قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تۇرپان شەھىرى «سۇغا قاراپ يەرنى بېكىتىش، سۇغا قاراپ ئىشلەپچىقىرىشنى بېكىتىش، سۇغا قاراپ شەھەرنى بېكىتىش» تەك تەرەققىيات ئومۇمىي پىلانىنى يولغا قويدى

2017-07-14 19:08:49     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۇرپان شەھىرى ئايدىڭكۆلنى قوغداش ۋە تىزگىنلەش سالمىقىنى زورايتىپ، قۇملىشىپ كېتىشتىن مۇداپىئە كۆرۈش ئېكولوگىيە ئورمان قۇرۇلۇشى ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، «سۇغا قاراپ يەرنى بېكىتىش، سۇغا قاراپ ئىشلەپچىقىرىشنى بېكىتىش، سۇغا قاراپ شەھەرنى بېكىتىش» تەك تەرەققىيات ئومۇمىي پىلانىنى يولغا قويدى. شەھەر بويىچە ئەسلىدە ماشىنىلاشقان ئېلېكتىرلىك قۇدۇقتىن 6 مىڭ 700 نەچچىسى بولۇپ، ھازىرغىچە 500 نەچچىنى تاقىدى. ئىشلىتىلىۋاتقان 214 كارىز قۇدۇقىغا يىراقتىن نازارەت قىلىپ كونترول قىلشنى يولغا قويدى...بىر قاتار قاتتىق قوغداش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش ئارقىلىق، ئىككى يىلدىن بۇيان، تۇرپان شەھىرىنىڭ نوپۇسى ئۆزلۈكسىز كۆپەيگەن بولسىمۇ، لېكىن ئومۇمىي سۇ ئىشلىتىش مىقدارى يىلدىن- يىلغا ئازىيىپ، ئىلگىرىكى يىلىغا 1 مىليارد 400 مىليون كۇب مېتىردىن ئازىيىپ ھازىرقى 1 مىليارد 280 مىليون كۇب مېتىرغا چۈشتى. يۇقىرى ئېقىمنىڭ سۇ ئىشلىتىش مىقدارى كونترول قىلىنىپ، ئايدىڭكۆلگە سۇ تولۇقلاش مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، بۇلتۇر، ئايدىڭكۆلنىڭ سۇ يۈزىنىڭ كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغاندا 12 كۋادرات كىلومېتىرغا يەتتى.
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى