قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئالىي مەكتەپ ئىدىيە - سىياسىي خىزمىتىنىڭ دەۋر خاسلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتەيلى

2017-04-17 19:45:38     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ ئاپتونوم رايون بويىچە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيە - سىياسىي خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى «ئالىي مەكتەپ ئىدىيە - سىياسىي خىزمىتىنىڭ دەۋر خاسلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتەيلى» ماۋزۇلۇق ئوبزورچى ماقالىسى
ئالىي مەكتەپ ئىختىساسلىقلارنىڭ بۆشۈكى، ياشلار - دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسى ۋە ئۈمىدى. ئاپتونوم رايونىمىزدا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيە -سىياسىي خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون بويىچە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيە - سىياسىي خىزمىتى يىغىنىدا تەكىتلەنگىنىدەك، ئىدىيە - سىياسىي خىزمىتىنىڭ قانۇنىيىتىگە، ئوقۇتۇش - تەربىيەلەش قانۇنىيىتىگە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ - يېتىلىش قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، ياخشى چارىلەرنى داۋاملىق ئىشلىتىپ، كونا چارىلەرنى ئۆزگەرتىپ، يېڭى چارىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئالىي مەكتەپلەر ئىدىيە - سىياسىي خىزمىتىنىڭ دەۋر خاسلىقى، تەسىر كۈچى ۋە ئۈنۈمىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك.
ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيە - سىياسىي خىزمىتى شىنجاڭدا پەقەت مائارىپ ئۈنۈمىگە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، دۈشمەن كۈچلەرنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قارشى تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ بىخەتەر، مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئالاھىدە رايون ئەھۋالى شىنجاڭنىڭ ئالىي مەكتەپلەر ئىدىيە - سىياسىي خىزمىتىنىڭ ئالاھىدە بولۇشىنى، شۇنداقلا ئالىي مەكتەپلەر ئىدىيە - سىياسىي خىزمىتىنىڭ دەۋر خاسلىقى، تەسىر كۈچى ۋە ئۈنۈمىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشىمىز كېرەكلىكىنى بەلگىلىگەن. دەۋرنىڭ قەدىمىنى توغرا ئىگىلەپ، دەۋرنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن يېڭى مەزمۇن، ۋاستە، ئۇسۇل ۋە مېخانىزملار ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدەنگەندىلا، ئاندىن خىزمەتنىڭ قاراتمىلىقى، تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، جەلپكارلىقى ۋە ئۇيۇشۇشچانلىقىنى كۈچەيتكىلى؛ ماركىسىزمنىڭ شىنجاڭنىڭ ئالىي مەكتەپلەر ئىدىيە - سىياسىي خىزمىتىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى مۇستەھكەملەپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيە - سىياسىي خىزمىتى ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ.
ئالىي مەكتەپلەر ئىدىيە - سىياسىي خىزمىتىنىڭ دەۋر خاسلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش ئۈچۈن، خىزمەت مەزمۇنىنى موللاشتۇرۇپ، دەرسخانىدىن ئىبارەت ئاساسلىق مۇنبەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، خىزمەت ئۇسۇلىدا دەۋرنىڭ رېتىمىگە تولۇق ماسلىشىش ھەم ئادەمنى ئاساس قىلىپ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولۇش كېرەك. ياخشى ئىدىيە - سىياسىي خىزمىتىنىڭ رولى خۇددى تۇزدەك بولۇشى كېرەك. ئادەم تۇزدىن ئايرىلالمايدۇ، لېكىن تۇزلا يېسە بولمايدۇ، شۇڭا ئەڭ ياخشى ئۇسۇل تۇزنى ھەر خىل يېمەكلىكلەرگە ئارىلاشتۇرۇپ، ئادەم بەدىنىگە تەبىئىي قوبۇل قىلدۇرۇش كېرەك. نۆۋەتتە، بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ــــ ئىدىيە - سىياسىي خىزمەتتىن ئىبارەت بۇ كونكېرت تۇتقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ياشلىق ئارزۇسىنى ئويغىتىپ، غايە چىرىقىنى ياندۇرۇپ، ئىلگىرىلەش يولىنى يورۇتۇپ، ياش ئوقۇغۇچىلارنى دەۋرنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايدىغان قىلىپ ياخشى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت.

تەرجىمان: نازىم

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى