قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

خوتەن ۋىلايەتلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ قاراقاش ناھىيەسىنىڭ زاۋا بازىرى قۇمئېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى تۈرلۈك يوللار بىلەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كونا ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بەردى

2017-08-07 18:22:40     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
ئىستانسىمىز خەۋىرى:
خوتەن ۋىلايەتلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ قاراقاش ناھىيەسىنىڭ زاۋا بازىرى قۇمئېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇشنى باشتىن- ئاخىرى ئاساسىي خىزمەت قىلىپ، تۈرلۈك يوللار بىلەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كونا ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بەردى.
كەنتتىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى مەمەتئىمىن نۇر مۇزىكىسىنى ئىشلەپ، تېكىستىنى يازغان «كومپارتىيە ياخشى» ناملىق ئۇيغۇرچە ناخشا ناھايىتى جۇشقۇن ئورۇندىلىۋاتاتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىز خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر بىلەن خۇددىي بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك مۇڭدىشالايمىز، بىز ياخشى سىياسەتلەردىن بەھرىمەن بولۇپ، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىگىلىدۇق. مەن ماتىرياللارنى رەتلەپ «قۇمئېرىق كەنتىدىكى يېڭى ئىشلار» دېگەن تېمىدا كىتاب يازماقچى بۇلىۋاتىمەن. بىز ئەتراپىمىزدىكى ئىشلارنى سۆزلىمەكچى. بۇمۇ بىزنىڭ كەلگۈسىدىكى ياخشى تەشۋىقات ماتىرىيالىمىز بولۇپ قالىدۇ.
خوتەن ۋىلايەتلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ قاراقاش ناھىيەسىنىڭ زاۋا بازىرى قۇم ئېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى سۈن دۇشىڭ دائىم «كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىدىيەسىنىڭ ئۆزگىرىش دەرىجىسى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى تەكشۈرۈشتىكى مۇھىم ئۆلچەم» دەيتتى. خىزمەت ئەترىتى بۇ يىل 3- ئايدا كەنتكە ئورۇنلاشقاندىن بۇيان، دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىغا ئەڭ قاتتىق تەلەپ قويدى. سەۋەبسىزلا بايراق چىقىرىشقا قاتناشمىغانلار، بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشتا ئارىسالدا بولغانلار، تاشقى قىياپىتىگە دىققەت قىلمىغانلارنىڭ ھەممىسىنى تەنقىدلەش، ئەگەر ئىككى قېتىم سەۋەبسىزلا بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشمىغانلارنى كەنتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن جازالاشنى بېكىتتى.
ھازىر، دۆلەت بايرىقىنى چىقىرىش كەنت ئاھالىلىرى ھەر ھەپتىدە جەزمەن قاتنىشىدىغان مۇھىم پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. تەنتەنىلىك دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىدا پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسىنى ئوقۇش، «ئۈچ خىل كۈچ» كە قارشى ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە ئوخشاش كۆپچىلىك دۆلەت بايرىقى ئاستىدا مەيدانىنى ئېنىق قىلىپ، پارتىيەنىڭ ھىممىتىگە بولغان مىننەتدارلىق ھىسسىياتىنى ئىپادىلەش كۆپچىلىكىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى بولۇپ قالدى. بۇنىڭدىن باشقا، خىزمەت ئەترىتى يەنە بەش يۇلتۇز دەرىجىلىك پارتىيە ئەزالىرىنى بەرپا قىلىش خىزمىتى ئەندىزىسىدىن پايدىلىنىپ كەنتتىكى پارتىيەلىك كادىرلارغا نومۇر قويۇپ، ئۇلارنى ئۆزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇردى. نەبىجان نۇرمەمەت ئىسىملىك پارتىيەلىك كادىر مۇنداق دېدى: 3- ئاينىڭ ئاخىرىدا پارتىيە ئەزالىرىغا نومۇر قويغاندا مەن 47.5 نومۇرغا ئېرىشتىم. شۇ كۈندىن باشلاپ ئۆزەمگە قاتتىق تەلەپ قويدۇم، ھازىر 75 تىن 80 نومۇرغىچە ئالالايدىغان سەۋىيەگە يەتتىم. خىزمەت ئەترىتى كەلگەندىن كېيىن، پارتىيەۋېلىكىمىز ۋە مەيدانىمىز تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، قانداق قىلغاندا بىر لاياقەتلىك پارتىيە ئەزاسى بۇلىغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۇق».
سۈن دۇشىڭ مۇنداق دېدى: يېرىم يىل ئۆزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، نۆۋەتتە كەنتتىكى ھەر قانداق چوڭ پائالىيەتلەردە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سىماسىنى كۆرەلەيدىغان بولدۇق، ھەر قانداق چوڭ ئىشلارنى پارتىيە ئەزالىرى بىرلىكتە قارار چىقىرىپ ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدىغان بولدى. پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى ئىچىدىكى ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى بىلەن مەركەزگە ئىنتىلدۈرۈش كۈچى بارغانسىرى ئاشماقتا.
تەرجىمان: ئامىنە نۇرئەخمەت
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى