قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 2020- يىللىق توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بىلەن مىيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى توكيودا مۇدىرىيەت يىغىنى ئاچتى

2017-02-06 12:16:24     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ياپونىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 2-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 2020- يىللىق توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بىلەن مىيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى مۇشۇ ئاينىڭ1- كۈنى توكيودا مۇدىرىيەت يىغىنى ئاچقان ھەمدە دوكلات بېرىپ مۇنداق دېگەن: بۇ يىل4- ئايدىن باشلاپ مۇكاپات مىدالى ياساشقا ئىشلىتىلىدىغان قايتا پايدىلىنىشقا بۇلىدىغان مىتاللارنى يىغىۋېلىش خىزمىتى باشلىنىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن، ياپونىيە پۈتكۈل مەملىكەتكە تاشلىۋېتىلگەن يان تېلېفۇن ۋە كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللارنى يىغىۋېلىشنى دەۋەت قىلىدۇ. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ياپونىيە كۆچمە ئالاقە سودا ئورنى بولغان دوكېمو شىركىتى كېرەكسىز بويۇملارنى بىر تەرەپ قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ياپونىيە مۇھىت سەھىيە مەركىزى بىلەن تۈر ھەمكارلاشقۇچى تەرەپلەر قىلىپ تاللانغان بولۇپ، يېقىندا يىغىۋىلىش ئۇسۇلىنى ئېلان قىلىدىكەن. مۆلچەرلىنىشچە دۇكېمو يان تېلېفۇنلىرىدىن باشقا يان تېلېفۇنلار ياپونىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھۆكۈمەتلەر ئارقىلىق يىغىۋېلىنىدىكەن.

تەرجىمان: ئامىنە نۇرئەخمەت

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى