلىقىڭنىڭ كاساپىتى» ياكى «سەن بالىنى زادى قانداق تەربىيلىدىڭ» دېگەندەك گەپلەرنى قىلغاندا، بالىنىڭ خاتالىقى تولىمۇ ئېغىردەك، ئىمتىھاندا تۆۋەن نومۇر ئېلىپ قېلىشى ئائىلە ماجرالىرىنىڭ ھەتتا ئائىلىنىڭ ۋەيران بولۇشىغا سەۋەپچى بولۇپ قالىدىغاندەك ھېس قىلىدۇ ھەم ئۆزىنى كەمسىتىدىغان بولۇپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىمتىھاندا ھودۇقۇش، ئوقۇشتىن زېرىكىش، ھەسرەتلىنىش قاتارلىق پىسخىكىلىق مەسىلىلەر كېلىپ چىقىدۇ.

ئاتا بولغۇچى ئامال بار ئاز گەپ قىلىش كېرەك. ئانىنىڭ كوتۇلدىشىغا قارىغاندا، ئاتىنىڭ بىر ئېغىز سۆزىنىڭ تەسىرى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ. ئانا كوتۇلدىغان ۋاقىتتا ئاچچىقلىنىشتىن ئىچ ئاغرىتىشقا ئۆتەلەيدۇ ھەمدە ئاۋازىمۇ بارغانسېرى پەسلەيدۇ، بىراق ئاتا سۆزلىگەنسېرى ئاچچىقلىنىپ، ئاۋازى يۇقىرىلاپ كېتىدۇ ھەتتا بالىنى ئۇرۇۋېتىشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا ئاتا بولغۇچى ئەڭ ياخشىسى مۇلايىم پوزىتسىيەدە بالا بىلەن پاراڭلىشىشى، سۆھبەتلىشىشى كېرەك. كونىلاردا «يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس، ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر» دەيدىغان گەپ بار. بالا خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغاندا ئاتا بولغۇچى ئاچچىقنى بېسىۋېلىپ، بالىدىن نېمە ئۈچۈن بۇنداق سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ قالغانلىقىنى ئېنىق سوراش لازىم. ئەگەر ئاتا ھېچ گەپتىن ھېچ گەپ يوق بالىغا ۋارقىراپ-چاقىرىغاندا بالا ھودۇقۇپ كېتىپ دېمەكچى بولغان گېپىنىمۇ دېيەلمەي قالىدۇ. بالىنىڭ ئۆز خاتالىقىنى تونۇشى ئۈچۈن، ئاتا بولغۇچى بالىنىڭ گەپ-سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىشى، ئاندىن ئۆزىنىڭ بالىلىق چاغلىرىدا مۇشۇنداق مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەندە قانداق ھەل قىلغانلىقىدەك تەجرىبىلىرىنى سۆزلەپ بېرىشى كېرەك.

ئاتا بالىسىغا نىسپەتەن ئەيىپلەشنى ئەمەس، يېتەكلەشنى ئاساس قىلىشى كېرەك. بالىنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىگۈسى كەلمىگەندە، ئويۇن ئويناتقۇزۇش ئارقىلىق ئۇنى ئۆگىنىشكە قىزىقتۇرۇشى لازىم. مەسىلەن: قوشۇش-ئېلىش ئەمەللىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ قويغاندا، بالا بىلەن ئويۇنچۇق سېتىۋېلىش ئويۇنى ئويناش ئارقىلىق بالىنى پۇل تۆلەش ۋە پۇل قايتۇرۇشقا قىزىقتۇرۇپ، قوشۇش-ئېلىش ئەمەللىرىنى ئۆگىتىش لازىم. بۇ ئۇسۇل بالىنىڭ قىزغىنلىقىنى قوزغاپلا قالماستىن، يەنە كېيىنكى سودا-سېتىق ئىشلىرىدىمۇ ئەسقاتىدۇ. ئەگەر ئاتا :«سەن نېمانچە دۆت، مۇشۇنداق ئاددىي سۇئالنىمۇ خاتا ئىشلىدىڭمۇ؟»، «كاللاڭ ئىشلەمدۇ، ئىشلىمەمدۇ؟»، «مۇشۇنداق ئاددىي ساۋاتنىمۇ بىلمىسەڭ، كەلگۈسىدە چوڭ ئىشلارنى قىلىشىڭدىن ئۈمىد يوقكەن سېنىڭ» دېگەن گەپلەرنى قىلغاندا، بالا ئۆزىنى ھاقارەتكە ئۇچرىغاندەك، كەمسىتىلگەندەك ھېس قىلىدۇ-دە، بالىدا ئۆزىنى تۆۋەن كۆرىدىغان خارەكتىر شەكىللىنىپ قالىدۇ.

بالىنى ئۇرۇپ تىللاشتىن ساقلىنىش لازىم. نۇرغۇن ئاتىلار بالا خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويسا، ئۇلارنى قاتتىق تەنقىدلەش، ئۇلارنىڭ خاتالىقىنى ۋاقتىدا تۈزۈتۈپ، ياخشى ئادەم بولۇشىغا پايدىلىق دەپ قارايدۇ. بالىلارغا تەن جازاسى بېرىش ئاتىلارنىڭ كۆيۈنگەنلىكىدىن بولغان بىلەن تەننىڭ خورلۇققا ئۇچرىشىنى پەيدا قىلىدۇ-دە، بالىنى ۋەھىمىگە سالىدۇ، غەزەپلەندۈرىدۇ، ھەمدە ئىچكى دۇنياسىنىڭ زەئىپلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

پات-پات ۋاقىت ئاجرىتىپ بالىغا ھەمراھ بولۇش كېرەك. بالىنى بوۋا-مومىلىرىنىڭ بېقىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىش خاتا ئۇسۇل بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ خىل مۇھىتتا چوڭ بولغان بالا بوۋا-مومىلىرىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئەتىۋارلىشىغا كۆنۈپ قېلىپ، ئىرادىسى ئاجىز ياكى جايىل بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا كۆپرەك ۋاقىت ئاجرىتىپ بالىلىرىغا ھەمراھ بولسا، بالىلىرىغا ئۆزىنىڭ مېھرى-مۇھەببىتىنى تېخىمۇ ھېس قىلدۇرىدۇ، ھەمدە بالا ئاتىدىن قانداق ئادەم بولۇشنى ئۆگىنىدۇ. ئاتا مېھرى ھارارەتلىك قۇياش نۇرىدەك، بالىغا ئىللىقلىق بېغىشلايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا بولغۇچى بالىغا ھەر ۋاقىت كۆيۈنۈشنى، ئۆز مېھرى-مۇھەببىتىنى ئىپادىلەپ تۇرۇشنى ئۇنۇتماسلىق لازىم.

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى