ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدا خۇلاسىلەش – تەقدىرلەش ۋە سەپەرۋەر قىلىش – ئۇزىتىش يىغىنى ئاچتى

2017-02-27 11:57:29     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى خۇلاسىلەش – تەقدىرلەش ۋە سەپەرۋەر قىلىش – ئۇزىتىش يىغىنى 2 – ئاينىڭ 25 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى، 1 – سىياسىي كومىسسار چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر قاتارلىق رەھبەرلەر تەقدىرلەنگەن ئىلغار خىزمەت ئەترەتلىرى، ئىلغار خىزمەتچىلەر ۋە مۇنەۋۋەر تەشكىللىگۈچى ئورۇنلارنىڭ ۋەكىللىرىگە شەرەپ گۇۋاھنامىسى ۋە شەرەپ تاختىسى تارقىتىپ بەردى.


  ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى خۇلاسىلەش – تەقدىرلەش ۋە سەپەرۋەر قىلىش – ئۇزىتىش يىغىنى 2 – ئاينىڭ 25 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. يىغىندا ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىدىكى ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلەر بويىچە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، 2016 – يىللىق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى خۇلاسىلىنىپ، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى قايتا سەپەرۋەر قىلىنىپ، قايتا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
 ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى، 1 – سىياسىي كومىسسار چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۈەننىڭ سىياسىي كومىسسارى سۈن جىنلۇڭ ۋە ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ئەركىنجان تۇراخۇن، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، ما شۆجۈن، پېڭ جيارۇي، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باش كاتىپى لى پېڭشىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 2016 – يىللىق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىدىكى ئىلغار خىزمەت ئەترەتلىرى، ئىلغار خىزمەتچىلەر ۋە مۇنەۋۋەر تەشكىللىگۈچى ئورۇنلارنى تەقدىرلەش قارارىنى ئوقۇدى.
 لەرزان مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر قاتارلىق رەھبەرلەر تەقدىرلەنگەن ئىلغار خىزمەت ئەترەتلىرى، ئىلغار خىزمەتچىلەر ۋە مۇنەۋۋەر تەشكىللىگۈچى ئورۇنلارنىڭ ۋەكىللىرىگە شەرەپ گۇۋاھنامىسى ۋە شەرەپ تاختىسى تارقىتىپ بەردى.


 ئاندىن چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلار ۋە بىڭتۈەننىڭ 2017 – يىللىق كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ باشلىقلىرىغا بايراق بەردى.
 چېن چۈەنگو سۆزىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ ئەزالىرىغا يۈكسەك ھۆرمەت بىلدۈردى، خىزمەت ئەترىتى ئەۋەتكەن ئورۇنلار ۋە خىزمەت ئەترەتلىرىدىكى ئەزالارنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرى ۋە ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگەن، مەدەت بەرگەن جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەرگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى.
 چېن چۈەنگو مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، ئامما بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاش، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى پۇختىلاپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، كادىرلارنىڭ ئىستىلىنى ياخشىلاپ، يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى قۇرۇپ چىقىشتىكى مۇھىم تەدبىر. مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى داۋاملىق پۇختا چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
 چېن چۈەنگو 3 – تۈركۈمدە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇلتۇردىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار، ئورۇنلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، كاپالەتنى كۈچەيتىپ، كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما بىلەن ئىچقويۇن – تاشقويۇن بولۇپ، چوڭ ئائىلىنى دەپ ئائىلىسىدىن كېچىپ، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىپ، 3 – تۈركۈمدە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىدە ئالدىنقى ئىككى تۈركۈمدىكى كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى ئاساسىدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى كۈچەيتىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت كادىرلارنى چېنىقتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پائال تۆھپە قوشتى.
 چېن چۈەنگو مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، بۇلتۇر مەخسۇس ھۆججەت تارقىتىپ، كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، ئومۇمىي تەلىپى، ئاساسلىق ۋەزىپىسى ۋە ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى. جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىدە نىشان تېخىمۇ مەركەزلىك، ۋەزىپە تېخىمۇ ئەمەلىي، تەدبىر تېخىمۇ كۈچلۈك، ئۈنۈم تېخىمۇ گەۋدىلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.


 بىرىنچىدىن، ‹‹بىر باش نىشان››نى چۆرىدەش كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىدىيە، تونۇش، قەدەم ۋە ھەرىكەتنى باش نىشان بويىچە قەتئىي تەۋرەنمەي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باش نىشاننى يېتەكچى قىلىپ، كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى باش نىشان ئاساسىدا پىلانلاپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ ھەم ئىلگىرى سۈرۈپ، باش نىشاننى كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى باش نىشان بويىچە تەكشۈرۈش كېرەك.
 ئىككىنچىدىن، ‹‹بىر ئاساسىي لىنىيە››نى ئىگىلەش كېرەك. ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم – كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما ۋە تەلەپلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.
 ئۈچىنچىدىن، ‹‹سەككىز تۈرلۈك ۋەزىپە››نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. بىرىنچى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش كېرەك. مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ، دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئوتتۇرىغا قويغان مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى قەتئىي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. بىر ئائىلىنىمۇ چالا قويماي چوڭقۇرلاپ ئەھۋال ئىگىلەپ، كەنت ئەھۋالى ۋە ئەلرايىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، بىخ، خاھىش ھالەتتىكى مەسىلىلەرنى بىخ ھالىتىدە ھەل قىلىش كېرەك. قاقشاتقۇچ زەربە بېرىشكە پائال ماسلىشىپ، كەنت (مەھەللە)نىڭ ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى چىڭ تۇتۇپ، دىنلارنىڭ ئېجىل – ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىككىنچى، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاجىز، چېچىلاڭغۇ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى كۈچەپ تەرتىپكە سېلىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئارىسىدا ‹‹يۇلتۇز دەرىجىلىك›› پارتىيە تەشكىلاتى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەنت (مەھەللە)نىڭ 1 – شۇجىسى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسى ۋە كەنت ئاھالە كومىتېتى رەھبەرلىك بەنزىسىگە ياخشىلارنى تاللاپ، كۈچلۈكلەرنى سەپلەپ، كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كەنت دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان، مۇقىملىقنى قوغدايدىغان، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىدىغان كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغان قىلىپ ھەقىقىي قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ئۈچىنچى، ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئامما بىلەن بىۋاسىتە ئالاقە باغلاش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىگە پائال قاتنىشىپ ۋە ئۇنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى، جۇڭگو ئارزۇسى ۋە پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش تەربىيەسىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش›› تەشۋىقات – تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنى ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسى بىلەن چەك – چېگرانى ئېنىق ئايرىپ، توغرا ھەم ھەققانىي مەيداندا چىڭ تۇرىدىغان قىلىپ تەربىيەلەپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. تۆتىنچى، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا نەپنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى، قەيەردىن كېلىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرۈش كېرەك. خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ كەم – كوتسىز بولۇشى ۋە شەكىلگە ئايلىنىپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خەلققە نەپ يەتكۈزۈشكە دائىر تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە مەبلەغ تۈرلىرىنى باشقۇرۇش ئەھۋالىنى ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى خەلققە نەپ يەتكۈزۈش پۇلى ۋە ماددىي ئەشيالىرىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش، ئۇرۇق – تۇغقانلىرى ۋە دوست – بۇرادەرلىرىگە قولايلىق تۇغدۇرۇش ۋە ئېتىبار بېرىش، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىتى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىغا ھەقىقىي نەپ يەتكۈزۈش كېرەك. بەشىنچى، بېيىش يوللىرىنى كېڭەيتىش كېرەك. خىزمەت ئەترىتى ئەۋەتكەن ئورۇنلار ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تەرەققىيات تەسەۋۋۇرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، ئۆزگىچە كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇپ، ماھارەت يېتىلدۈرۈش تەربىيەسىنى چىڭ تۇتۇپ، ھەممە كەنت ئاھالىسىنىڭ بېيىش يولى بولۇشى، كىرىمىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىغا تىرىشىپ كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئالتىنچى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ‹‹بىرىنىمۇ چالا قويماسلىق، بىرىنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماسلىق›› تەلىپى بويىچە، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ياردەم بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك. يەتتىنچى، ئەمەلىي ئىش ۋە ياخشى ئىشلارنى ياخشى قىلىش كېرەك. ئىشنى ئامما ئەڭ كۆڭۈل بولىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ ئەمەلىي مەنپەئەت مەسىلىسىدىن باشلاپ تۇتۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، داۋالىنىش، مەكتەپتە ئوقۇش، يول ياساش، سۇ، توك يەتكۈزۈش، خەۋەرلىشىش، پوچتا ئالاقىسى، رادىيو – تېلېۋىزىيەنى يەتكۈزۈش، شۇنداقلا يېزىلاردىكى ئەمىن ئۆي ۋە كۆچمەن چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىپ، ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى ۋە ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى ياخشى تۇتۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشقا تېگىشلىكلىرىنى ئىمكانقەدەر مەكتەپتە ئوقۇتۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، خەلققە پايدا ۋە نەپ يەتكۈزىدىغان ياخشى، ئەمەلىي ئىشلارنى داۋاملىق ياخشى قىلىش كېرەك. سەككىزىنچى، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنى زورايتىش كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ پارتىيەگە ئەزا تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە پائال ھەمكارلىشىپ، ئۆلچەم، تەرتىپ چىڭ بولۇشنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ، ھەر يىلى پارتىيەگە مەلۇم مىقداردا ئەزا تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، پارتىيەگە سادىق، رولى گەۋدىلىك، سانى تولۇق، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق بولغان دېھقان – چارۋىچى پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.


 چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. بىرىنچىدىن، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى ‹‹ئەلراينى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئەھمىيەت بېرىش دەرىجىسى، خادىملار كۈچى، مەبلەغ سېلىنمىسى، خىزمەت ئۈنۈمىدىن ئىبارەت ‹‹تۆتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش››ى؛ ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك گۇرۇپپىلىرى ۋە ئىشخانىلىرى ھەر تەرەپلىمە ماسلاشتۇرۇش، تەشكىللەش، يېتەكچىلىك قىلىش، ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈش، جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكى قاتارلىق فۇنكسىيەلىك رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇشى؛ بىر كەنتتە بىر ئەترەت، بىر ئەترەت ئەۋەتكەن ئورۇن بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئەترەت ئەۋەتكەن ئورۇنلار ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى شۇ ئورۇننىڭ ئومۇمىي خىزمىتى بىلەن تەڭ ئورۇنلاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تەكشۈرۈش ۋە باھالاش؛ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى شۇ جايدىكى ناھىيەلىك پارتكوم، يېزىلىق پارتكومدىن ئىبارەت ئىككى دەرىجىلىك پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدە، كەنت دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىغا يېقىندىن تايىنىپ، خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئىككىنچىدىن، مۇنەۋۋەر كادىرلارنى ئەۋەتىش كېرەك. ئۆلچەمنى چىڭىتىپ، ياخشىلىرىنىڭ ئىچىدىن ئەلالىرىنى تاللاش، ئەلالىرىنىڭ ئىچىدىن سەرخىللىرىنى تاللاش؛ قۇرۇلمىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، ياشانغانلار، ئوتتۇرا ياشلىقلار ۋە ياشلار، مىللىي – خەنزۇ كادىرلارنى مۇۋاپىق تەڭشەشتە چىڭ تۇرۇش؛ ئەمەلىي ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ‹‹تۆت خاھىش››، ‹‹تۆت كەيپىيات››نى قەتئىي يېڭىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي، باش چۆكۈرۈپ، جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى ئېسىل ئىستىل بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، قاتتىق باشقۇرۇش كېرەك. سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، تەشكىلىي ئىنتىزام، خىزمەت ئىنتىزامى، تۇرمۇش ئىنتىزامى، مالىيە ئىنتىزامىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلارنىڭ سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالىدىغان ياخشى ئوبرازىنى تىكلەش كېرەك. دائىملىق ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈشنى يىل ئاخىرىدىكى باھالاش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى نەتىجە – ئۈنۈم باھالاش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈش كېرەك. تونۇش، مەسئۇلىيەتنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك، خىزمەتنى ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالماسلىق، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش سەۋەبىدىن مۇقىملىق جەھەتتە مەسىلە كۆرۈلسە، قانۇن – ئىنتىزام بويىچە جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. تۆتىنچىدىن، كاپالەتنى كۈچەيتىش كېرەك. خىراجەت، تۈر، تۇرمۇش، بىخەتەرلىك كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا، چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بەشىنچىدىن، يۆنىلىشنى ياخشى تۇرغۇزۇش كېرەك. رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەنتتە تۇرۇش خىزمەت تەجرىبىلىرىنى كادىرلارنى ئۆستۈرۈش – تەيىنلەشنىڭ زۆرۈر شەرتى قىلىپ، كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىدە كادىرلارنى چېنىقتۇرۇش، كادىرلارنى تەربىيەلەش، كادىرلارنى بايقاش، كادىرلارنى تەكشۈرۈش، كادىرلارنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى ئۈچۈن، ياخشى جامائەت پىكرى كەيپىياتى يارىتىش كېرەك.
 شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرى – تۆۋەندىكىلەر يىغىن روھىنى ئەستايىدىل يەتكۈزۈپ ۋە ئۆگىنىپ، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنىڭ نىشان – ۋەزىپىسى ۋە خىزمەت تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، توغرا ئىگىلەپ، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك. نىشان – ۋەزىپىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ‹‹بىر باش نىشان››نى تۇرغۇزۇشنى كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي پىروگراممىسى، يادرولۇق ۋەزىپىسى، كۆزلەش ۋە كۈچەش نۇقتىسى، ‹‹بىر ئاساسىي لىنىيە››نى ئىزچىللاشتۇرۇشنى كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنىڭ زور سىياسىي ۋەزىپىسى، ‹‹سەككىز تۈرلۈك ۋەزىپە››نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنىڭ مۇھىم مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچى قىلىپ، كەم – كوتسىز، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. دىققەتنى ئىستىل قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ‹‹ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتىنىڭ تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىپ، خىزمەت تەدبىرلىرىنى تەپسىلىيلەشتۈرۈپ، ئىلگىرى سۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ھەر دەرىجىلىك كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىلىرى، خىزمەت ئەترىتى ئەۋەتكەن ئورۇنلار مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ماسلىشىپ ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى ئۈچۈن ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، ئۇنى ياخشى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى؛ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى ‹‹تۆت ئاڭ››نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۆز ئارا ياردەم بېرىپ، ئۆز ئارا بىر – بىرىنى تولۇقلىشى؛ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ باشلىقلىرى يېتەكچىلىك ۋە نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بارلىق ئەترەت ئەزالىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئوقۇرىنى پەسەيتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ۋە ئەمەلىي ئىشلەپ، قىلغان ئىكەن ۋۇجۇدقا چىقىرىش، قىلغان ئىكەن ياخشى قىلىشتەك قويۇق كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.
 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەردىكى مەسئۇل يولداشلارنىڭ ۋەكىللىرى، تەقدىرلەنگەن 2016 – يىللىق كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى ۋە 2017 – يىللىق كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى يىغىندا سۆز قىلدى.


 يىغىن تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، بىڭتۈەن رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، ھاۋا ئارمىيەسى ئۈرۈمچى بازىسى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ج خ چېگرا مۇداپىئە باش ئەترىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ج خ ئوت ئۆچۈرۈش باش ئەترىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى مۇھاپىزەت ئىدارىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، ئاپتونوم رايونلۇق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايون (مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى، 2017 – يىللىق كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرىنىڭ ۋەكىللىرى، تەقدىرلەنگەن ئىلغار شەخس ۋە كوللېكتىپ ۋەكىللىرى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى.

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى