قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بېيجىڭدىن كەلگەن ئىككى ساياھەتچى مۇزتاغ باغچىسىدا ئويناۋاتقاندا، ئەر ساياھەتچى يىقىلىپ ئوڭ پۇتى سۇنۇپ كەتتى

2017-02-06 12:16:36     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
ئىستانسىمىز خەۋىرى:
مۇشۇ ئاينىڭ 4- كۈنى چۈشتە، بېيجىڭدىن كەلگەن ئىككى ساياھەتچى مۇزتاغ باغچىسىدا ئويناۋاتقاندا، ئەر ساياھەتچى يىقىلىپ ئوڭ پۇتى سۇنۇپ كەتتى. ئايال ساياھەتچى تاغ چوققىسىدا قاپسىلىپ قالدى. قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە قەشقەر ۋىلايىتىدىكى چېگرا مۇداپىئە ساقچىلىرى مەلۇماتنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، تاغ چوققىسىدا قاپسىلىپ قالغان ئايال ساياھەتچىنى قۇتقۇزدى ھەمدە ئىگىزلىك رايونىدا ئوكسىگىن يېتىشمەسلىك، تاغ يولى خەتەرلىك بولۇشتەك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، 7 سائەت يول يۈرۈش ئارقىلىق، يارىلانغان ئەر ساياھەتچىنى دېڭىز يۈزىدىن 5 مىڭ مېتىر ئىگىزلىكتىكى تاغدىن ئېلىپ چۈشۈپ، دوختۇرخانىغا يەتكۈزدى. 
تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى