قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

چېن چۈەنگو ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ باشلىقى جۇڭۋېي ۋۇيەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى

2017-09-11 19:48:02     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
ئىستانسىمىز خەۋىرى:
   ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو مۇشۇ ئاينىڭ 5- كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ باشلىقى جۇڭۋېي ۋۇيەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن جۇڭۋېي ۋۇيەننىڭ شىنجاڭغا خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈش ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئىنىستېتوتىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارىشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۇزۇندىن بۇيان، ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى ھەمدە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى قىسقىچە تونۇشتۇردى.
چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇستەھكەم رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتى ئىناق ۋە مۇقىم بولۇپ، ئىقتىساد سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىپ ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشى سىجىل ياخشىلىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مۇستەھكەملىنىپ ۋە كۈچىيىپ، تۇرمۇش مۇھىتى ئۈزۈكسىز ياخشىلاندى. بولۇپمۇ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر يولغا قۇيۇلۇشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەۋزەللىكى گەۋدىلىنىپ، غايەت زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە بولۇپ، مىسلىسىز تەرەققىيات پۇرسىتىگە يۈزلەندى ۋە كەڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە بولدى. ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى، مۇھىت ئاسراش، كەسىپ تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرى قاتارلىق جەھەتلەردىكى قوللاش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىپ، تەڭ مەنپەئەتلىنىشىنى چىن كۆڭلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.
جۇڭۋېي ۋۇيەن شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرگە يۈكسەك باھا بەردى. ئۇ مونداق دېدى: شىنجاڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى بېكىتكەن يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون، كەلگۈسى تەرەققىيات يۇشۇرۇن كۈچى زور. ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى رايون دائىرىسىدىكى مۇھىم كۆپ تەرەپلىك تەرەققىيات ئاپپاراتى بولۇش سۈپىتى بىلەن «بىر بەلباغ ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى پائال قوللاپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىدىكى تۈگۈنلۈك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، رايوننىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى ۋە شىنجاڭنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، مۇھىت ئاسراش تۈرلىرى قاتارلىقلارنى داۋاملىق كۈچلۈك پۇل مۇئامىلە ياردىمى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن لى شۆجۈن، مۇتەللىپ قاسىم، ۋەن خەيچۈەن، ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.
تەرجىمان: ئامىنە نۇرئەخمەت
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى