ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۇيغۇرلارنىڭ گۈل مەدەنىيىتى

2012-02-06 19:13:32     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قايسى يېرىگىلا بارساق، ئومۇمەن ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ ھويلىسىدا، ئائىلىسىدە گۈل ئۆستۈرىدىغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۆستۈرىدىغان گۈللەرنىڭ ئىچىدە قىزىلگۈل ۋە ھەر خىل رەڭدە ئېچىلىدىغان ئەتتىرگۈللەر كۆپرەك ئۇچرايدۇ. ئۇيغۇر قىز- چوكانلىرى چېكىسىگە ياكى مەيدىسىگە گۈل تاقاشنى ياخشى كۆرىدۇ، گۈل ئۇلارغا زىننەت  بېغىشلايدۇ، گۈزەللىك ئاتا قىلىدۇ. بالىلار ۋە يىگىتلەر مەيدىسىگە گۈل تاقىۋېلىپ كۆڭۈل شادلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. شەھەر- بازارلاردا تىجارەتچىلەر  دۇكىنىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە تەشتەكلىك گۈللەرنى قويۇپ قويىدۇ. ئوقەتچىلەر  ھارۋا، غالتەكلىرىنىڭ ئۈستىگە گۈللەرنى قاداپ خېرىدارلارنى جەلپ قىلىدۇ.

بىز ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ كۈزەتسەك، بالىلارنىڭ ئۇستازىنى ھۆرمەتلەپ گۈل تەقدىم قىلىۋاتقانلىقىنى، كېسەل يوقلىغاندا گۈل كۆتۈرۈپ كىرىدىغانلىقىنى، يىگىت- قىزلارنىڭ بىر- بىرىگە گۈل تەقدىم قىلىپ سۆيگۈ- مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلىشىۋاتقانلىقىنى، توي- تۆكۈن، ھېيت- بايرام، مەشرەپ، تەنتەنىلىك يىغىلىش سورۇنلىرىدا ئەزىز مېھمانلارغا گۈل تەقدىم قىلىنىۋاتقانلىقىنى، تويى بولغان قىز- يىگىتلەرنىڭ باشلىرىدىن گۈل چېچىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئادەم ئىسىملىرىنىڭ بېشىغا ياكى ئاخىرىغا گۈلنى قوشۇپ ئاتايدىغانلىقىدىنمۇ گۈلنى نەقەدەر ئەتىۋارلايدىغانلىقىنى، ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. قومۇل، تۇرپاندىن ئۈرۈمچى، غۇلجىغىچە، كورلىدىن قەشقەر، خوتەنگىچە قايسىبىر يۇرتقا بارساق، ئوخشاشلا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئىسمىغا "گۈل" قوشۇلۇپ كېلىدىغانلىقىنى ئۇچرىتىمىز. مەسىلەن، گۈلخان، گۈلقىز، گۇلباھار، گۈلنىگار، گۈلسۈم، گۈلنىسا قاتارلىقلار.

ئۇيغۇرلارنىڭ گۈلنى سۆيۈش ئەنئەنىسىنى ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ كەشتىچىلىك قول سەنئىتىدىمۇ روشەن كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇيغۇر ئاياللىرى بۆك، دوپپىلارغا، قول ياغلىق ۋە  باش ياغلىقنىڭ چۆرىلىرىگە ھەر خىل گۈل نۇسخىلىرىنى چىۋەرلىك بىلەن كەشتىلەيدۇ. ئاياللار كۆڭلەك، كوپتا، يوپكىلارنىڭ يەڭ، ياقا، ئېتەك، پەشلىرىگە ھەر خىل نەقىش، گۈللەرنى كەشتىلەپ ئۇلارنى تېخىمۇ چىرايلىق رەڭدار قىلىۋېتىدۇ. بۇرۇنلاردا قىزلار يىگىتلەرگە چىرايلىق گۈل كەشتىلەنگەن تاماكا خالتىسى، پوتا، قول ياغلىق تىكىپ بېرىپ ئۆز كۆڭلىنى ئىزھار قىلاتتى. ئاياللار ھازىرمۇ ياستۇق قېپى، ياغلىق، لۆڭگە، يوتقان قاپلىرىغا گۈل نۇسخىلىرىنى كەشتىلەيدۇ. شەھەر- يېزىلاردا بوۋاقلارنىڭ ئىشتان پايپاقلىرىغا گۈل كەشتىلەنگىنىنى كۆپرەك ئۇچراتقىلى بولىدۇ. مىڭ يىللاردىن بۇيان، گىلەملەر، كىگىزلەرگە ھەر خىل گۈل نۇسخىلىرى چۈشۈرىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان. ماھىر ئۇيغۇر قول ھۈنەرۋەن، بىناكارلىرى ئۆي ئىمارەت تاملىرى، بىنا پېشايۋانلارنىڭ تۈۋرۈكلىرى، تورۇس، ئىشىكلەرگە ھەمدە ئىشكاپ، ساندۇق قاتارلىق ئۆي جاھازىلىرىغىمۇ كۆركەم گۈل نۇسخىلىرىنى چۈشۈرىدۇ. تۇرپاندىكى 1777- يىلى ياسالغان ئىمىن ۋاڭ مۇنارى خىشلارنى گېئومېتىرىك شەكىلدە كىرىشتۈرۈپ تىزىش ئارقىلىق ئون ئالتە خىل گۈل نەقىش چىقىرىلىپ سېلىنغان. بۇ مۇنار ھازىرمۇ مەملىكەت ئىچى ۋە چەتئەلدىن كەلگەن ساياھەتچىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلماقتا.

ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك- ئىچمەكلىرىگە نەزەر سالساق، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق يېمەكلىكى بولغان نان، توقاچلارنىڭ چىرايلىق گۈل چىقىرىلىپ پىشۇرۇلغانلىقىنى كۆرىمىز. ئۇلار پىشۇرغان پىچىنە- پىرەنىكلەرمۇ شۇنداق. ئۇيغۇرلارنىڭ نان، توقاچ، پېچىنە- پىرەنىكلىرىگە گۈل چىقىرىپ پىشۇرۇشى ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە.

قىسقىسى، ئۇيغۇرلار قەدىمكى زامانلاردىن تارتىپلا گۈلنى ياخشى كۆرۈپ كەلگەن. ھازىرمۇ شۇنداق. ئۇلار تۇرمۇشىدا گۈلدىن ئايرىلالمايدۇ. گۈل ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كەتكەن. شۇڭلاشقا، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ بەدىئىي ئىنكاسى بولغان ئۇيغۇر ناخشا، قوشاقلىرى، داستان، رىۋايەت، چۆچەكلىرىدە گۈل ياخشىلىقنىڭ، گۈزەللىكنىڭ، ۋىسال شادلىقنىڭ، بەخت- سائادەتنىڭ، چىن سۆيگۈنىڭ سىمىۋولى بولۇپ كۈيلەنگەن.

دەرەخنىڭ يىلتىزى، سۇنىڭ مەنبەسى بولغىنىدەك، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېستېتىكىلىق قارىشىدا گۈل ھۆرمەت- ئېھتىرامنىڭ، خوشاللىق ۋە  بەخت- سائادەتنىڭ، گۈزەللىك ۋە  پاكلىقنىڭ، ساداقەت ۋە ۋاپادارلىقنىڭ، ئەركىن مۇھەببەتنىڭ بەلگىسى دەپ قارىلىپ كەلگەن. بۇ خىل قاراش تاسادىبىي ياكى يېقىنقى مەزگىللەردىلا  شەكىللەنگەن بولماستىن، بەلكى نەچچە مىڭ يىللىق ئۇزاق تارىخىي دەۋرلەر جەريانىدا پەيدىنپەي شەكىللىنىپ، ئۇيغۇر مەنىۋىيىتىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالغان.

تارىختا ئۇيغۇرلار ئوۋچلىق، كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ ياشاپ ئاۋۇغان. ئۇلار تىرىكچىلىك قىلغان تەڭرىتاغ، ئالتاي ئېتەكلىرى، ئۇرخۇن، سېلىنگا دەريا بويلىرى، جۈملىدىن تارىم، ئىلى دەريا بويلىرى، تۇرپان ئويمانلىقى ئەتىيازدىن باشلاپ كۆزگىچە بولۇق، ئېگىز ئۆسكەن ئوت- چۆپلەر، رەڭگارەڭ گۈل- چېچەكلەرگە پۈركىنىپ سۈرەتتەك گۈزەل تۈسكە كىرىپ، ئادەمدە ئاجايىپ شېرىن، نازۇك ھېس تۇيغۇلارنى قوزغىماي قالمايدۇ.

ئۇيغۇرلار ئوۋچىلىق، كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان ئۇزاق ئەسىرلەر داۋامىدا ھاياتلىقنىڭ يارقىن سىماسى بولغان يېشىل ئوت- چۆپلەر، گۈل چېچەكلەر ئۈستىدە تۇغۇلغان، ئۇلارنىڭ دۇنياغا كۆز ئېچىپ تۇنجى كۆرگىنى گۈل- چېچەكلەر بولغان. ئۇلار گۈل- چېچەكلەر ئىچىدە ياشاپ ئۆسۈپ يېتىلگەن. بۇنداق تەبىئىي شارائىت ۋە  ياشاش مۇھىتى ئۇلارنىڭ پېسخىك ئېڭىدا مۇقەرەر ھالدا يېشىللىقنى، ئوت- چۆپلەر، بولۇپمۇ گۈلنى ياخشى كۆرۈشنى پەيدا قىلغان. بۇنداق پىسخىك ئاڭ ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملاشقان ۋە تۇراقلىشىپ پۈتكۈل مىللەتنىڭ گۈزەللىكنى سۆيۈش ئەنئەنىۋى ئادىتى بولۇپ شەكىللەنگەن.

ئۇيغۇرلار كېيىنچە پەيدىنپەي مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ، دېھقانچىلىق ۋە سودا بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان تارىخىي دەۋردىمۇ گۈل- گىياھلارنى ياخشى كۆرۈش ئادىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ تېخىمۇ بېيىتقان. گۈلنى ئۇيغۇرلار ئۆز تۇرۇمۇشىدا كۆڭلىنى ئىزھار قىلىدىغان مۇھىم ۋاستە قىلغان. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پاك سۆيگۈ مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلىشتىلا گۈلنى ۋاستە قىلماي، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ دەرت- ئەلەم، قايغۇ- ھەسرەت، مۇسىبەت تەزىيىسىنىمۇ گۈل ئارقىلىق ئىپادىلىگەن. مەسىلەن، "تاھىر- زۆھرە" داستانىدا تاھىر قارا باتۇر تەرىپىدىن يارىدار قىلىنىپ ئۆلگەندىن كېيىن، چىن مۇھەببىتىگە سادىق ۋاپادار زۆھرەمۇ ئۆلۈمنى تاللىۋالىدۇ. كىشىلەر بۇ ئىككى ئاشق- مەشۇقنىڭ قەبرە بېشىغا گۈل تېرىيدۇ. بۇ گۈللەردىن بىر جۈپ قىزىلگۈل ئېچىلىدۇ.

 تۇرپان ئاستانا قەدىمىي قەبرىستانلىقىدا ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلگەن 21- نومۇرلۇق قەبرىنىڭ جەسەت ئۆيىنىڭ ئىچكى تاملىرى ھاك بىلەن ئاقارتىلىپ ھەر خىل گۈللەر ۋە قۇشلارنىڭ رەسىملىرى سىزىلغان. بىز بۇنىڭدىن شۇ زاماندىكى ئادەملەرنىڭ قەبرە  بېشىغىمۇ گۈل تېرىپ قويىدىغانلقىىنى جەزىم قىلالايمىز.

1983- يىلى 9- ئايدا  شىنجاڭ خەلق نەشرياتى نەشر قىلغان "قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقىلىرىدىن تاللانما" ناملىق كىتابنىڭ باش قىسىدىكى سۈرەتلەرگە ۋە 2- بېتىدىكى مەڭگۈ تاش رەسىمىگە قارىساق، مەڭگۈ تاشنىڭ ئۈستى ۋە ئاستىنىڭ ناھايىتى كۆركەم گۈل نۇسخىلىرى ھەم نەقشلەر بىلەن بېزەلگەنلىكىنى كۆرىمىز.

 تۇرپان ئاستانە ئالتۇنلۇق قەبرستانلىقىدىكى 1778- يىلى ئەتراپىدا لۈكچۈنلۈك تېيىپ ئۇستا ۋە ئۇنىڭ شاگرىتلىرى ياسىغان ئىمىن ۋاڭ قەبرىگاھىنىڭ ھەيۋەتلىك گۈمبىزىنىڭ ئىچكى تاملىرىغا رەڭگا- رەڭ گۈل چېچەكلەرنىڭ، مېۋىلەرنىڭ رەسىملىرى سىزىلغان. بۇنىڭدىن بىز قەبرىنى ھەر ئازنا- پەيشەنبىدە تاۋاپ قىلغۇچىلارنىڭ ھەر يىلى ئەتىيازدا قەبرە بېشىغا گۈل، ئوت- چۆپلەرنى تېرىپ قويىدىغانلىقىنى ۋە ياكى گۈلدەستىلەرنى قويۇپ قويىدىغانلىقىنى قىياس قىلالايمىز.

  قىسقىسى، تارىختىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئۆرۈپ- ئادەتلىرى، يېمەك- ئىچمەك، كىيىم- كېچەك، ئەدەبىيات- سەنئەت ۋە تۈرلۈك مەدەنىي پائالىيەتلىرى گۈلنى مۇھىم ۋاستە قىلغان بۇلۇپ، بىر پۈتۈن گۈل مەدەنىيىتىنى شەكىلەندۈرگەن.

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى