ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شى جىنپىڭ ئايرىم-ئايرىم تاجىكىستان زۇڭتۇڭى، ھىندىستان زۇڭلىسى، ئىسپانىيە پادىشاھى، تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭى بىلەن كۆرۈشتى

2017-06-15 19:47:27     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئاستانا، 9-ئىيۇن تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6-ئاينىڭ 9-كۈنى ئاستانىدە تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راھمان بىلەن كۆرۈشتى

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن تاجىكىستان يېقىن دوست ھەم يېقىن قوشنىلاردىن بولۇپ، بىر- بىرىگە يۈكسەك ئىشىنىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلاردۇر. ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى قويۇق، ئىقتىساد- سودا، يېزا ئىگىلىكى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئېنېرگىيە، خەۋپسىزلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولۇپ، ب د ت ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدە زىچ ھەمكارلىشىپ كەلمەكتە.
 جۇڭگو بىلەن تاجىكىستان ھازىر «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىقىدا مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، كېيىنكى باسقۇچتا ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھەمكارلىقنى يۇقىرى سەۋىيە، ئىجادىي، كۆپ مەنبەلىك بولۇش يۆنىلىشى بويىچە راۋاجلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ئىقتىساد بىلەن سىياسەتنىڭ ماس بولۇشى ۋە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنىڭ جىپسىلىشىشىنى كۈچەيتىپ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا يېڭى ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە جابدۇق ياسىمىچىلىقى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سودا ۋە سېلىنمىنىڭ ئەركىنلىشىشى، قولايلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇداپىئە ئىشلىرى ۋە قانۇن ئىجراسى بويىچە خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى كېرەك. جۇڭگو تاجىكىستان بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 25 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىناق قوشنىدارچىلىق ۋە دوستلۇق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو- تاجىكىستان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈشنى خالايدۇ.
 راھمان مۇنداق دېدى: تاجىكىستان بىلەن جۇڭگو ياخشى قوشنا، ياخشى دوست ھەم ياخشى ھەمراھ. تاجىكىستان ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقىنى قەدىرلەيدۇ، جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى مۇھىم رولىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، تاجىكىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 25 يىلدىن بۇيان، تاجىكىستان بىلەن جۇڭگو سىياسىي جەھەتتە بىر- بىرىگە يۈكسەك ئىشىنىپ، ئىقتىساد- سودا، پەن- تېخنىكا، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. تاجىكىستاننىڭ دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسى جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان تارىخىي خاراكتېرلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى بىلەن يۈكسەك دەرىجىدە ماسلىشىدۇ. تاجىكىستان ئۆز تەرەققىياتىنى «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇپ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئېلېكتىر كۈچى، يېزا ئىگىلىكى، خەۋپسىزلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.
 ۋاڭ خۇنىڭ، لى جەنشۇ، ياڭ جيېچى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئاستانا، 9-ئىيۇن تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6-ئاينىڭ 9-كۈنى ئاستانىدە ھىندىستان زۇڭلىسى مودى بىلەن كۆرۈشتى.
 شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھازىر خەلقئارا ۋەزىيەتتە چوڭقۇر ھەم مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ. جۇڭگو بىلەن ھىندىستان دۇنيادىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەڭ چوڭ دۆلەتلەر بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ زېھنىنى ھەمكارلىشىشقا، بىرلىكتە ئالغا ئىلگىرىلەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشى، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۆھپە قوشۇشى كېرەك. جۇڭگو ھىندىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ھىندىستان بىلەن بىرلىكتە سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چوڭ- چوڭ خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى ساقلاپ، جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك، ھەمكارلىق- ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى سىجىل، ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى ۋە مېخانىزم خاراكتېرلىك ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، سىياسەتلەردە جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. سودىغا مەبلەغ سېلىش جەھەتتە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، كەسىپلەر رايونى، تۆمۈريول قۇرۇلۇشى قاتارلىق چوڭ- چوڭ تۈرلەردە تېخىمۇ كۆپ دەسلەپكى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. رايون ئالاقىسى ۋە ئورتاق تەرەققىياتنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىيات تەشەببۇسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، باڭلادىش- جۇڭگو- ھىندىستان- بىرما ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىدا بالدۇرراق ئەمەلىي ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنىڭ ئىچكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى كېرەك. يەرلىك، ئاقىللار ئامبىرى، مەدەنىيەت، تاراتقۇ، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك. كۆپ تەرەپ ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىختىلاپ ۋە سەزگۈر مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق باشقۇرۇشى، تىزگىنلىشى ۋە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.
 شى جىنپىڭ ھىندىستاننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەسمىي ئەزاسى بولۇش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى تەبرىكلەپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھىندىستان بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ساغلام، سىجىل تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ.
 مودى مۇنداق دېدى: ھىندىستان بىلەن جۇڭگو قەدىمكى مەدەنىيەتلىك دۆلەتلەر بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە مۇناسىۋىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. ھىندىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ياخشى مۇناسىۋىتى مۇرەككەپ ھەم ئۆزگىرىشچان خەلقئارا ۋەزىيەتنى تۇراقلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق جەھەتتىكى يوشۇرۇن كۈچنى چوڭقۇر قېزىپ، خەلقئارا ئىشلاردا ئالاقىلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، بىر- بىرىنىڭ يادرولۇق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلىرىگە ھۆرمەت قىلىشى ھەم ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. ھىندىستان جۇڭگونىڭ ھىندىستاننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرىشىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدە ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقىنى قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.
 ۋاڭ خۇنىڭ، لى جەنشۇ، ياڭ جيېچى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.
 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئاستانا، 9-ئىيۇن تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6-ئاينىڭ 9-كۈنى ئاستانىدە ئىسپانىيە پادىشاھى فېلىپې Ⅵ بىلەن كۆرۈشتى.
 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو جۇڭگو- ئىسپانىيە مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىسپانىيە خان جەمەتىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشنى باشتىن- ئاخىر قەتئىي قوللىغانلىقىغا ۋە پائال ئىلگىرى سۈرگەنلىكىگە ئاپىرىن ئېيتىدۇ. بىز ئىسپانىيە بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ بەخت يارىتىشنى خالايمىز. ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، بىر- بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىنى ۋە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مۇھىم مەسىلىلىرىنى قەتئىي قوللىشى كېرەك. تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنى جىپسىلاشتۇرۇشقا كۈچەپ، پۇل مۇئامىلە، تېلېگراف، ھاسىلىي ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى، بىيودورا، ئاۋىياتسىيە، ئالەم قاتنىشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، يەرلىك ۋە ئەل ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مائارىپ، ساياھەت، تەنتەربىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش كېرەك. خەلقئارا ۋە رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىدە كېڭىشىش ۋە ھەمكارلىشىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، ئىقتىسادنى دۇنياۋىلاشتۇرۇشنى تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، تەڭپۇڭ يۆنىلىش بويىچە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جۇڭگو ئىسپانىيەنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ قاتنىشىشىنى، جۇڭگونىڭ يىۋۇ شەھىرى بىلەن مادرىد ئارىلىقىدا قاتنايدىغان جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىدىن بىرلىكتە ياخشى ھەم تولۇق پايدىلىنىشىنى قارشى ئالىدۇ. جۇڭگو ياۋروپانىڭ بىرگەۋدىلىشىش مۇساپىسىنى قەتئىي قوللايدۇ، ئىككى تەرەپ تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش، ئىسلاھ قىلىش، مەدەنىيەتتىن ئىبارەت تۆت چوڭ ساھەدىكى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى پائال ئورنىتىشى كېرەك. ئىسپانىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئاكتىپ رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو- ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاققىچە ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا پائال تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
 فېلىپې Ⅵ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىسپانىيە بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا ئىقتىساد- سودا، سىياسىي، مەدەنىيەت ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىدا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئىسپانىيە جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشىنى مۇستەھكەملەپ، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ھەر ساھەدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى دۇنيا ئىقتىسادىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. ئىسپانىيە «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسى ئىچىدە ئۇل ئەسلىھە، ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىققا پائال قاتنىشىشنى خالايدۇ.
 ۋاڭ خۇنىڭ، لى جەنشۇ، ياڭ جيېچى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.
 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئاستانا، 9-ئىيۇن تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6-ئاينىڭ 9-كۈنى ئاستانىدە تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭى بەردى مۇھەممەدوۋ بىلەن كۆرۈشتى.
 شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن تۈركمەنىستان ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھلاردۇر. ھازىر جۇڭگو بىلەن تۈركمەنىستاننىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى بولۇۋاتىدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، پۇختا ھەمكارلىقى داۋاملىق چوڭقۇرلىشىپ، خەلقئارا ئىشلاردا قويۇق ھەمكارلىشىپ كېلىۋاتىدۇ. جۇڭگو ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 25 يىللىقىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئۆزئارا قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، ئۆزئارا پايدا يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن تۈركمەنىستاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاشنى خالايدۇ.
 شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: يېڭى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو بىلەن تۈركمەنىستان يۇقىرى قاتلام ۋە ھەرقايسى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، يوشۇرۇن كۈچلەرنى تولۇق قېزىپ، پائال ئىزدىنىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ كېيىنكى باسقۇچتىكى ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى ئورتاق پىلانلىشى كېرەك. ئادىمىيەت ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. بىز تۈركمەنىستاننىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى بالدۇرلا قوللىغانلىقىغا ۋە ئۇنىڭغا قاتناشقانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇيمىز، جۇڭگو تۈركمەنىستان بىلەن بىرلىكتە «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسى ئىچىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.
 بەردى مۇھەممەدوۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تۈركمەنىستان بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 25 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ياخشى بولدى. ئىككى تەرەپ بىر- بىرىنىڭ يادرولۇك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلىرى ۋە خەلقئارا ئىشلارنى قوللاپ، ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىقىدا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. تۈركمەنىستان تىرىشىپ تۈركمەنىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ، جۇڭگو بىلەن بولغان يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسى ئىچىدە تەبىئىي گاز، پاكىز ئېنېرگىيە، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، قاتناش- تىرانسپورت ئۇل ئەسلىھەلىرى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، مائارىپ، مەدەنىيەت قاتارلىق ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. تۈركمەنىستان- جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇچقاندەك تېز تەرەققىي قىلىشىنى چىن قەلبىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.
 ياڭ جيېچى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى