قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى ۋە سەھرا ساياھەتچىلىكى ئۈزلۈكسىز جانلاندى

2017-07-14 19:08:53     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى ۋە سەھرا ساياھەتچىلىكى ئۈزلۈكسىز جانلاندى. قىش پەسلىدە قار - مۇز ساياھىتى، باھار پەسلىدە گۈل- چېچەك سەيلىسى، ياز پەسلىدە يېزىلاردىكى دېھقانلار ئارامگاھلىرىدا سالقىنداش، كۈزدە ئېتىز - ئېرىق بويلىرىدا سەيلە قىلىش ئەۋج ئالدى، شۇنداقلا ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تەرەققىياتىنىڭ يېڭى يارقىن نۇقتىسىغا ئايلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشچە، بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇن 6050كە، كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 17مىليون 390 مىڭ ئادەم (قېتىم)گە، ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار تەخمىنەن 60 مىڭغا يەتكەن. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەملىكەت بويىچە ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى ۋە سەھرا ساياھەتچىلىكىدىكى ئۈلگىلىك ناھىيەدىن ئونى، مەملىكەت بويىچە ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا - كەنت ساياھەت ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسىدىن 19ى، جۇڭگودىكى گۈزەل ئىستىراھەت يېزىسىدىن 13ى، جۇڭگونىڭ مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەدەنىيەت مىراسى تۈرىدىن ئۈچى بار ئىكەن.
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى