قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردە ئۆگىنىش قىزغىنلىقى قوزغالدى

2017-04-17 19:45:38     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئاپتونوم رايون بويىچە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيە - سىياسىي خىزمىتى يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردە ئۆگىنىش قىزغىنلىقى قوزغالدى. كۆپچىلىك تىرىشچان، غايىلىك، ئەخلاقلىق، ئاق - قارىنى پەرق ئېتەلەيدىغان، ئۆگەنگەننى ئىشلىتەلەيدىغان قۇرغۇچىلار ۋە ئىز باسارلارنى تەربىيەلەپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
ئاپتونوم رايون بويىچە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيە - سىياسىي خىزمىتى يىغىنىدا، دەرسخانا ئوقۇتۇشىغا كۈچ سەرپ قىلىپ، سىياسىي - ئىدىيە نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي - ئىدىيە نەزەرىيە دەرسلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك دەرسلىكلەر سىياسىي - ئىدىيە نەزەرىيە دەرسى بىلەن ئوخشاش يۆنىلىشتە بولۇپ، ماس ئۈنۈم شەكىللەندۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شىنجاڭ ساقچى ئىنىستىتۇتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەكتەپ مۇدىرى لى جۈەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شۇجى چېن چۈەنگونىڭ دوكلاتىنى ئاڭلاپ، تولىمۇ روھلاندىم. مەكتەپكە قايىتقاندىن كېيىن، بۇ جەھەتتىكى تەتقىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى مەكتىپىمىزدە سىياسىي -ئىدىيە خىزمىتىنى ئەڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويىمىز. چۈنكى، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەلگۈسىگىلا ئەمەس، يەنە شىنجاڭدا باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئىش. مەكتىپىمىزدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىياسىي - ئىدىيە خىزمىتى - شىنجاڭنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى قوشۇنىنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك.
شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى ماركىسىزم ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى جۇ يىن مۇنداق دەپ قارىدى: كىم ئۈچۈن تەربىيەلەش، قانداق تەربىيەلەش ــــ ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىغا نىسبەتەن ھالقىلىق مەسىلە. باش شۇجىنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، ئۆستەڭنى ياخشى ساقلاپ، مەسئۇلىيەت ئېتىزىنى ياخشى پەرۋىش قىلىش كېرەك. ھەر قايسى پەنلەر ئىدىيە - سىياسىي دەرسى بىلەن ئوخشاش يۆنىلىشنى ساقلىشى كېرەك. بۇ ئىشنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن، باشتىن - ئاخىر دەرسخانا بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا ئىگىلەپ، ئۇلارغا چوڭ ئىشلارنى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى چۈشەندۈرۈشىمىز كېرەك. ئەڭ مۇھىمى ئىدىيە - سىياسىي نەزەرىيە بىلىمىمىزنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بۇنى دەرسلىرىمىزگە سىڭدۈرۈشىمىز كېرەك.
قەشقەر ئۇنۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ يېتەكچىسى رىزۋانگۈل مەمەت مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىدىيە - سىياسىي تەربىيەدە مۇھىم نوقتىنى ئوقۇغۇچىلار ياتىقىغا قارىتىمەن. ياتاق بىناسىغا ماس كېلىدىغان يېنىك، يېقىملىق تەربىيە ئۇسۇللىرىنى تېپىپ، پائال ئاكتىپ ئىلگىرلەيدىغان ياتاق كەيپىياتى يارىتىمەن.

تەرجىمان: نازىم

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى