قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شەندۇڭ ئۆلكىسى كەسپتە ياردەم بېرىش ئارقىلىق، يەرلىكتىكى ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى

2017-07-14 19:08:49     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، شەندۇڭ ئۆلكىسى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېڭىشەھەر ناھىيەسى، يېڭىسار ناھىيەسى، يوپۇرغا ناھىيەسى، مەكىت ناھىيەسى قاتارلىق 4 ناھىيەسىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاشنى باشتىن - ئاخىر ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، كەسپتە ياردەم بېرىش ئارقىلىق، يەرلىكتىكى ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى ئوتتۇرا كەسپىي تېخنىكومىنىڭ ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش بويىچە تەربىيەلەش سىنىپىدا، ھۈسىيىن تۇرسۇن ئوقۇغۇچىلارغا ئاپتوموبىل سۇ ساندۇقىنى چۇۋۇش ۋە قۇراشتۇرۇشنى قولمۇ - قول ئۆگىتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ پىشقان ماھارىتى، تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشلىرىنى ئاڭلىغان ۋە كۆرگەن كىشىلەر ئۇنىڭ بۇلتۇر مۇشۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن يېڭى ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكىنى ئويلاپ يېتەلمەيتتى. ھۈسىيىن تۇرسۇن مۇنداق دېدى: بىر ئايدا 3 مىڭ يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلىمەن. مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، مەكتەپ بىلەن ھەمكارلاشقان كارخانا تەرىپىدىن ئىشچىلىققا قوبۇل قىلىندىم. ھازىر يەنە ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۆتىدىغان بولدۇم. تېخنىكا جەھەتتە داۋاملىق تىرىشىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى تەربىيەلەيمەن.
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى