ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

چاغانلىق دەم ئېلىشنىڭ ئاخىرقى كۈنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۆمۈر يول ۋە تاشيوللار قايتىش سەپىرىگە ئاتلانغان يولۇچىلار قاتنىشىنىڭ يۇقىرى دولقۇنىنى كۈتىۋالدى

2016-02-14 16:50:32     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
13-فېۋرال-- چاغانلىق دەم ئېلىشنىڭ ئاخىرقى كۈنى بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۆمۈر يول ۋە تاشيوللار قايتىش سەپىرىگە ئاتلانغان يولۇچىلار قاتنىشىنىڭ يۇقىرى دولقۇنىنى كۈتىۋالدى.
ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدا، مۇخبىر يۈك- تاقلىرىنى ئېلىپ، قايتىش سەپىرىگە ئاتلانغان يولۇچىلارنىڭ خېلىلا كۆپىيىپ قالغانلىقىنى كۆردى. بىلەت سېتىۋالغىلى، سېتىۋالغان بىلەتنى ئالغىلى كەلگەن يولۇچىلار بىلەت سېتىش زالى ۋە سېتىۋالغان بىلەتنى ئېلىش زالىدا ئۇزۇن ئۆچرەت بولۇپ تىزىلغانىدى. پويىز كۈتۈش زالىدا ئادەم تېخىمۇ كۆپ ئىدى. ۋوگزال تەرەپمۇ يولۇچىلارنىڭ سەھەرگە چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، خىزمەتچى خادىملارنى كۆپەيتكەنىدى. شۆ شىڭ ئىسىملىك بىر يولۇچى مۇنداق دېدى: «ئەتە نورمال خىزمەتكە چۈشىمىز، شۇڭا بۈگۈن قايتمىساق بولمايدۇ. ئاساسىي جەھەتتىن ھەممەيلەنگە ئورۇن بار ئىكەن. ھەر قايسى تەرەپلەردىكى شارائىتمۇ خېلى ياخشى بولدى.»
چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پويىزغا ئولتۇرۇپ سەپەرگە چىققانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئوتتۇرا ۋە قىسقا مۇساپىدىكىلەرنى ئاساس قىلغان بولۇپ، شىمالىي شىنجاڭ رايونىدىكى شىخەنزە، كۈيتۈن، قاراماي، بىيتۈن، غۇلجا ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى كورلا، ئاقسۇ قاتارلىق جايلار، شۇنىڭدەك لەنجۇ- شىنجاڭ تۆمۈر يولى بويىدىكى شەھەرلەر ۋە ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىغا مەركەزلەشتى. ناچار ھاۋارايى ۋە تەبىئىي ئاپەتلەر ئارقا- ئارقىدىن يۈز بەرگەن ئەھۋالدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۆمۈر يوللاردا 7 كۈندە توشۇلغان يولۇچى سانى 469 مىڭغا يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.3 ئاشتى. ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىنىڭ نۆۋەتچى خادىمى ياڭ ۋېنچۈن ئەھۋال تۇنۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «چاغاننىڭ 4- كۈنىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىن سىرتقا چىقىدىغان پويىزلار ۋە ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىدىكى بىۋاستە يېتىپ بارىدىغان پويىزلاردىكى يولۇچىلار ئېقىمى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. يولۇچىلار ئېقىمى ئاساسلىقى جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكىلەرنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ھەر قېتىملىق يولۇچىلار پويىزىدا مىڭدىن ئارتۇق ئادەم بار بولدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىن سىرتقا ماڭغان يولۇچىلار جەھەتتە، ھەر قېتىملىق يولۇچىلار پويىزىدا 700، 800دەك ئادەم بار بولدى. ئىككى كۈن ئىلگىرىكىگە قارىغاندا، يولۇچىلار ئېقىمىدا كۆرۈنەرلىك ئېشىش بولدى. چاغاننىڭ 15- كۈنىدىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئىشلەمچىلەرنىڭ سانىدا ئېشىش بولىدۇ.»
تاشيول قاتنىشى جەھەتتە، مۇشۇ ئاينىڭ 10- كۈنى، قار- شىۋىرغانلىق ھاۋارايىنىڭ تەسىرىدە، ئۈرۈمچى- كۈيتۈن تېز سۈرئەتلىك تاشيولى ۋە تۇرپان- ئۈرۈمچى- داخۇاڭشەن يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيولىدا قىسقا مۇددەت قاتناشقا چەك قويۇلغاندىن باشقا، قالغان تېز سۈرئەتلىك يوللاردا قاتناش توسۇلۇش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى، ئاپتوموبىللارنىڭ يۈرۈش سۈرئىتى نورمال بولدى. مۇشۇ ئاينىڭ 7- كۈنىدىن باشلاپ 12- كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تاشيوللاردا يولۇچى توشۇشقا ئاجرىتىلغان ئاپتوموبىللارنىڭ سانى 150 مىڭ 459 قېتىمغا يېتىپ، توشۇلغان يولۇچى سانى 1 مىليون 927 مىڭ 350 ئادەم قېتىمغا يەتتى. ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن 10 مىڭدىن ئارتۇق يولۇچى توشۇلغان ۋىلايەت، ئوبلاستلارنىڭ سانى 11گە يەتتى. ئاپتونوم رايونلۇق يول تىرانسپورتىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باش ئېنژىنىرى چى دۇڭيۈ مۇنداق دېدى: بىر قىسىم چوڭراق ۋىلايەت، ئوبلاستلاردا يولۇچى توشۇش مىقدارى بىر قەدەر كۆپ بولدى. بۇ-- چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى تۇغقان يوقلاش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.»
13-فېۋرال كەچ ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 10دىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تېز سۈرئەتلىك يوللاردىكى كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللاردىن ئېلىنىدىغان ھەقنى كەچۈرۈم قىلىش ئاياغلاشتى. 13-فېۋرال چۈشتىن باشلاپ كەچ سائەت 8گىچە، تېز سۈرئەتلىك يوللار يەنە قايتىش سەپىرىگە ئاتلانغان ئاپتوموبىللار قاتنىشىنىڭ بېسىق مەزگىلىنى كۈتىۋالدى. ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيوللارنى باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى قوماندانلىق مەركىزىنىڭ نۆۋەتچى ساقچىسى يۆ گوبىڭ مۇنداق دېدى: «چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت بىردىن باشلاپ، قايتىش سەپىرىگە ئاتلانغان ئاپتوموبىللار بېسىق مەزگىلى يېتىپ كەلدى. ئۈرۈمچى ئەتراپىدىكى ئۇلانباي ھەق ئېلىش پونكىتى، فۇكاڭ ھەق ئېلىش پونكىتى ۋە تۇدۇڭخابا ھەق ئېلىش پونكىتىدا ئاپتوموبىللار كۆپ بولدى.»

تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى