ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم _ كېچەكلىرىدىن بىرى بولغان باش كىيىم

2012-02-06 19:13:32     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇش ئالاھىدىلىكى، جۇغراپىيىلىك شەرت- شارائىتى، دىنىي ئېتىقادى، مەدەنىيەت سەۋىيىسى ۋە گۈزەللىك قارىشى قاتارلىق تەرەپلەرنىڭ  ئوخشىماسلىقى سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ كىيىنىش ئادىتىدە روشەن مىللىي پەرق كېلىپ چىقىدۇ.

 ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىيىنىش ئادىتىدە باش كىيىمنىڭ رولى ناھايىتى چوڭ، ئۇيغۇر  ئەرلىرى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ئوخشاشمىغان باش كىيىملەرنى كىيىشكە، ئاياللىرى  ئومۇمەن بېشىغا ياغلىق سېلىشقا ياكى دوپپا كىيىشكە ئادەتلەنگەن. ئىشقىلىپ، باش  كىيىمىسز يۈرۈشنى ئۇيغۇرلار يامان كۆرىدۇ. بولۇپمۇ نەزىر-چىراغقا بارغاندا مەيلى ئەر- ئايال  بولسۇن چوقۇم باش كىيىم  كىيىشى شەرت. خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى قارىشىدا ئومۇمەن ئاممىۋى مۇراسىملارغا باش كىيىمسىز بېرىش بىر خىل ھۆرمەتسىزلىك ۋە ئەدەپسىزلىك ھېساپلىنىدۇ.

رايون پەرقى، كەسپىي پەرق ۋە ياش قۇرام پەرقى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ باش  كىيىملىرى ناھايىتى كۆپ خىللىشىپ كەتكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن كىيگەن باش كىيىمگە قاراپ شۇ كىشىنىڭ  قەيەرلىك ئىكەنلىكىنى، قانداق كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقنى ھەمدە  ياش قۇرامىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ باش كىيىمى شەكىل جەھەتتىن ئومۇمەن قىشلىق تېرە تۇماق، سىدام  دوپپا ۋە گۈللۈك دوپپىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل بولىدۇ. بۇ باش كىيىملەرنىڭ ھەرقايسى  تۈرىدە يەرلىك رايون پەرقى روشەن گەۋدىلەنگەن.

تۇماق ئادەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ قىشلىق باش كىيىمى بولۇپ، ئاساسەن تېرىدىن ئىشلىنىدۇ. نۇسخا جەھەتتىن ئاق تۇماق، سالۋا تۇماق، سوغا تۇماق، كۇلا تۇماق، يېڭىسار تۇمىقى، كېرىيە تۇمىقى، ساغان تۇمىقى، ھەربىيچە تۇماق سۆسەر تۇماق، قاما تۇماق قاتارلىق  ئون نەچچە  خىلدىن ئاشىدۇ. ھەرقايسى خىلدىكى تۇماقنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بولۇپ، نەپىس ۋە كۆركەم ئىشلەنگەن. بۇ تۇماقلارنىڭ كۆپچىلىكى ئاشلانغان يۇمشاق تېرىدىن ئىشلىنىپ، ئېغىز گىرۋىگىچە سۈپەتلىك كۆرپىدىن چوڭ- كىچىك زىغ -زىغ تۇتۇلغان، بەزى  تۇماقلارنىڭ ئۈستىگە قارا ياكى باشقا رەڭلىك رەختلەردىن بىر قەۋەت تاشلىق تۇتۇلۇپ  ئەستىرىگە تېرە ئېلىنغان. ھەر خىل تۇماقلارنىڭ ئۆزىگە خاس قېلىپى بولۇپ، ئۇنىڭغا  تۇماقچىلىقنى  كەسپ قىلغان ھۈنەرۋەنلەرنىڭ يۈكسەك ماھارىتى سىڭدۈرۈلگەن. ئۇيغۇر  تۇماقلىرىىڭ ئېگىزلىكى ئادەتتە يىگىرمە سانتىمېتىردىن قىرىق سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ.

ئاياللار ياكى بىر قەدەر مەرتىۋىلىك ئاياللار ھەر خل مۇراسىملارغا قاتناشقاندا تۇماق كىيىدۇ.  بۇ "قاما تۇماق" دېيىلىپ ئۈستى قارا مەخمەل ياكى قارا دۇخاۋا بىلەن قاپلىنىدۇ. قاسقىنىغا  بۆرەكچە شەكىلدە ئۈچ- تۆت سانتېمىتىر كەڭلىكتىكى ئەتىۋارلىق قامىدىن گىرۋەك  ئورنىتىلىدۇ، ئىچىگە يۇمشاق ئەلتېردىن ئەستەرلىك ئېلىنىدۇ.بۇ تۇماقنىڭ تەننەرخى خېلى  يۇقىرى بولغاچقا، ھاللىق شەھەر ئاياللىرى ئىچىگە كۆپرەك ئومۇملاشقان.

قۇلاقچىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى زامان قىشلىق باش كىيىملىرىدىن بىرى بولۇپ، شىمالىي شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ھەمدە شەھەرلەردە كەڭرەك ئومۇملاشقان. جەنۇبىي  شىنجاڭنىڭ يېزا-قىشلاقلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقىرىقى ئەنئەنىۋى تۇماقلىرى يەنىلا ئاساسلىق باش كىيىم ھېساپلىىدۇ. دوپپا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېستېتىك قارىشىدا ئەكس ئەتكەن تەبىئەت گۈزەللىكىنىڭ ئوبرازى سۈپىتىدە روشەن مىللىيلىككە ئىگە بولغان يازلىق باش كىيىم ھېساپلىنىدۇ.

ئۇيغۇر دوپپىلىرى نۇسخىسىنىڭ كۆپ خىللىقلىقى، ھۈنەر-سەنئەت جەھەتتىكى نەپىسلىكى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر، قەشقەر شەھىرىنىڭ "دوپپا بازىرى" گوياكى تۈمەن مىڭ خىل رەڭدار گَۈللەر  بەس-بەستە ئېچىلغان گۈزەل باغچىغا ئوخشىشىدۇ. قەشقەر شەھىرىدە دوپپىچىلىق كەسپى  ناھايىتى تەرەققىي قىلغان. ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ: بادام دوپپا، تاشكەنت گىلەم دوپپا، مەنپۇ دوپپا، تۈگۈچ مەنپۇ دوپپا، ئۈنچە دوپپا، ئىلمەك گۈللۈك دوپپا، چىمەن دوپپا، تور باسقان دوپپا، مارجان دوپپا، سىدام دۇخاۋا دوپپا، شاپاق دوپپا قاتارلىق يۈز خىلدىن ئاشىدۇ. بۇ دوپپىلار نۇقۇل  باش كىيىملا بولۇپ قالماستىن، ئۇ يەنە بىر خىل گۈزەل سەنئەت بويۇمى ھېساپلىنىدۇ.

ئۇيغۇر دوپپىلىرى ئىچىدە كەڭ ئومۇملاشقىنى بادام دوپپا بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ سىمىۋولى ھېساپلىنىدۇ. بادام دوپپىنىڭ تۈرلىرىمۇ بىر قانچە خىل بولۇپ، ھەممىسىگە تۆت  دانە بادام شەكىللىك يېرىم ئاي نۇسخىسى ۋە جىيەكنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرۈلگەن گۈمبەز  شەكىللىك گۈل نەقىش قىلىپ جۇلالىق ئاق مەشۈت بىلەن تىكىلگەن. بۇ گوياكى ئاي  ئەتراپىدا جمىرلاپ تۇرغان سانسىز يۇلتۇزلارنى ئەسلىتىدۇ. گۈللۈك زەر باسقان دوپپىلار ئاياللارغا  خاس بولۇپ، ئۇنىڭ نۇسخىلىرىمۇ كۆزنى چاقنىتىدۇ. قىزىل ۋە يېشىل دۇخاۋدىن تىكىلگەن سىدام دوپىلار كۆپرەك شىمالىي شىنجاڭ  ئۇيغۇرلىرى ئارىسىغا ئومۇملاشقان بولۇپ، بۇ دوپپىلارنىڭ رەڭگى ئۇيغۇرلارنىڭ رەڭ ھەققىدىكى ئەنئەنىۋى چۈشەنچىلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

 

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى