قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كېرىيە ناھىيەسى جاي يېزىسى بىلەن شەنبەبازار بازىرى ئۇرۇقچىلىق مەيدانى كەنتى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، تەتىل مەزگىلىدە ئۆيىگە قايتقان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار پوزىتسىيە بىلدۈرۈش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى

2017-07-26 13:53:53     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
7-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، كېرىيە ناھىيەسى جاي يېزىسى بىلەن شەنبەبازار بازىرى ئۇرۇقچىلىق مەيدانى كەنتى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، تەتىل مەزگىلىدە ئۆيىگە قايتقان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار پوزىتسىيە بىلدۈرۈش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايون ئىچىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرى، ئىچكىرىي ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى ۋە ئىچكىرىي ئۆلكىلەردىكى ئالىي مەكتەپلەردىكى تەتىل مەزگىلىدە ئۆيىگە قايتقان ئوقۇغۇچىلار ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىسى ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن ۋە قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋلاتلىرى بىلەن يۈز- تۇرانە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە بولغان مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلىدى ھەمدە ئەمەلىي ھەركىتى ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كېرىيە ناھىيەسى شەنبەبازار بازىرى ئۇرۇقچىلىق مەيدانى كەنتى ئاھالىلار كومىتېتىنىڭ پائالىيەت مەركىزىدە، قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋرىسى رەيھانگۈل ئىمىنجان ئىچكىرىي ئۆلكىلەردە ئوقۇۋاتقان، تەتىل مەزگىلىدە ئۆيىگە قايتقان ئاكا- ئاچىلىرىدىن خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىش ئۇسسۇلىنى ئىگىلىدى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىچكىرىي ئۆلكىلەردىكى ئۆگىنىش جەريانىغا قۇلاق سالدى. رەيھانگۈل ئىمىنجان مۇنداق دېدى: «ئاكا- ئاچىلارنىڭ خەنزۇ تىلىنى شۇنداق راۋان سۆزلىگەنلىكىنى ئاڭلاپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ماھارەت ئىگىلەپ، چوڭ بولغاندا ۋەتەنگە جاۋاپ قايتۇرۇش ئىرادەم يەنىمۇ ئاشتى».
كېرىيە ناھىيەسى جاي يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يىغىن زالىدا، ئاپتونوم رايون ئىچىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرى، ئىچكىرىي ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى ۋە ئىچكىرىي ئۆلكىلەردىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان، تەتىل مەزگىلىدە ئۆيىگە قايتقان 90گە يېقىن ئوقۇغۇچى ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننىڭ «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا مۇراجىئەتنامە» توغرىسىدىكى سۆزلىرى ۋە يۇرتىنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدىكى تۇنۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى. جاي يېزىسى بويىچە تۇنجى قېتىم ئاپتونوم رايون ئىچىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپىغا قوبۇل قىلىنغان ئالىمجان مەخمۇت 12 يېشىدىن باشلاپلا قاراماي، گۇاڭجۇ، نەنجىڭ قاتارلىق جايلاردا تولۇقسىز ئوتتۇرا، تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرسلىرىنى تاماملىغان بولۇپ، بۇ يىل ئوتتۇرا جۇڭگو پەن- تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى تۇڭجى دوختۇرخانىسى كېلىنكىلىق داۋالاش جىگەر تاشقى كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ ئاسپىرانتلىقىغا قوبۇل قىلىنغانىدى. ئۇ: «تىرىشىپ ئوقۇپ، ئەمەلىي ھەركىتىم ئارقىلىق، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ھىممىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، ئانا يۇرتۇمغا جاۋاپ قايتۇرىمەن»، -دېدى.
كېرىيە ناھىيەسى جاي يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن مۇنداق دېدى: تەتىل مەزگىلىدە ئۆيىگە قايتقان ئوقۇغۇچىلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئۆز ھىكايىسى ئارقىلىق ئاممىنى تەربىيەلىدى. بۇ بالىلار جاي يېزىسىنىڭ كەلگۈسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇلاردىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ، جاي يېزىسىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئىرادەم ۋە ئىشەنچىم يەنىمۇ ئاشتى.

تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى